دائىرىلەر تۈمەن مىڭ كىشىنى ھېيتگاھ جامەسى ئالدىدا ئۇسۇلغا سالدى

0:00 / 0:00

قەشقەر دائىرىلىرى خىتاينىڭ چاغان بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش يۈزىسىدىن ئورۇنلاشتۇرغان چوڭ تىپتىكى مەدەنىيەت پائالىيىتىنىڭ بىرى سۈپىتىدە ھېيتگاھ جامەسى ئالدىدا مەيدانغا كەلتۈرگەن تۈمەن مىڭ كىشىلىك كىچىك ئالما ئۇسۇلى، خىتاينىڭ چوڭ-كىچىك تور بەتلىرىدىن باشقا، چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدىنمۇ ئورۇن ئالدى.

مەيداندا قەھرىتان سوغۇققا قارىماي 10 مىڭ نەپەر خىتايچە پۇراقتا كىيىندۈرۈلگەن ئۇيغۇر بالىلىرى، ساقاللىق ئىماملار، ئەر ئايال، قېرى-ياش، ئۆسمۈر-بالىلار ھەممىنىڭ قوللىرىدا خىتاينىڭ قىزىل بايراقلىرىنى تۇتۇپ ئوخشاش مۇزىكىغا ئۇسۇل ئويناۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى مەتبۇئاتلاردا ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە ئوخشىمىغان ئىنكاسلارنى قوزغىماقتا.

ئەسلى خىتاي ئىچىدىن تارالغان «كىچىك ئالما» ناخشىسى نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدا بولسا دائىرىلەر تەرىپىدىن مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى، دىنىي رادىكاللىققا قارشى، ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تەشۋىق قىلىدىغان سىياسىي تېكىستلەر كىرگۈزۈپ ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر جايلاردا ھەر ساھەلەر بويىچە ۋەزىپە قىلىنىپ مۇنتىزىم مەشىق قىلدۇرۇلۇۋاتقان يەنە بىر نۆۋەتلىك سىياسىي ھەرىكەتكە ئايلانغان. قەشقەر مەمۇرىي تورىدا بېرىلگەن خەۋەردە دېيىلىشىچە، كىچىك ئالما مەيدان ئۇسۇلى مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇلغان ئورۇن ۋە ئامما بۇلتۇر 9-ئايدىن باشلاپ مۇنتىزىم مەشىق قىلدۇرۇلۇۋاتقان ئىكەن.

قەشقەر تېلېۋىزىيىسىنىڭ خىتايچە خەۋەرلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ «كىچىك ئالما» ئۇسۇلى بىر نەچچە ئايدىن بۇيان مەكتەپلەردە گىمناستىكا ئورنىدا ئوينالسا، ئىدارە-ئورگانلاردا ھەتتا يېزا، كەنتلەردىكى سىياسىي ئۆگىنىش پۇرسەتلىرىدە مەخسۇس مەشىق قىلدۇرۇلغان. رادىئومىز مۇخبىرلىرىنىڭ ئىلگىرى ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىدىن بۇ خىل سىياسىي تۈس ئالغان «كىچىك ئالما» ئۇسۇلى مۇسابىقىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلاملاردا مەجبۇرىي ئېلىپ بېرىلغانلىقى مەلۇم.

قەشقەر ياۋاغدا ئولتۇرۇشلۇق بىر كىشى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، گەرچە ئۆزى كىچىك ئالما ئۇسۇلى مۇسابىقىسىگە قاتناشمىغان بولسىمۇ، ئەمما مەيدانغا تاماشىبىن سۈپىتىدە تەشكىللىك بارغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئۆزىگە بۇ ئىشلار بىمەنە كۆرۈنسىمۇ، سىياسەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا كۆپ سۆزلەشكىمۇ ئىمكانسىز ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ھەرىكەت دىنىي رادىكاللىققا قارشى ئېلىپ بېرىلغان سىياسىي پائالىيەت بولغاندىن باشقا يەنە، قەشقەردە ئېلىپ بېرىلغان گۈزەللىك قۇرۇلۇشى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، شۇڭا ئائىلىدە ئولتۇرغان ئاياللار كۆپرەك قاتناشتۇرۇلغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھېيتگاھتا ئېلىپ بارغان بۇ ھەرىكىتىنى كۈچلۈك ئەيىبلەپ «خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ سىياسىي غەرىزىگە يېتىشىپ ئۈچۈن ئون مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنى قەستەن ھېيتگاھتەك دىنىي ۋە مىللىي سىمۋوللۇق مەيدانغا يىغىپ مەجبۇرىي ئۇسۇل ئوينىتىشى، ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىلىقى، ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرىغا ۋە غۇرۇرىغا قىلىنغان تاجاۋۇزچىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەددىدىن ئاشقان بۇ خىل ھەرىكەتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ غەزىپىنى ئاشۇرۇشتىن باشقا رول ئوينىمايدۇ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن رايوننىڭ تىنچلىقى ئۈچۈنمۇ پايدىسىز بولغان بۇ خىل تاجاۋۇز ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىمىز» دەپ بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى مۇئاۋىن رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى، خىتاينىڭ ھېيتگاھتەك بىر ئۇلۇغ جايدا ئۇيغۇر دىنىي ئۆلىمالىرىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئالدىدا ئۆزى خالىغان ئۇسۇلغا مەجبۇرىي سېلىشنىڭ ئۆزى، ئەمەلىيەتتە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتۇۋاتقان دىنىي، مىللىي سىياسىتىنى پاش قىلدى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادەت، مەدەنىيىتىنى ھۆرمەتلىمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى دەپ مۇلاھىزە قىلدى ۋە بۇ، پۈتۈن ئۇيغۇرلارغا ھاقارەت قىلغانلىق دەپ ئەيىبلىدى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ بۇ خىل مەدەنىيەت بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىدىن پەخەس بولۇشقا چاقىردى.

8-فېۋرال ھېيتگاھ مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلغان كىچىك ئالما مەيدان ئۇسۇلى مۇسابىقىسى دائىرىلەر ئورۇنلاشتۇرغان بىرىنچى پەسىللىك مۇسابىقە بولۇپ، ئالدىمىزدا يەنە ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى پەسىللىك مۇسابىقىلىرىنى ئېلىپ بارىدىكەن. بۇلتۇر 30-ئىيۇل، قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئىمامى جۈمە تاھىر، تۈمەن مىڭ كىشى ئۇسۇل ئوينىغان دەل مۇشۇ ھېيتگاھ مەيدانىدا 3 پىدائىي تەرىپىدىن پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.