خوڭكوڭ خەلقى يېقىنقى يۈز نەچچە يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۆز ساقچىلىرىنىڭ ئۆز خەلقىگە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى تاشلىغانلىقىنى كۆردى.
بۇ خوڭكوڭدا ئەنگلىيە ھۆكۈمرانلىق قىلغان يۈز يىلدا كۆرۈلمىگەن ۋەقە ئىدى.
خوڭكوڭلۇقلار بۇ خىل زوراۋانلىقنى ئەنگلىيە ھامىيلىقىدىن خىتاينىڭ قوينىغا قايتىپ كەلگەن، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» ۋەدىسى بويىچە ئۆزىنى-ئۆزى ئىدارە قىلىدىغان ئالىي ئاپتونومىيىدە ياشاۋاتقان بىر دەۋردە كۆردى.
بۈگۈن ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرى ئارقا-ئارقىدىن بايانات بېرىپ، خىتاينىڭ ئۆز ۋاقتىدا خوڭكوڭغا بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرۇشىنى، خوڭكوڭ خەلقىنىڭ ئاساسىي قانۇندىكى ئەڭ ئەقەللىي ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ئاقساراي بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا خەلقئارادا بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان ئەركىنلىك پرىنسىپلىرى بويىچە خوڭكوڭ خەلقىنىڭ تىنچ ئۇسۇلدىكى دېموكراتىيە تەلەپلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خوڭكوڭدىكى ئومۇميۈزلۈك دەرس تاشلاپ نامايىش قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىدىن بىرى بۈگۈن CNN نىڭ نەق مەيدان زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، نامايىشچىلارنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى دۇنياغا ئاڭلاتتى.
ئۇ خوڭكوڭ خەلقىنىڭ تۈنۈگۈندىن بۇيان ھاڭ-تاڭ قالغانلىقىنى، يەنى خوڭكوڭ دائىرىلىرىنىڭ خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى بىلەن ئۆز خەلقىنىڭ قانۇنىي تەلىپىنى ئورۇنلاشقا ئاجىزلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە خوڭكوڭ ساقچىلىرىنىڭ تارىختا تۇنجى قېتىم ئۆز خەلقىگە زورلۇق ۋاسىتىسى قوللانغانلىقىنى، ياش ئاققۇزۇش بومبىسى بىلەن قىزىلمۇچ سۈيىنىڭ زەربىسىدە نۇرغۇن نامايىشچىلارنىڭ يارىلانغانلىقىنى بايان قىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭدىكى نامايىشقا قارىتا كېيىنكى قەدەمنى قانداق ئالىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىدىن ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خوڭكوڭدىكى خەلق نامايىشىنىڭ ئەڭ يېقىنقى يۈزلىنىشى ھەققىدە توختالدى. ئۇ خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ خىتاي چوڭ قۇرۇقلىقىغىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە تەيۋەن قاتارلىق پەۋقۇلئاددە سەزگۈر رايونلارنىڭ ۋەزىيىتىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ بۈگۈنكى خوڭكوڭنىڭ بۇنىڭدىن 25 يىل بۇرۇنقى، يەنى 1989-يىلىدىكى بېيجىڭغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى، ئەينى ۋاقىتتا تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دېموكراتىك نامايىشى قانلىق باستۇرغان خىتاينىڭ بۇ قېتىم خوڭكوڭ خەلقىنى شۇ خىل ئۇسۇل بىلەن باستۇرۇشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئاخىرىدا خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ يۆلىنىشى ۋە كەلگۈسى نەتىجىسىنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەر ئۈچۈن بىر قېتىملىق ئويلىنىش ۋە كۆزىتىش پۇرسىتى ئاتا قىلىدىغانلىقىنى، بۇ پۇرسەتتىن قانداق پايدىلىنىشنى بىلىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.