خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتېرنېتقا قاراتقان قامالىنى «دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيىسى» نامىدا يۈرگۈزمەكچى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016.12.28
xitay-internet-cheklesh-weibo.jpg خىتاي پۇقراسىنىڭ كافېخانا ئىنتېرنېتىنى ئىشلىتىپ ۋېيبو قاتارلىق تور بەتلىرىگە كىرىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2012-يىلى 2-ئاپرېل، بېيجىڭ.
AFP

خىتاي دۆلەتلىك ئىنتېرنېت ئۇچۇر ئىشخانىسى 27-دېكابىر سەيشەنبە كۈنى «دۆلەت ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيىسى» ناملىق ھۆججەتنى ئېلان قىلغان ئىدى.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بۇنىڭ خىتايدىكى ئىنتېرنېت ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ قامال قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ھۆججەت چەتئەللەرنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق شىركەتلىرى ۋە مۇستەقىل ئورگانلىرىنىڭمۇ خىزمىتىنى قىيىنلاشتۇرىدىكەن.

خىتاي دۆلەتلىك ئىنتېرنېت ئۇچۇر باشقۇرۇش ئىشخانىسى سەيشەنبە كۈنى «دۆلەت ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيىسى» ناملىق بىر ھۆججەتنى ئېلان قىلغان ئىدى. بۇ ھۆججەتنىڭ ئېلان قىلىنىشى خەلقئارا مەتبۇئاتلار ۋە شۇنداقلا خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، يۇقىرىدىكى ھۆججەتنى 2017- يىلىنىڭ خىتايدىكى ئىنتېرنېت قوللانغۇچىلىرى شۇنداقلا خىتايدا تۇرۇشلۇق چەتئەل تېخنىكا شىركەتلىرى ھەم مۇستەقىل ئورگانلىرى ئۈچۈن يەنىمۇ مۇرەككەپ بىر يىل بولىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى، دەپ كۆرسەتكەن. نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى خەۋىرىدە بۇ ھەقتە توختىلىپ «ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان بۇ ھۆججەت، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېتقا قارىتىلغان باشقۇرۇشنى بىر تۇتاشلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تېخىمۇ كەڭ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇ خىتايدىكى ئىنتېرنېتقا قارىتىلغان قاتتىق كونترولنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ بىر نامايەندىسى. چۈنكى ئۇ، خىتايدا ئۆتكەن ئاي رەسمىيلەشكەن ئىنتېرنېت بىخەتەرلىك قانۇنىنىمۇ بېسىپ چۈشىدۇ» دەپ بايان قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئىنتېرنېت بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيىسى مەركىزى ئىنتېرنېت بىخەتەرلىك رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ بىۋاسىتە تەستىقلىشى ۋە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلەتنى كۈچلەندۈرۈش ئىستراتېگىيىلىك نىشانىغا ئاساسەن تارقىتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە، دۆلەت ھاكىمىيىتىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان، پۇقرالارنىڭ شەخسى ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى مەنپەئەتىگە، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ روھىي، جىسمانىي ساغلاملىقىغا بىۋاسىتە زىيان يەتكۈزىدىغان ئۇچۇرلارنىڭ تارقىلىشىغا زەربە بېرىش» تەكىتلەنگەن ئىكەن.

ئامېرىكىدىكى بېيجىڭ باھارى ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، خىتاي ۋەزىيەت كۆزەتكۈچىسى خۇ پىڭ ئەپەندى بۈگۈن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە يۇقىرىدىكى ھۆججەتكە «ئىنتېرنېت بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيىسى» دېگەن نامنىڭ بېرىلىشىنىڭ دىققەت قوزغايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنى شى جىنپىڭنىڭ قامالنىڭ دەرىجىسىنى كۆتۈرگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى دەيدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىستراتېگىيە دېگەن مەسىلىگە كەلسەك، بۇ قامالنى ئىپادىلەيدۇ. ھازىر ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق ئالاقە قىلىش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش ئىنتايىن ئاسانلىشىپ كەتتى. شى جىنپىڭ مانا بۇنى ئۆزىگە بىر تەھدىت دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئۇ، سىياسىي جەھەتتىن ئۆز ھاكىمىيىتىگە زىيانلىق ھەرقانداق قارشى پىكىرلەرنى باستۇرۇشنى دۆلەت ئىستراتېگىيىسى دەرىجىسىگە كۆتۈرگەن گەپ. نۆۋەتتىكى خىتاي ۋەزىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتساقمۇ، ھۆكۈمەتكە قارشى ھەرقانداق تەنقىدى پىكىر بەرگەن كىشىلەرگە ‹دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش› دېگەندەك چوڭ قالپاقلار كىيدۈرۈلۈپ باستۇرۇلماقتا.»

