1-ئىيۇل كۈنى خوڭكوڭدىكى زور كۆلەملىك نامايىشنى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ خوڭكوڭ ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن قاتناش تەرتىپىنى بۇزدى، دېگەن سەۋەب بىلەن تۇتقۇن قىلىنىشى خوڭكوڭلۇقلارنى ۋە شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنى قاتتىق ئەندىشىگە سالدى.
ئۇلار، بۇ تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى خوڭكوڭ سىياسىتىنىڭ ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىماقتا. ئۇنىڭدىن سىرت، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە، ئاخباراتچىلارنىڭ ئەركىنلىكىنى ئىلگىرىلەپ قامال ئاستىغا ئالىدىغان يېڭى تۈزۈملەرنى ئېلان قىلىشى تېخىمۇ زور ئۈمىدسىزلىك پەيدا قىلدى.
سەيشەنبە كۈنى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى مەخسۇس بايانات بېرىپ، خوڭكوڭ دائىرىلىرىنى تىنچلىقپەرۋەر نامايىشچىلارغا جىنايەت ئارتىشقا ئۇرۇنماسلىققا چاقىردى. ئۇلار خوڭكوڭ ئەدلىيە دائىرىلىرىگە يازغان ئوچۇق خېتىدە، خوڭكوڭنىڭ ئاساسىي قانۇنلىرىدا ۋە خوڭكوڭ قول قويغان ئالاقىدار قانۇنلاردا پۇقرالارنىڭ ئەركىن نامايىش قىلىش ھوقۇقى ۋە ئۆز پىكرىنى ئىپادە قىلىشنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقىنى، شۇڭا خوڭكوڭ ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بۇ نىزاملار بويىچە تىنچلىق بىلەن نامايىش قىلغان بۇ نامايىشچىلار ئۈستىدىكى تەكشۈرۈشىنى بىكار قىلىشقا چاقىردى. بىراق، خوڭكوڭدىكى ۋە چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر خوڭكوڭ قانۇنلىرىنىڭ تەھدىتكە ئۇچراۋاتقانلىقى قارىشىدا. ئۇلار يېقىندىن بۇيان خوڭكوڭدا بولۇۋاتقان ئۆزگىرىشلەرنى خوڭكوڭ سىياسىتىنىڭ بېيجىڭنىڭ تەھدىتى ئاستىدا ئىكەنلىكىنىڭ نامايەندىسى، دەپ قارىماقتا.
1-ئىيۇل كۈنى خوڭكوڭ خەلقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭدىكى كونتروللۇقىنىڭ ئېشىپ كېتىۋاتقانلىقىغا قارىتا نارازىلىق بىلدۈرۈش ۋە خوڭكوڭ ۋالىيسىنى ئۆزى سايلاپ چىقىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلغان ئىدى. 500 مىڭدىن ئوشۇق كىشى قاتناشقان بۇ نامايىش ئادەمنىڭ كۆپلۈكىگە قارىماي، تىنچ شەكىلدە ئۆتۈپ، ھېچقانداق قالايمىقانچىلىق چىقماي ئاياغلاشقان. ئەمما نامايىش غەلىبىلىك ئاياغلىشىپ 3 كۈندىن كېيىن خوڭكوڭ ساقچى دائىرىلىرى مەزكۇر نامايىشنى تەشكىللىگۈچىلەردىن 5 كىشىنى «قاتناش تەرتىپىگە تەسىر يەتكۈزۈش» دېگەن سەۋەب بىلەن قولغا ئالغان بولسا، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن نامايىشچىلاردىن 25 نەپىرىنى «قانۇنسىز يىغىلىش قىلىش»، «ئاممىۋى تەرتىپكە بۇزغۇنچىلىق قىلىش» دېگەن سەۋەب بىلەن تەكشۈرۈش ئاستىغا ئالغان ئىدى.
