ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى مەركىلدىن خىتاي زىيارىتىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئاشكارا سۆزلىشىشنى تەلەپ قىلدى

0:00 / 0:00

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانجىلا مەركىل 28-ئۆكتەبىر خىتاي زىيارىتىنى باشلاشتىن ئىلگىرى بىر قىسىم ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى باياناتلار ئېلان قىلىپ، مەركىلنىڭ خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئاشكارا سۆزلىشىشىنى تەلەپ قىلدى.

گېرمانىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ 28-ئۆكتەبىردىكى خەۋەرلىرىدە بايان قىلىنىشىچە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى قاتارلىق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانجىلا مەركىل 28-ئۆكتەبىر خىتاي زىيارىتىنى باشلاشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭغا خەت يېزىپ ياكى باياناتلار ئېلان قىلىپ، مەركىلدىن خىتاي زىيارىتى مەزگىلىدە شى جىنپىڭ بىلەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئاشكارا سۆزلىشىشنى تەلەپ قىلغان.

گېرمانىيە دولقۇنلىرىنىڭ 28-ئۆكتەبىر خەۋەرلىرىدە تىلغا ئېلىنىشىچە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى گېرمانىيە تارمىقىنىڭ كاتىپى سەلمىن كالىسكان باش مىنىستىر مەركىلگە قارىتا چاقىرىق ئېلان قىلىپ، خىتاي دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئاشكارا سۆزلىشىشنى تەلەپ قىلغان. چاقىرىقتا شى جىنپىڭ تەختكە چىققان 2013-يىلىدىن بۇيان خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ يەنىمۇ ئېغىر چەكلىمە ۋە بېسىمغا ئۇچرىغانلىقى، ھېلىمۇ 200 دىن ئارتۇق ئادۋوكات ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىنىڭ تۈرمىدە يېتىۋاتقانلىقى، تور قامالىنىڭ كۈچەيگەنلىكى، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ بىر قىسىم ئۆكتىچى كۈچلەرگە كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىدىغان ھەرىكەتلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان. چاقىرىقتا «ئەگەر كىشىلەر خىتاينى دۇنيادىكى چوڭ دۆلەت دەپ ئېتىراپ قىلماقچى بولسا، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىۋاتقانلىقىنى كۆزىتىشى لازىم» دېگەن ھەمدە مەركىلدىن خىتاينى كىشىلىك ھوقۇققا تېخىمۇ كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرىشنى تەلەپ قىلغان.

چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى مەركىلگە يازغان خېتىدە، نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شاۋبو، گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسى مۇخبىرى گاۋ شۇ قاتارلىق تۈرمىدىكى سىياسىي تۇتقۇنلارنى ئازاد قىلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى ئۈمىد قىلغان. گېرمانىيە دولقۇنلىرىنىڭ گېرمانچە قانىلى ئېلان قىلغان بىر ماقالىدە، تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ سوت قىلىنىۋاتقان كۆرۈنۈشى ئەكس ئەتكەن فوتو سۈرەتلەر بېرىلىپ، خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۇچراۋاتقان ھەقسىزلىقلار تىلغا ئېلىنغان.

د ئۇ ق 22-ئۆكتەبىر تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بىلەن بىرگە، مەركىلگە بىر مەكتۇپ يوللىغان بولۇپ، 26-ئۆكتەبىر كۈنى بۇ مەكتۇپنىڭ مەزمۇنىنى مەتبۇئاتلارغا ئاشكارىلىغان. د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە بىزگە ئۇچۇر بېرىپ ئۆتتى.

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانجىلا مەركىلگە قارىتا خەت يوللاپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان تەشكىلاتلاردىن بىرى بولسا، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتىدۇر. مەزكۇر تەشكىلات ئاسىيا ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ئۇلرىك دېليۇس 27-ئۆكتەبىر ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مەركىلگە يوللىغان خېتىدە خىتاي ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئۇيغۇرلار، تىبەتلىكلەر، فالۈنگۇڭچىلار ۋە خىتايدىكى خرىستىئان مۇرىتلىرى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئوچۇقلىغان. ئاخباراتتا «ئەگەر خىتاينىڭ كەلگۈسىدە بىر قانۇن دۆلىتىگە ئايلىنىشقا ئېھتىياجى بولسا، ئۇ ھالدا مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار، بۇددىسىت تىبەتلىكلەر، خرىستىئان مۇرىتلىرى ۋە فالۈنگۇڭ ئەزالىرىنىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك. لېكىن تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستاندا ئەكسىچە بىر ھالەت داۋام قىلماقتا. ئۆز ھەقلىرىنى تەلەپ قىلغان تىبەتلىكلەر ۋە ئۇيغۇرلار قاتتىق تەقىب قىلىنماقتا» دېگەن ھەمدە ئىلھام توختى مەسىلىسىنى مىسالغا ئېلىپ «ئۇيغۇر ئىقتىساد پروفېسسورى ئىلھام توختى قانۇنسىز ھالدا مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىندى، ئۇ ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇجادىلە قىلغان ئىدى» دېگەن.

ئانجىلا مەركىلنىڭ 2 كۈنلۈك خىتاي زىيارىتى كۈنتەرتىپىنى ئېلان قىلغان فېدىرال جۇمھۇرىيەت سۆزچىسى كىرىستىيانى ۋىرتىزنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مەركىل خانىم بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە خىتاي رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ ۋە لى كېچاڭلار بىلەن كۆرۈشىدىكەن. سۆھبەت تېمىسى ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى، كۆچمەنلەر مەسىلىسى، گېرمانىيە ئاپتوموبىللىرى مەسىلىسى، ئىراننىڭ ئاتوم سىنىقى مەسىلىسى قاتارلىقلار بولىدىكەن.

خەۋەرلەردە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، گېرمانىيە ئۆتكەن بىر يىلدا خىتايغا جەمئىي 48 مىليارد ياۋرۇ مەبلەغ سالغان. 5 مىڭدىن ئارتۇق گېرمان شىركىتى خىتايدا مەھسۇلات ئىشلەپ چىقارماقتا. گېرمانىيەنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدا خىتايغا ئېكسپورت قىلغان مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 75 مىليارد ياۋروغا يەتكەن.