15 غەرب دۆلىتىنىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگو ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىردىن لاگېرلار مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زۇلۇملار ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
15-نويابىر رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، كانادا باشتا بولۇپ گېرمانىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، شىۋېتسىيە، ئاۋسترالىيە، گوللاندىيە، ئىرېلاندىيە، شىۋېتسارىيە، بېلگىيە، نورۋېگىيە، ئېستونىيە، فىنلاندىيە، دانىيە قاتارلىق 15 دۆلەت ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى بويىچە بىرلەشمە مەكتۇپ ھازىرلاپ، خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ خەلقئارا بۆلۈمى قاتارلىق ئورۇنلارغا يوللىغان.
بىرلەشمە مەكتۇپتا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشلىرىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئەمەلدارلىرىدىن چېن چۈەنگو ۋە شۆھرەت زاكىرلار بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىش شۇنداقلا ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى ھەمدە ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىش تەلەپ قىلىنغان بۇ مەكتۇپتا يۇقىرىقى 15 دۆلەت ئەلچىلىرىنىڭ ب د ت نىڭ ئۇيغۇر دىيارى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىنىڭ نەتىجىسىگە يۈكسەك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان. مەكتۇپتا مۇنداق دېيىلگەن: «بىز ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى توغرىسىدىكى دوكلاتنى كۆرۈپ ئىنتايىن چوڭقۇر خاتىرجەمسىزلەنمەكتىمىز.»
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، بۇ يىل 8-ئايدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى بىر مىليون، بەلكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ كۆلىمى زور مەخپىي يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ئوخشايدىغان جايلارغا قامالغانلىقى توغرىسىدا ئىشەنچلىك مەلۇماتلارغا ئېرىشكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى دەسلەپتە بۇنداق بىر ئورۇننىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قەتئىي ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، ئەمما يېقىندا بۇ ئورۇنلارنى «جىنايىتى يېنىك پۇقرالارنى تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەپ، ئىش پۇرسەتلىرىگە ئىگە قىلىدىغان جاي» دەپ چۈشەندۈرگەن. ئەمما بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىنىشى ۋە قاتتىق نازارەت قىلىنىشى سەۋەبلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، زىيالىيلار، غەرب ھۆكۈمەتلىرى ۋە ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىغان.
د ئۇ ق نىڭ ياۋروپاغا مەسئۇل ۋەكىلى ئەسقەرجان ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا خىتاينىڭ گېرمانىيەدىمۇ قاتتىق قارشىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پوزىتسىيەسىنىڭ ناھايىتى كەسكىنلىكىنى تىلغا ئالدى.
چەتئەل ئەلچىلىرىنىڭ بىرلەشمە مەكتۇپىدا چېن چۈەنگو ئارقىلىق شۆھرەت زاكىرغىمۇ ئۇيغۇرچە خەت يېزىلغان بولۇپ، بۇ خەتتە «يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن سىزنىڭ مۇمكىن قەدەر بىز بىلەن تېز پۇرسەتتە كۆرۈشۈپ، بۇ مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىشىڭىزنى تەلەپ قىلىمىز،» دېيىلگەن. ئەمما نە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت، نە خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى، نە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ياكى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقلىرى بۇ مەكتۇپقا جاۋاب بەرمىگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سۆزچىسى خۇا چۈنيىڭ بولسا بۇنداق بىر خەتنى كۆرمىگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، ئەلچىلەرنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقىنى تەلەپ قىلغان.
ئۇيغۇرلار ۋە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ئاساسىي تېما قىلغان بۇ مەكتۇپ يوللاش پائالىيىتىنى كانادا تەرەپ تەشكىللىگەن بولۇپ، د ئۇ ق مۇھاجىرلار كومىتېتىنىڭ كانادادا تۇرۇشلۇق مۇدىرى مەمەت توختى ئەپەندى كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە بارغانسېرى جىددىي مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە يەنە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ كانادادا رەسمىي كۈنتەرتىپكە كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
ئۇيغۇرلار ۋە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا، گېرمانىيە قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىدە جىددىي مۇئامىلىگە ئېرىشىپلا قالماي، بەلكى يەنە غەرب مەتبۇئاتلىرىنىڭمۇ ئەڭ قىزىق تېمىلىرىدىن بىرى بولماقتا. د ئۇ ق دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ رەئىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدىن ئەپەندى خەلقئارانىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان بۇ خىل ھېسداشلىقلىرى نەتىجىسىدە جازا لاگېرلىرىنىڭ پات پۇرسەتتە تاقىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى بۇ يىل 6-ئايدىن 11-ئايغىچە ب د ت دا كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 4-ئۆكتەبىر كۈنى ياۋروپا پارلامېنتى 15 ماددىلىق قارار ماقۇللىدى. بۈگۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھىسى» نى ماقۇللاش ئالدىدا تۇرماقتا.
0:00 / 0:00