خىتاي دائىرىلىرى يېزىلاردىكى كەنت سېكرېتارلىق ئورنىنىمۇ خىتايلاشتۇرۇشقا باشلىغان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017.10.19
kucha-yaqa-yeza--yighin-rohini-uginish.jpg كۇچا بەھىشباغ يېزىسىدىكى دېھقانلارنىڭ «جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» روھىنى ئۆگىنىۋاتقان كۆرۈنۈشى.
Social Media

ئالاقىدار ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي كومپارتىيىسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغان دەسلەپكى دەۋرلەردە پەقەت ئاپتونوم رايون ۋە ۋىلايەت دەرىجىلىك ھاكىمىيەت ئورۇنلىرىدىكى پارتكوم سېكرېتارلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى خىتاي مىللىتىدىن بېكىتىپ كەلگەن بولسا، كېيىنكى دەۋرلەردە ناھىيە ۋە يېزا دەرىجىلىك پارتكوم سېكرېتارلىرىنىمۇ خىتاي مىللىتىدىن بېكىتكەن ئىدى. يېقىنقى 3 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ بۇ يىلقى «قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتىدە كەنت سېكرېتارلىرىمۇ زەربىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، بەزى جايلاردا كەنت سېكرېتارلىق ئورنىنى خىتايلاشتۇرۇش قەدىمى تېخىمۇ تېزلەشكەن.

ماتېرىياللاردىن مەلۇمكى، ئۇيغۇر رايونىنىڭ يېزا-قىشلاقلىرىدا، بولۇپمۇ جەنۇبتىكى يېزىلاردا كەنت ئاھالىسىنىڭ 99 پىرسەنتى ئۇيغۇر. مانا مۇشۇنداق بىر ئەھۋالدا خىتاي دائىرىلىرى كەنتلەردىكى سېكرېتارلىق ئورنىغا خىتاي كادىرلارنى قويماقتا. مەلۇم بولۇشىچە، بۇنداق بولۇشىغا بىر تەرەپتىن، يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئارقىمۇ-ئارقا تۆۋەنگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىلىرى تۈرتكە بولغان. مەسىلەن، قاراقاشنىڭ ياۋا يېزىسىدا كەنتنىڭ بىرىنچى سېكرېتارى تۆۋەنگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى ئىچىدىن بېكىتىلگەن. بۇ يىلقى «قاتتىق زەربە بېرى» ۋە «يېپىق تەربىيىلەش» تە زور بىر تۈركۈم كەنت كادىرلىرىنىڭ زەربىگە ئۇچرىشىمۇ كەنت سېكرېتارلىق ئورنىنىڭ خىتايلىشىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن. يېڭىسارنىڭ توپلۇق يېزا 4-كەنتىدە 20 نەچچە كەنت كادىرى پۈتۈنلەي كېسىلىپ كەتكەندىن كېيىن، كەنت كادىرلىرىنى تولۇقلاش ئېلىپ بارغان، يىقىلغان ئۇيغۇر سېكرېتارنىڭ ئورنىغا خىتاي سېكرېتار تەيىنلەنگەن.

بەزى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، كەنت سېكرېتارلىرىنىڭ خىتايلىشىشىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىدە بۇرۇندىنلا بار بولغان ئوي ۋە پىلان ئىكەنلىكىنى، ئەمما رايوننىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسى بۇنىڭغا ئىمكان بەرمىگەنلىكى ئۈچۈنلا ئامالسىز كەنتلەرگە ئۇيغۇر سېكرېتارلارنىڭ تەيىنلەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇلارنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ «بىر يول، بىر بەلۋاغ» پىلانى ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇقىملىقىغا بولغان ئېھتىياجنى ھەسسىلەپ ئاشۇرغان.

ئامېرىكادا ياشاۋاتقان دوكتور قاھار بارات بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى كېڭەيمىچىلىك ئىشتىھاسىغا نىسبەتەن غەربكە قاراپ كېڭىيىش بىردىن-بىر مۇمكىنچىلىك. خىتاينىڭ ‹بىر يول بىر بەلۋاغ› پىلانى بۇنىڭ مەھسۇلى، بۇ پىلاندا ئۇيغۇر رايونى مۇھىم تۈگۈن؛ خىتاي بۇ تۈگۈننى بۈگۈن كەنتلەرگە قەدەر تولۇق كونترول قىلىشنىڭ كويىدا.»

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كەنت دەرىجىلىك سېكرېتارلار گەرچە يۇقىرىنىڭ تەلەپ-ئۆلچەملىرى بىلەن تاللانغان ۋە تەيىنلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلاردىكى مىللىي كىملىك خىتاي دائىرىلىرىگە خاتىرجەملىك تۇيغۇسى بەرمىگەن. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بېرى يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرى خىتاينى «بىر يول، بىر بەلۋاغ» پىلانىنىڭ كېلەچىكى ھەققىدە ئەندىشىگە سالغان. مانا بۇ ئەندىشە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نوپۇسىنىڭ 99 پىرسەنتتىن كۆپرەكى ئۇيغۇر بولغان پەيزىۋاتنىڭ شاپتۇل يېزىسىدىكى بىر كەنتكىمۇ خىتاي سېكرېتار تەيىنلىشىگە تۈرتكە بولغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھازىرغا قەدەر كەنت سېكرېتارلىق ئورنىنىڭ قانچىلىك قىسمىنىڭ خىتايلاشتۇرۇلغانلىقى مەلۇم ئەمەس. بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي سېكرېتارنىڭ ۋەزىپە ئۆتىشى بىلەن خىتاي تەيىنلىگەن ئۇيغۇر سېكرېتارنىڭ ۋەزىپە ئۆتۈشىنىڭ ئارىسىدا ماھىيەتلىك پەرقمۇ چوڭ ئەمەس. ئەمما كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقىنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رايوندا ھاكىمىيەتنى قولدا تۇتۇش ئىشتىھاسىنىڭ بارغانسېرى كېڭىيىشى ۋە كۈچىيىشىدۇر. قاھار بارات ئەپەندى، كەنت سېكرېتارلىق ئورنىنىڭمۇ خىتايلاشتۇرۇلۇشىنى «مۇستەملىكىچى تۈزۈمنىڭ تىپىك بىر ئىپادىسى،» دەپ قارايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.