ئۇيغۇر ئېلىغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىش ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى تېزلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە

0:00 / 0:00

4-قېتىملىق «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش» خىزمىتى يىغىنى 23-سېنتەبىردىن 24-سېنتەبىرگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. مەزكۇر يىغىندا ئۇيغۇر ئېلىدا ھالقىما تەرەققىيات ۋە مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تارىخى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇش قاتتىق تەكىتلەندى ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش تەلەپ قىلىندى. خىتاي ھۆكۈمىتى تەكىتلەۋاتقان بۇ تارىخى پۇرسەت نېمىدىن ئىبارەت؟ كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭغا ئىزاھات بېرىپ، ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئىستراتېگىيىسىنى تېز ئىشقا ئاشۇرۇش، دەپ كۆرسەتتى.

بېيجىڭدا ئىچىلگەن «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش» خىزمىتى يىغىنى ئىككى كۈن داۋام قىلىپ، سەيشەنبە كۈنى ئاياغلاشتى. يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەت دەرىجىلىك ئەمەلدارلار، ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئۇيغۇر ئېلىغا ياردەم بېرىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان 19 ئۆلكىنىڭ رەھبەرلىرى بۇ ئىككى كۈنلۈك يىغىن جەريانىدا 19 ئۆلكىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېچىش تۈرلىرىنى كۆپەيتىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىچكىرىدىكى ئىختىساسلىق خادىملارنى شىنجاڭغا يۆتكەش، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ياشلارنى ئىچكىرىگە يۆتكەش ۋە قوش تىل مائارىپىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يېڭى پەللىگە چىقىرىش ھەققىدە مۇھىم يوليورۇقلارنى ئالدى.

بۇ نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىككى مۇھىم نۇقتا بولسا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە مائارىپنى كۈچەيتىش. ئەمما خىتاي كومپارتىيىسى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشىڭنىڭ سۆزىدىن قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى دەۋاتقان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ-جەنۇبتىكى ئۇيغۇر ياشلارنى ئىچكىرىدە، ئىچكىرىدىكى خىتايلارنى ئۇيغۇر ئېلىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۆزدە تۇتقانلىقى، مائارىپنى كۈچەيتىش دېگىنىنىڭ ئەمەلىيەتتە قوش تىل مائارىپىنى كۈچەيتىش دېگەننى كۆزدە تۇتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. خىتاي كۈندىلىك گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىنگلىزچە خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، يۈ جىڭشىڭ يىغىندا «شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىچكىرىگە بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى قىزغىن قوللاشنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، شىنجاڭ بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش كېرەك. مائارىپنى قەتئىي تەۋرەنمەي راۋاجلاندۇرۇپ، قوش تىل مائارىپى ۋە كەسپىي مائارىپنى قوللاش، ئىدىيە-سىياسىي تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىش كېرەك» دەپ سۆز قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئاچقان «شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى»نىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى پەسەيتىدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلدى ۋە ھەر بىر پۇرسەتتە 19 ئۆلكىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا مەبلەغ ۋە ئىختىساسلىق خادىم جەھەتتە ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىڭغا مەدھىيە ئوقۇدى. ئەمما چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ كۆز قارىشى بولسا بۇنىڭ ئەكسىچە. ئۇلار «شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى» ئېچىلغاندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كەتكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى بۈگۈن بۇ ھەقتە توختىلىپ، «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش» خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ئېلىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تالان-تاراج قىلىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا ھالقىما تەرەققىيات پىلانىنى يولغا قويغاندىن بۇيان داۋاملىق ھالدا «تارىخى پۇرسەت» دېگەن بىر سۆزنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. ئۇلا ئۇيغۇر ئېلىنى باشقۇرىدىغان رەھبەرلىرىگە ھەربىر يىغىندا تارىخى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشنى ئەسكەرتىپ كەلدى. خىتاي كومپارتىيىسى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى يۈ جىڭشىڭمۇ بۇ نۆۋەتلىك يىغىندا قىلغان سۆزىدە ئوخشاشلا «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ھالقىما تەرەققىيات ۋە شىنجاڭنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى تارىخى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش» ھەققىدە سۆز قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى دەۋاتقان بۇ تارىخى پۇرسەت زادى نېمىدىن ئىبارەت؟ تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاي تىلغا ئېلىۋاتقان تارىخى پۇرسەتلەرنىڭ مەنىسى ئۈستىدە توختالدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا دىنىي بېسىم سىياسىتى، قوش تىل مائارىپى نامى ئاستىدىكى خىتاي تىلى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش سىياسىتى ۋە نوپۇس يۆتكەش سىياسەتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋاتقان بولۇپ، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدا نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ئارقا-ئارقىلاپ مەيدانغا كەلدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا ۋەقەلەرنى تېررورلۇققا ھەتتا چەتئەللەردىكى تېررور تەشكىلاتلىرىغا باغلاپ چۈشەندۈرۈپ، مىللىي سىياسىتىگە قارىتىلغان تەنقىدلەرنى ئىزچىل قوبۇل قىلماي، سىياسەتلىرىنى ئىزچىل داۋام قىلدى. بۇ نۆۋەتلىك «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش» خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئومۇمىي روھىدىن قارىغاندىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل سىياسەتلىرىنى ئوخشاش داۋام قىلىشنى ئۇنى ھەتتا تېخىمۇ كۈچەيتىپ داۋام قىلىپ، يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇنىڭغا ئۇيغۇرلار ئاڭلاشنى ئارزۇ قىلىدىغان، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى پەسەيتىشنى مەقسەت قىلغان ھېچقانداق بىر تۈزىتىش كىرگۈزۈلمىگەنلىكى مەلۇم بولماقتا. دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى تولۇق ۋە تېز ئىشقا ئاشۇرۇشتىن باشقا ئىستراتېگىيىسىنىڭ يوقلۇقىنى ۋە بۇ نىيىتىنىڭمۇ ئىنتايىن قەتئىيلىكىنى بىلدۈردى.