«ۋال سترىت ژۇرنىلى» نىڭ بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان شاڭخەي شەھىرىنى ئاسىيا ئىقتىسادىنىڭ مەركىزى قىلىش كۈچىيىشىگە قارىماي، شاڭخەي شەھىرىنىڭ خوڭكوڭنىڭ ئورنىنى ئالالماسلىقىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەبنىڭ خوڭكوڭنىڭ قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىشى، ئەدلىيىنىڭ مۇستەقىللىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى شۇڭا ئەگەر خوڭكوڭنى خوڭكوڭ قىلىپ تۇرغان بۇ ئالاھىدىلىكلەر تەھدىتكە ئۇچرىغان تەقدىردە بۇنىڭ خوڭكوڭلۇقلار ئۈچۈن زور يوقىتىش بولىدىغانلىقىنى مۇلاھىزە قىلغان. ئۇلار يەنە، ھازىر نۇرغۇن خوڭكوڭلۇقلارنىڭ بۇ تەھدىتنى تونۇپ يەتكەنلىكى، شۇڭا ئۇلارنىڭ بۇ ئەندىشىلىرىنى كۆرمەسكە سېلىشنىڭ ياخشى ئاقىۋەت ئەكەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا خوڭكوڭدىكى ۋەقەلەرنى كۆرمەسكە سېلىشقا ياكى ئۇنى ئەھمىيەتسىز قىلىپ كۆرسىتىشكە داۋام قىلماقتا. خىتاينىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ليۇ شاۋمىڭ «مالىيە ۋاقتى» گېزىتىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ نامايىشىنى «كوچا سىياسىتى» دەپ ئاتىغان ۋە «كوچا سىياسەتلىرى دېموكراتىيە ئەمەس، مالىمانچىلىق ۋە پاراكەندىچىلىك ئېلىپ كېلىدۇ»، دېگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇزۇن ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكىدا دىپلومات بولۇپ تۇرغانلىقىنى، ئەمما ھېچيەردە پرېزىدېنت ياكى باش مىنىستىرنىڭ ئومۇمنىڭ نامزات كۆرسىتىشى بىلەن سايلانغىنىنى كۆرمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، خوڭكوڭدىكى نامايىشچىلارنى خوڭكوڭنىڭ ئاساسىي قانۇنلىرىنىڭ سىرتىغا چىقىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. خوڭكوڭ دېموكرات پارتىيىسىنىڭ قۇرغۇچىسى مارتېن ئىلى بولسا «گاردىيان» گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بىزگە پەقەت «قورچاق ئا» ۋە «قورچاق ب» نىڭ ئىككىسىدىن بىرنى تاللايسەن، دەۋاتىدۇ، دېگەن.
ھۆكۈمەت خوڭكوڭدىكى يېرىم مىليوندىن ئارتۇق كىشى كوچىلارغا چىقىپ قىلغان نامايىشنى كۆرمەسكە سالمايلا قالماستىن بەلكى ئۇنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتا خەۋەر قىلىنىشىنىڭمۇ ئالدىنى قاتتىق ئالغان ئىدى. خىتايدىكى ۋېيبو قاتارلىق تور بەتلەردە نامايىش ھەققىدىكى مۇنازىرە تېمىلىرى بىردەك ئۆچۈرۈلگەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى 8-ئىيۇل كۈنى شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئارقىلىق ئېلان قىلغان «ئاخبارات خادىملىرىنىڭ ئۇچۇر ئىگىلىشىنى باشقۇرۇش قوللانمىسى» نى ئېلان قىلىشىمۇ خوڭكوڭدىكى ۋەقەلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارالماقتا.
8-ئىيۇل كۈنى ھۆكۈمەت ئاۋازى شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا يەر ئالغان خەۋەردىن قارىغاندا، مەزكۇر يېڭى بەلگىلىمىدە «مۇخبىرلار، تەھرىرلەر ۋە دىكتورلار دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە ئائىت ھەرقانداق شەكىلدىكى ئۇچۇرنى ئېلان قىلسا بولمايدۇ، ئۇ ئۇچۇرلارنى خۇسۇسىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە تىلغا ئالسا بولمايدۇ» دېيىلگەن ۋە «سودا ئۇچۇرلىرى، ئومۇمغا ئاشكارىلانمىغان ئۇچۇرلار» نى ئاشكارىلاشقا بولمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. مەزكۇر يېڭى بەلگىلىمىدە ئوخشاشلا نېمىنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكى، نېمىنىڭ سودا مەخپىيەتلىكى ۋە تېخى ئاشكارىلانمىغان ئۇچۇرلار دېگەن كاتېگورىيەگە كىرىدىغانلىقىغا ئېنىق ئىزاھات بېرىلمىگەن. دېمەك، خىتايدىكى مۇخبىرلارنىڭ كۈنىنىڭ تېخىمۇ تەسلەشكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ھەرقاچان «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش» دېگەن جىنايەت بىلەن تېيىلىپ كېتىش خەۋپى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. مۇخبىرلارنىڭ ئەسلى ۋەزىپىسى بولغان ئاشكارىلانمىغان ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاش ۋەزىپىسىنىڭ خىتايدا مەنئى قىلىنىشى بۈگۈن خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ يېڭى بەلگىلىمە پەقەت خىتاي مۇخبىرلىرىنىڭلا ئەمەس چەتئەل مۇخبىرلىرىغا قويۇلىدىغان چەكلىمىنىڭ كۈچىيىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى ئىكەن. «مالىيە ۋاقتى» گېزىتى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى پارتىيىنىڭ ئىچكى قىسمىدا قوزغاۋاتقان زىددىيەتلەر، ئىجتىمائىي ۋەقەلەرنىڭ كۆپىيىشى ۋە خوڭكوڭدىكى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمەتكە قارشى ئاۋازلارنىڭ يۈكسىلىشى ئاخباراتقا تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ چەكلىمە قويۇلۇشىدىكى قوزغاتقۇچ ئامىل، دەپ قارىغان.