ھازىر ئۇيغۇر رايونىدىكى ۋە خىتايدىكى بارلىق مەكتەپلەرنىڭ يازلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىلگەن مەزگىلى. بۇ يىل خىتاي ئىچىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يازلىق تەتىل ۋاقتى ئاساسەن 25-ئىيۇندىن 28-ئاۋغۇستقىچە ئىكەن.
ھالبۇكى، چەتئەللەردىكى بەزى ئۇيغۇرلار يازلىق تەتىل باشلىنىشى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ئىچىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ۋە ئاندا-ساندا ئالاقىلىشىپ تۇرۇۋاتقان قېرىنداشلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى ئىنكاس قىلماقتا.
ياۋروپادا ياشايدىغان بىر ئۇيغۇر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆزىنىڭ خىتايدىكى مەلۇم بىر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ كومپيۇتېر كەسپىدە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقان سىڭلىسى، يازلىق تەتىل قويۇپ بېرىلىشنىڭ ئالدىدا يۇرتتىكى ئاتا-ئانىسى «تەربىيەلەش» كە كىرىپ كەتكەنلىكتىن، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقنى ئۆزى ھەل قىلىش ئۈچۈن تەتىلدە يۇرتقا قايتماي، ۋاقىتلىق ئىش تېپىپ ئىشلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. بىراق، كېيىنكى ھەپتىلەردە ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان. بۇ خانىم سىڭلىسىنى ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىسىدىن سۈرۈشتە قىلغان.
سىڭلىسىنىڭ مەسئۇل ئوقۇتقۇچىسى ئۇنىڭغا «بۇ يىل دائىرىلەر مەكتەپتىكى بارلىق شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنى تىزىملىك بويىچە يىغىپ ئۆزلىرى بېلەت ئېلىپ مەجبۇرىي يۇرتىغا يولغا سالدى» دېگەن.
بۇ خانىم يۇرتتىكى ئاتا-ئانىسى بىر نەچچە ئاي ئىلگىرى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلىپ، ئۆيلىرىگە پېچەت سېلىنغان بىر پەيتتە مەجبۇرىي يۇرتىغا قايتۇرۇلغان قېرىندىشىنىڭ تەقدىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا ئىكەن.
بىز بۇ خانىم تەمىنلىگەن تېلېفون نومۇرى ئارقىلىق، ئۇنىڭ سىڭلىسى تۇرغان ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ قىزلار ياتاق بىناسىغا تېلېفون قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىن كېلىپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بار-يوقلىغىنى سورىدۇق. ياتاق بىناسىنىڭ كۆزەتچىسى، بۇ تەتىلدە ياتاقلاردا «شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ قالمىغانلىقى» نى بىلدۈردى.
بىز يەنە خىتاي ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى بىر قانچە ئۇنىۋېرسىتېتلارغا تېلېفون قىلىپ، ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشقان بولساقمۇ ئالاقە باغلىيالمىدۇق.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2009-يىلدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، بارلىق ستۇدېنتلارنى قىشلىق ۋە يازلىق تەتىللەردە ئىزچىل سىياسىي ئۆگىنىشلەرگە ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ تەتىللىك ئارام ئېلىشىغىمۇ كاشىلا قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى، ھەتتا، بۇلتۇر يەنە «10 مىڭ كىشىلىك ستۇدېنتلار سىياسىي تەشۋىقات گۇرۇپپا» لىرىنى تەشكىللەپ، ئۇلارنى ئاساسىي قاتلاملاردا ھۆكۈمەت سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى مەلۇم ئىدى.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچىدىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى يازلىق تەتىللىك مەخسۇس سىياسىي ئۆگىنىشلەرگە ئورۇنلاشتۇرغاندىن باشقا يەنە يازلىق تەتىلدە خىتاي ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە بېرىپ ئوقۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى قايتۇرۇپ كېلىشتە قانداق سەۋەب بارلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئىزدىنىشىمىز جەريانىدا بۇ ھەقتىكى ئۇچۇر ۋە ماتېرىياللار ئىچىدە ھەتتا خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭمۇ مەخسۇس 2018-يىللىق يازلىق تەتىلدە ئىچكىرىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنى ئومۇميۈزلۈك يۇرتىغا قايتۇرۇش خىزمىتى ھەققىدە ئۇقتۇرۇشى بارلىقى ئاشكارىلاندى.
خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ يىل 6-ئايدا خىتايدىكى بارلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارغا تارقاتقان «شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنى يۇرتىغا قايتۇرۇش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇشى» نامىدىكى ئۇقتۇرۇشتا، دائىرىلەر «3 خىل كۈچلەرنىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە قانۇنسىز ئۈنسىز بويۇم ۋە يۇمتاللىرىنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئاشكارا ئىپادە بىلدۈرۈش سىياسەتلىرىگە ماسلىشىش» ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن كېلىپ ئىچكىرىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ۋە باشقا ھەر قايسى مىللەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇرتىغا قايتىشى شەرت ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. قايتۇرۇلىدىغانلار يالغۇز ئۇنىۋېرسىتېتى تولۇق كۇرسى ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپلا قالماي، بەلكى ماگىستىر ۋە دوكتور ئاسپىرانتلىرى ھەمدە ھەر قايسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئەزالىرى شۇنداقلا شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ئۇقتۇرۇشقا قارىغاندا، ئوقۇغۇچىلار يۇرتىدىكى نوپۇس تەۋەلىكىگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن، ئۆزىنى مەھەللە ئىش باشقارمىسىدىكى يۇرتقا قايتقان ئوقۇغۇچىلار خىزمىتى تارماقلىرىغا مەلۇم قىلىپ، دائىرىلەر ئورۇنلاشتۇرغان يازلىق تەتىللىك ئاشكارا ئىپادە بىلدۈرۈش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشى شەرت ئىكەن. ئۇلار يەنە مەخسۇس تارقىتىلغان يازلىق تەتىللىك سىياسىي ئىپادە جەدۋىلىنى تولدۇرۇپ يەرلىك دائىرىلەرنىڭ تەلەپلىرى بويىچە باھالانغاندىن كېيىن، بۇ جەدۋەللەر تامغا بېسىلىپ، ئۇلار ئوقۇۋاتقان مەكتەپلەرگە قايتۇرۇلىدىكەن. بۇ جەدۋەلنىڭ بىر نۇسخىسى يەرلىك باشقۇرۇش ئورگىنىدا، يەنە بىر نۇسخىسى ئوقۇغۇچىنىڭ مەكتىپىدىكى ئارخىپىدا ساقلىنىدىكەن.
دائىرىلەرنىڭ بۇ قېتىم ئىچكىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى قايتۇرۇپ كېتىشكە جىددىي قارىغانلىقى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ترانسپورت نازارىتى تورىدىكى بىر مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇردىن يەنىمۇ ئوچۇق بولدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئوقۇغۇچىلارنى قايتۇرۇپ كېلىشكە زور مەبلەغ ئاجراتقان بولۇپ، مەزكۇر نازارەتنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان 2018-يىللىق يازلىق تەتىلدە ئىچكىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇرتىغا قايتىشى ئۈچۈن قاتناش ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك 6 خىل تەدبىرگە ئائىت خەۋەردە جەمئىي 150 مىڭ ئوقۇغۇچىنى ۋە ئوقۇتقۇچىنى قايتۇرۇپ كېلىشتە 588 قېتىم مەخسۇس ئوقۇغۇچىلار ۋاگونى ئىشقا سېلىنىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن ۋە ئۇلارنى يۆتكەشنىڭ بىخەتەر ھەم تەلتۆكۈس بولۇشى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.
ياۋروپادىن ئىنكاس قىلغۇچى خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ سىڭلىسى بۇلتۇرقى يازلىق تەتىلدە يۇرتقا قايتقىنىدىمۇ مەھەللە كومىتېتىنىڭ سىياسىي ئۆگىنىشىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، دائىرىلەر ئوقۇغۇچىلارنى يىغىپ، ئۇلارنى ھەر كۈنى بايراق چىقىرىش ۋە سىياسىي ئۆگىنىش ھەمدە تەشۋىقات خىزمەتلىرىگە سالغان ئىكەن.
رادىيومىزغا ئىنكاس قىلغۇچى يەنە بىر ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان خانىم خىتاي ئىچىدىكى مەلۇم مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان سىڭلىسىنىڭ يېقىندا بىر پۇرسەت تېپىپ، ئۆزىگە سۆز قالدۇرۇپ ئۆزىدىن ئەنسىرىمەسلىكنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى. سىڭلىسى ئۇنىڭغا تەتىلدە قايتىپ يۇرتىغا كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ناھىيەدىكى مەكتەپكە سىياسىي ئۆگىنىشكە ئورۇنلاشتۇرغانلىقى، ھەپتىدە بەش كۈن ئوقۇيدىغانلىقى، ياتاق-تاماق شارائىتىنىڭ ناچارلىقى، سىرت بىلەن ھەتتا ئائىلە ئەزالىرى بىلەنلا ئالاقە قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىدەك ئەھۋاللارنى بىلدۈرگەن ئىكەن.
دائىرىلەر بۇ يازلىق تەتىلدە خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىلا ئەمەس بەلكى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن بېرىپ ئوقۇۋاتقان ھەر قايسى مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەممىسىنى قويماي قايتۇرۇپ كېتىشى شۇنداقلا ئۇلارنى سىستېمىلىق سىياسىي مەيدانىنى ئىپادىلەش پائالىيەتلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقانلىقى كۆزەتكۈچىلەرنىڭمۇ دىققىتىنى تارتتى.
كۆزەتكۈچىلەردىن مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۈبەيرە شەمسىدىن خانىمنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى مەكتەپلەرگە بېرىپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئەزەلدىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئەندىشە قىلىدىغان بىر توپلۇق بولۇپ كەلگەن. 1989-يىلى، بېيجىڭدا ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى يۈز بەرگەندىمۇ خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىن بارغان ئوقۇغۇچىلارنى ئومۇميۈزلۈك قايتۇرۇپ كەتكەن. شۇ چاغدا دائىرىلەر 4-ئىيۇن تيەنئەنمېن ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىتىنى دۇنيادىن يوشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بولسا، بۈگۈنمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئوخشاشلا، ئۇيغۇر ئېلىگە قارىغاندا بىر قەدەر ئەركىنلىككە ئىگە بولغان، خىتاي ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى ۋە باشقا سىياسىي بېسىملار توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ تارقىلىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.
0:00 / 0:00