ئەنگلىيە: قاتتىق قول سىياسەت ئۇيغۇر ئېلىدە مىللىي جىددىيلىكنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋەتكەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013.04.15
urumchi-herbiy-basturush-5-iyul-305.jpg ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى باستۇرۇشتا ئۈرۈمچىگە كىرگەن ھەربىيلەر. 2009-يىلى ئىيۇل.
RFA

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى2012‏-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە دوكلاتىدا، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە تۈزىتىشكە تېگىشلىك نۇرغۇن مەسىلە بارلىقىنى، قاتتىق قول سىياسەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە مىللىي جىددىيلىكنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان بۇ دوكلاتتا، دۇنيا ئەللىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە جەھەتتىكى ئۆتكەن بىر يىللىق ئەھۋالىغا قاراپ چىقىلغان.

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئۆتكەن 30 يىللىق ئىقتىسادى تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئىجتىمائىي‏-ئىقتىسادى ھوقۇقى كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ 2012‏-يىلى پۇقرالىق ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھەقلەر جەھەتتىكى تەرەققىياتى چەكلىنىپ قالغان. ئۇ داۋاملىق قانۇن چىقىرىپ، ئەدلىيە ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىپ، جىنايى ئىشلار قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزگەن، تۇنجى قېتىم ئەقلىي ساغلاملىق قانۇنى چىقىرىپ، ئەدلىيە ئاق تاشلىق كىتابى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق 2012‏-يىل يۈز بەرگەن ھادىسىلەر خىتايدا ئادالەتكە ئېرىشىش، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە يەنىلا يېتەرسىزلىك بارلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى ئۇزۇن مەزگىللىك ئىجابىي ھەمكارلىق، زامانىۋىلىشىش ۋە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشكە رىغبەتلەندۈرۈش ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلىپ: بىز خىتاينى خەلقئارا پۇقرالىق ۋە سىياسىي ھەقلەر ئەھدىنامىسىنىڭ تەستىقلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان توسالغۇنى ئېلىپ تاشلاشقا رىغبەتلەندۈرىمىز. بىز دىققەت نۇقتىمىزنى ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىش، جىنايى ئىشلار ئەدلىيە ئىسلاھاتى، ئىپادە ئەركىنلىكى ۋە مەدەنىي جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مەركەزلەشتۈرىمىز، دېگەن.

ئەنگلىيە بىلەن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگ ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقىنىغا ئۇزۇن يىللار بولدى. ئىككى دۆلەت 2012‏-يىلى نەنجىڭدە 20-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى ئۆتكۈزگەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، نەنجىڭدىكى دىئالوگدا تەرەپلەر تۇتقۇنلار ھوقۇقى، كۆچمەنلەر ھوقۇقى، ئۆلۈم جازاسى، ئىپادە ئەركىنلىكى، دىنىي ئەركىنلىك، پۇقرالىق ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھەقلەر ئەھدىنامىسىنى تەستىقلاش مەسىلىسى، ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقى ۋە بەزى شەخسى دېلولارنى مۇزاكىرە قىلغان. بىراق بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە چەتئەلدىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئەنگىلىيەنىڭ ھەمكارلىق ۋە دىئالوگنى ئاساس قىلغان كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتىنىڭ ئەمىلى ئۈنۈم بېرىشى گۇمانلىق. ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق مۇستەقىل تەتقىقاتچى مەمەت توختى ئەپەندى بۇ قاراشتىكى كىشىلەرنىڭ بىرى.

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە مىللىي زىددىيەتنىڭ ئۆتكۈرلۈكى، بۇنىڭغا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان قوپال سىياسىتى سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاينىڭ 2012‏-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنغان كۆپلەپ مەبلەغ سېلىش بىلەن بىرگە، بىخەتەرلىككە كۆرۈنەرلىك پۇل ئاجراتقانلىقى، ھالبۇكى، نۇرغۇن ئۇيغۇر مۇسۇلمان ئاھالىسى رايوننىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىدىن بەھرىمەن بولالمىغانلىقى، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت، دىنىي ئەركىنلىكى كۈنسېرى چەكلىمىگە ئۇچراتقانلىقىغا دائىر مەلۇمات بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

دوكلاتتا قەيت قىلىشىچە، قەشقەرگە ئوخشاش شەھەرلەردىكى ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنىڭ چېقىلىشى، تەرەققىيات پىلانى ئۈچۈن ئۇيغۇر تېرىلغۇ يەرلىرىنىڭ تارتىۋېلىنىشى، بۇرۇن يۈز بەرگەن مىللىي توقۇنۇشلاردا ئۇيغۇرلارغا قىلغان قوپال مۇئامىلىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشى قاتارلىق ئامىللار رايوندا مىللىي جىددىيلىكنىڭ ئىزچىل داۋام قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ كەلگەن. مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، دوكلاتتا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نۇقتىئىنەزەر شەرھلەنگەن. بىراق ئۇيغۇرلارنىڭ نۇقتىئىنەزەر قارىغاندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللىي زىددىيەتنىڭ تۈگۈنى ھەق-ناھەق مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدۇر. يەنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كېلەچىكىگە كىم قارار قىلىش مەسىلىسىدۇر.

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا يەنە، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار مەسىلىسى، ئىپادە ۋە يىغىلىش ئەركىنلىكى، مۇساپىرلار ۋە سىياسىي ئىلتىجاچىلار مەسىلىسى، ئۆلۈم جازاسى، تەن جازاسى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە توختالغان. ئۇنىڭدا قەيت قىلىشىچە، 2012‏-يىلى خالىغانچە ۋە قانۇنسىز ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنى زەربە بېرىش نىشانى قىلىدىغان ئەھۋاللار داۋاملىق يۈز بەرگەن.

دائىرىلەر ئىز دېرەكسىز يوقىتىۋېتىش، ئائىلىسىگە نەزەربەند قىلىش، ھەرىكەت، ئالاقە ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتىگە چەكلىمە قويۇش، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرىغا ئەۋەتىش، قارا تۈرمىگە سولاش، ساراڭلار دوختۇرخانىسىدا تۇتۇپ تۇرۇش، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا پاراكەندىچىلىك سېلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللانغان.

دوكلاتتا ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ئاساسى قانۇنى دىنىي -ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە دىنىي ئېتىقاد ئىزچىل چەكلىمىگە ئۇچراپ كەلگەن. دوكلاتتا، ئۇيغۇرلارغا قويۇلغان دىنىي چەكلىمە رامزان ئايلىرىدا كۈچىيىدىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، ئۆسمۈرلەرنىڭ قۇرئان ئۆگىنىشى، مەسچىتكە كىرىپ ناماز ئوقۇشى مەنئى قىلىنغانلىقىنى، ساقچىلارنىڭ ئۆتكەن يىلى 5‏-ۋە 6‏-ئايدا قانۇنسىز قۇرئان كۇرسىغا ھۇجۇم قىلىپ، بىر قىسىم بالىلارنىڭ يارىلىنىشى ۋە ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى كېلىپ چىققانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇ يىلى يەنە، بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنسىز دىنىي نەشرىيات بۇيۇملىرىنى سېتىش، دىنىي يىغىلىش ئۆتكۈزۈش قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن ئېغىر قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.