يېقىندا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى بولغان «ئەركىنلىك سارىيى» ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىل ئىچىدە ئوخشىمىغان يېڭى قانۇن-تۈزۈملەر، يوشۇرۇن ياكى ئوچۇق ھۆججەتلەر ئارقىلىق ئۇچۇرغا قاراتقان كونترولىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتكەنلىكىنى، جۈملىدىن ئاخبارات-مەتبۇئات ئورگانلىرى، رادىيو-تېلېۋىزىيە، ئىنتېرنېت-تور بېكەتلىرى، يانفون ئەپلىرى، نەق مەيدان كۆرۈنۈش تارقىتىدىغان تور بەت ياكى قول تېلېفون ئەپلىرىنىڭ ھەممىسىگە يۇقىرىقىغا ئوخشاش بۇيرۇق-ھۆججەتلەرنى چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىغانلارنى، تەلەپلىرىگە ئەمەل قىلمىغان شەخس ۋە ياكى ئورگانلارنى جازالاشنىمۇ تەڭ كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېت - ئۇچۇر تورىنى بۇنداق قاتتىق قامال قىلىشى، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ يوقلۇقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى خۇ پىڭ ئەپەندى بولسا ئىنتېرنېت تورىغا قارىتىلغان قامالنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەت ئاپتونوم رايونلىرىدا ئالاھىدە چىڭلىقىنى، بۇ سەۋەبلىك جازالانغان كىشىلەرگە بېرىلىدىغان جازانىڭمۇ ئالاھىدە ئېغىرلىقىنى بىلدۈردى: «ئىنتېرنېت كونتروللۇقى شىنجاڭ ۋە تىبەتتە ئالاھىدە كۈچلۈك. بۇ جايلاردا توردا ‹دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيانلىق ئۇچۇرلارنى تارقىتىش› دېگەن جىنايەت بىلەن ئېغىر قاماق جازاسى بېرىلگەنلەر خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىدىن كۆپ ۋە ئۇلارغا بېرىلگەن جازامۇ ئېغىر. ئۇيغۇر ۋە تىبەت پۇقرالىرى بىر ياقتا تۇرسۇن، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خىتاي پۇقرالىرىغا بېرىلىدىغان جازامۇ ئىچكىرىدىكى ئۆلكىلەردىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئىنتايىن ئېغىر. بۇنىڭ تىپىك مىسالى جاڭ خەيتاۋ. ئۇ ئىنتېرنېتتا ئېلان قىلغان پىكىرلىرى سەۋەبلىك «ئىنتېرنېتتا دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش»، «مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» دېگەندەك جىنايەتلەر بىلەن شىنجاڭدىكى سوت تەرىپىدىن 19 يىللىق قاماق جازاسىغا ئۇچرىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ قىلغان گەپلىرى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى نۇرغۇن تور يازغۇچىلىرىنىڭكىدەك ئېغىر ئەمەس. ئىچكىرىدىكى ئۆلكىلەردە ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق پىكىرلىرىنى جاڭ خەيتاۋدىنمۇ كەسكىن ۋە كۈچلۈك ئىپادىلىگەن نۇرغۇن زىيالىيلار بار. ئۇلار تۇتقۇن قىلىندى دېگەن تەقدىردىمۇ، جازاسى جاڭ خەيتاۋدەك ئېغىر بولمايدۇ. مانا مۇشۇلا مەسىلىنى ئوچۇق كۆرسىتىپ بېرىدۇ.»

نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، يۇقىرىدىكى بۇ ھۆججەت خىتايدىكى ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىگە يەنىمۇ ئېغىر بېسىم پەيدا قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنى ئەندىشىگە سېلىپلا قالماي، ئۇ يەنە ئامېرىكىنىڭ تېخنىكا شىركەتلىرىنىمۇ ئوخشاشلا ئەندىشىگە سالماقتىكەن. چۈنكى، ئۆتكەن ئايلاردا ئىجرا قىلىشقا باشلىغان چەتئەل شىركەتلىرى ۋە مۇستەقىل ئورگانلىرىنى باشقۇرۇش ھەققىدىكى قانۇنىدا بېكىتىلگەن ماددىلارغا ئاساسەن، ئامېرىكىنىڭ بىر قىسىم تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ ئۇچۇر -سىستېما ئامبارلىرى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈشكە مەجبۇرلانغان ئىكەن. ئەگەر بۇ «ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيىسى» دەپ نام بېرىلگەن ھۆججەت ئەمەلىيلەشكەن تەقدىردە، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئۇچۇر ۋە سىستېما ئامبارلىرىنى تەكشۈرىدىغان بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى بىردەك ئومۇملاشتۇرۇلىدىغان بولۇپ، بۇ ۋەزىيەت ئامېرىكا تېخنىكا شىركەتلىرىنىمۇ جىددىي ئويلاندۇرماقتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.