«شىنجاڭ گېزىتى» ۋە «تەڭرىتاغ تورى»دا بېرىلگەن خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدىكى يەسلىلەردە «جياڭنەن سىتايل» نامىدىكى ناخشا-مۇزىكا ۋە ئۇنىڭغا تەڭكەش قىلىنغان زامانىۋى ئۇسسۇل تەشۋىق قىلىنىشقا باشلىغان.
يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېزا، بازارلىرىدا «تور مەدەنىيىتى بايرىمى» ئۆتكۈزۈش كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىنغان. 7-نويابىر كۈنى قاراقاش ناھىيىسىنىڭ قاراساي يېزىلىق ھۆكۈمىتى بۇ تەشۋىقاتقا ئاۋاز قوشۇپ، يېزا تەۋەسىدە بىر يۈرۈش سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن. مەزكۇر پائالىيەتنىڭ مۇقەددىمىسى سۈپىتىدە قاراساي يېزىلىق مەركىزىي يەسلىنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرى «جياڭنەن سىتايل» نامىدىكى ناخشا-مۇزىكىغا كوللېكتىپ ھالدا زامانىۋى ئۇسسۇل ئويناشقا ئۇيۇشتۇرۇلغان. مەزكۇر ناخشىنىڭ ئەسلى مۇزىكىسىغا خىتايچە تېكىست قوشۇلۇپ ئېيتىلغان بولۇپ، ئىلگىرى ئۇيغۇر سەنئەتكارلار تەرىپىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان «ئۇيغۇر سىتايل» ياكى «تۇرپان سىتايل» ناخشىلىرىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش مەقسەت قىلىنغان. شۇنىڭدىن كېيىن «جياڭنەن سىتايل» ئۇسسۇلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا كەڭ تەشۋىق قىلىنىپ، يەسلى بالىلىرىغا ئومۇملاشتۇرۇش تەلەپ قىلىنغان.
ئۇيغۇر يەسلىلىرىدە «گاڭنام سىتايل» غا ئوخشاش خەلقئارالاشقان ناخشا-مۇزىكىلارنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ياكى ئۇنىڭ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان ۋارىيانتلىرى ئەمەس، بەلكى خىتايچە تېكىست قوشۇلۇپ خىتاي ئۇسلۇبى گەۋدىلەندۈرۈلگەن ناخشا-مۇزىكىلارنىڭ تەشۋىق قىلىنىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى تەشۋىشكە سالماقتا. لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ مەسئۇلى ئەزىز ئەيسا ئەپەندى ئەنە شۇ خىل ئەندىشىنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەرنىڭ بىرىدۇر.
مەلۇمكى، جەنۇبىي كورېيەلىك ناخشىچى پىسى 2012-يىلى دېكابىردا «گاڭنام سىتايل» ناملىق زامانىۋى ئۇسلۇبتىكى ناخشا-مۇزىكىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇندىغاندىن كېيىن، بۇ ناخشىنىڭ يۇتۇبېدىكى كۆرۈلۈش قېتىم سانى بىر مىلياردتىن ئاشقان. 2013-يىلى ئۆكتەبىرگە كەلگەندە يۇتۇبېدىكى كۆرۈلۈش قېتىم سانى بىر مىليارد 800 مىليوندىن ئېشىپ، دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەن ۋىدىئو بولۇپ قالغان. مەزكۇر ناخشا كورېيە مەدەنىيىتىنىڭ يەر شارىغا تېزلىكتە يېيىلىشىغا بومبىسىمان تەسىر كۆرسەتكەن. ھەتتا ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى داۋىد كامېرون ۋە ب د ت باش كاتىپى بانكىمۇن قاتارلىقلار بۇ ناخشىنى «دۇنيا تىنچلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاجايىپ كۈچ» دەپ تەرىپلىگەن.
«گاڭنام سىتايل» يەر شارى مىقياسىدا دۇنياۋى مودا ناخشىغا ئايلىنىۋاتقان پەيتلەردە ئۇيغۇرلار «ئۇيغۇر سىتايل» ياكى «تۇرپان سىتايل» ناملىق يەرلىك ۋارىيانتلارنى سەھنىگە چىقىرىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھەم دۇنياۋى، ھەم مىللىي روھىنى ئىپادە قىلغان ئىدى. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر يەسلى بالىلىرىغا مەزكۇر ناخشىنىڭ خىتايلاشتۇرۇلغان ۋارىيانتى - «جياڭنەن سىتايل» نى ئېيتىشقا ئۇيۇشتۇرۇشى ئەمەلىيەتتە مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيەسىنىڭ بىر خىل ئىپادىسى دەپ قارىماقتا.