گوللاندىيەلىك تىجارەتچى: خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ياخشى كۆزدە قارىمايدىكەن

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر دىيارىدا زىيارەتتە بولغان بىر گوللاندىيەلىك تىجارەتچى ئۇيغۇر ئېلىگە پۇت باسماي تۇرۇپلا ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشىغا ئۇچرىغان.

ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ: خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ياخشى كۆزدە قارىمايدىكەن، دېدى.

بۇ ھەقتە پىكىر بىلدۈرگەن گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ھۈسەنجان تەجەللىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىقىدەك مۇئامىلىسى رايوندىكى مەسىلىلەرنى تەن ئالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

سۆھبەت دىئالوگى

- ئىسمىڭىز نېمە؟
- ئىسمىم سەئىد.
- ئاڭلىشىمىزچە سىز ئۈرۈمچىگە بېرىپ كەپسىز، شۇنداقمۇ؟
- ھەئە. بۇلتۇر ئۆكتەبىر ئايلىرىدا بېرىپ كەلدىم.
- قانداق تۇيغۇدا بولدىڭىز؟
- ناھايىتى ياخشى. گۈزەل بىر مەنزىرە. ئۆزگىچە ساياھەت ۋە ئىنتايىن مېھماندوست ئادەملەر.
- ئۇ يەردە قانچىلىك تۇردىڭىز؟
- ئىككى ھەپتە.
- سىزگە نىسبەتەن ئالاھىدە تۇيۇلغان ئىشلاردىن نېمىلەرنى كۆردىڭىز؟
- مەن ئۇ يەرگە بارغىنىمدىلا، سىياسىي مەسىلىلەرگە نىسبەتەن ئىنتايىن سەزگۈر قارايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن ئارىلىشىشتا دىققەت قىلىشىم ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇلدۇم. مەن ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ ئارىسىدا قانداق زىددىيەت بارلىقىنى تولۇق بىلمىدىم، ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياخشى كۆزدە قارىمايدىغانلىقىنى سەزدىم.
- سىز ئۇ يەرگە بېرىشتا ۋىزا ئىلتىماس قىلىش ئىشلىرىڭىز قانداق بولدى؟ بۇ ھەقتە بىر ئاز سۆزلەپ بېرەمسىز؟
- ۋىزا ئېلىش ناھايىتى تەسكەن. نورمالدا خىتايغا بېرىشتا ۋىزا ئېلىش شۇنداق ئاسان ئىدى. مەسىلەن: سىز بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق شەھەرلەرگە بارسىڭىز ئاسانلا بېرەتتى. ئەمما، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەر ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا مەسىلەن: ئۈرۈمچى، تىبەت قاتارلىق ئالاھىدە رايونلارغا بارىدىغانلارنىڭ ۋىزا ئىشلىرى ھەقىقەتەن تەسكەن. مەن ئۇيغۇر دىيارىغا بارىدىغانلىقىمنى ئېيتقىنىمدا «نېمىگە بارىسەن؟»، «قانچىلىك تۇرىسەن؟»، «نېمە ئىش قىلىسەن؟» دېگەنگە ئوخشاش ناھايىتى كۆپ سوئاللارغا دۇچ كەلدىم.
- سىز ئۈرۈمچىدە ئىككى ھەپتە تۇرۇش بىلەن قانداق چۈشەنچىگە كەلدىڭىز؟
- مەن ھەممە يەرنى تولۇق كۆرۈپ بولالمىدىم. ۋاقتىم قىس بولغانلىقى ئۈچۈن كۆپ دىققەتمۇ قىلىپ كېتەلمىدىم. ئەمما، ئۇ يەردە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ تازا ياخشى ئەمەسلىكىگە جەزم قىلدىم.
- ئۈرۈمچىگە يەنە بېرىش ئويىڭىز بارمۇ؟
-ئەلۋەتتە. بارغۇم بار.
- سىز قاچاندىن بېرى ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى بىلىسىز؟
- ئانچە ئۇزۇن بولمىدى. 2-3-يىلچە بولدى. دېسەممۇ بولىدۇ.

يۇقىرىقى مەسىلە ھەققىدە ئىنكاس بەرگەن گوللاندىيەدىكى دىنىي زىيالىي ھۈسەيىن تەجەللى ئەپەندى، خىتايلارنىڭ بۇ خىل پوزىتسىيىسى ھېچنېمە بىلەن كارى يوق، تۈگمەن مىجەز تىجارەتچىلەردىمۇ ئالاھىدە دىققەت پەيدا قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ دەل بۈگۈنكى مۇھاجىر ئۇيغۇرلار بەدەل بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىق دەۋاسىنى دۇنياغا بىلدۈرۈش ئارزۇسىغا توغرا كەلمەكتە. مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلارنى كۆرگەن ئەقىل ئىگىسى دانالارنىڭ بۇ ھەقتىكى ھېكمەتلىك خىتابلىرىدىن «ئۇلارنىڭ بىر پىلانى بولسا، ئاللاھنىڭمۇ بىر پىلانى باردۇر» دېگەن سۆزىنى ئەسلەيدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.