خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خوڭكوڭدىكى نامايىشچىلار ئالدىدا چارىسىز قالغانلىقى مەلۇم

0:00 / 0:00

خوڭكوڭدىكى نامايىش تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىمۇ قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. پۈتۈن مەتبۇئاتلار ۋە رادىئو تېلېۋىزىيە قاناللىرى خوڭكوڭدىكى نامايىش توغرىسىدا كۆپلەپ ئۇچۇرلار تارقاتماقتا.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى نامايىشچىلارغا قاتتىق قوللۇق قىلماستىن سۈكۈتتە تۇرۇشقا مەجبۇرلانغان.

«يېڭى شافاك» گېزىتىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: خوڭكوڭدا دېموكراتىيە تەلەپ قىلغان ھۆكۈمەتنىڭ دېموكراتىيە ئۇسۇل بىلەن سايلىنىش تەرەپدارى بولغان نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى. ھۆكۈمەت بىناسىنى قامال قىلىشقا ئۇرۇنغان نامايىشچىلارنى تارقىتىش ئۈچۈن ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتتى ۋە كۆپلىگەن نامايىشچىلار يارىلاندى. ئۆتكەن ھەپتە شەرقىي تۈركىستاندا 50 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر تۈركىي، خىتاي كۈچلىرى تەرىپىدىن قەتلى قىلىنغان ئىدى.

«يېڭى شافاك» گېزىتىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار نامايىش قىلسا قورال كۈچى بىلەن بىر تەرەپ قىلىۋاتقانلىقىنى ئەمما، خوڭكوڭدىكى نامايىشتا بولسا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئېتىش بىلەن كۇپايە قىلغانلىقى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈن ئوق ئاتتى جۇڭگولۇق بولغانلىقى ئۈچۈن گاز ئاتتى دېگەن تېمىدىكى خەۋەردە خىتاي، شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئەڭ ئاددىي نارازىلىق پائالىيەتلىرىنىمۇ قورال ئىشلىتىش بىلەن بىلىنىدۇ، خوڭكوڭدىكى نامايىشچىلار جۇڭگولۇق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار تېخىمۇ ئامەتلىك دېيىلگەن.

خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ھۆكۈمەت بىناسى جايلاشقان مەركىزىي مەيدان بىلەن ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاساسلىق كوچىلار نامايىشچىلار بىلەن لىق تولغان.

خەلقئارا تاراتقۇچىلارنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خوڭكوڭدا «مەركەزنى ئىشغال قىلىش» شوئار ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نامايىش شەھەرنىڭ كۈندىلىك ئىجتىمائىي ھاياتىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان.

كوچىلار نەچچە مىڭلىغان كىشىدىن تەركىب تاپقان نامايىشچىلار بىلەن تولۇپ تاشقان بولۇپ، 200دىن ئارتۇق كوچا ئاپتوبۇسى شەھەر مەركىزىدىكى يوللاردىن يۆنىلىشىنى ئالماشتۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. خوڭكوڭ پۇل مۇئامىلە ئىدارىسى، 20 بانكىنىڭ نامايىش بولۇۋاتقان ئورۇندىكى 36 شۆبىسىنىڭ ۋاقىتلىق خىزمەتتىن توختىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

خوڭكوڭ مائارىپ نازارىتى، نامايىش بولۇۋاتقان رايونلاردىكى، باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ دەرسلەرنىڭ ۋاقىتلىق كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

دائىرىلەر، نامايىشچىلارغا قارىتا توسۇۋېتىلگەن يوللارنى ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرى، جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىلىرى ئۈچۈن ئېچىۋېتىشكە چاقىرىق قىلىندى.

نامايىشچىلار رايوننىڭ رەھبەرلىرى سايلاپ چىقىلىدىغان 2017-يىلىدىكى سايلامدا نامزاتلارنىڭ بېيجىڭ نامزات بەلگىلەش كومىتېتىنىڭ ئىجازىتىنى ئېلىشى توغرىسىدىكى قانۇنغا قارشى چىقماقتا ۋە سايلامنىڭ دېموكراتىيە ئۇسۇلدا خەلقئارا ئۆلچەمگە ئۇيغۇن ھالدا ئېلىپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلماقتا.

نامايىشچىلار خوڭكوڭنىڭ 2017-يىلىدىكى رايون باشلىقىنى بەلگىلەش سايلىمىدا ئەركىن سايلام ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرمىگۈچە نامايىشنى توختاتمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

ياپونىيەنىڭ NHK TV تېلېۋىزىيە قانىلىدا بىلدۈرۈشىچە، نامايىشچىلار دۈشەنبە كۈنى كېچىدىمۇ خوڭكوڭنىڭ ئىقتىسادىي رايونىنى ئىگىلىۋالغان. نامايىش جەريانىدا ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ 52 كىشى يارىلانغان. دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەندە نامايىشچىلارنىڭ سانى 10 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن، نامايىشچىلار يوللارنى توسۇپ ئەتراپنى قامال قىلغان.

خەۋەردە بىلدۈرۈشىچە، 10-ئاينىڭ 1-كۈنى چارشەنبە دۆلەت بايرىمى بولۇپ، نامايىشچىلارنىڭ باشلىقى دۆلەت بايرىمى كۈنى جەريانىدىمۇ نامايىشنى داۋام قىلىشنى پىلانلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا جۈمە كۈنىدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان نامايىشقا شەنبە كۈنى 10 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قاتناشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى ئەمما نامايىشچىلار باشلىقىنىڭ ئاخباراتلارغا بىلدۈرۈشىچە، نامايىشقا 60 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان. نامايىش باشلانغان جۈمە كۈنىدىن بۇيان ھازىرغىچە 78 كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ب ب س نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، مۇتەخەسسىسلەر بېيجىڭدىكى كوممۇنىست پارتىيە رەھبەرلىرى دېموكراتىيىنى ياقىلاپ ئېلىپ بېرىلغان نامايىشنىڭ خىتاينىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىغا كېڭىيىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

نامايىشچىلار 2017-يىلىدىكى سايلامنىڭ دېموكراتىيە ئۇسۇل بويىچە ئۆتكۈزۈلۈشىنى، ھازىرقى ھۆكۈمەتنىڭ ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلماقتا.

خوڭكوڭدىكى نامايىش قانداق يۈز بەردى نېمە مەقسەتتە ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ؟ بۇ نامايىش خىتاينىڭ باشقا شەھەرلىرىگىمۇ كېڭىيىش ئېھتىمالى بارمۇ؟ ساقچىلارنىڭ نامايىشچىلار بىلەن قارشىلاشماستىن چېكىنىپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە، ئۇيغۇر نامايىشچىلارنى قورال كۈچى بىلەن قانلىق باستۇرۇپ كېلىۋاتقان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خوڭكوڭدىكى نامايىشتا قورال كۈچى ئىشلەتمەستىن چېكىنىپ تۇرۇشتىكى سەۋەب نېمە؟ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن تۈركىيە ئىستراتېگىيە چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم، خوڭكوڭدىكى نامايىشنىڭ خەلقنىڭ دېموكراتىيە ئۇسۇلدا ئەركىن سايلام ئېلىپ بېرىش ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ نامايىشنىڭ خوڭكوڭدەك دېموكراتىيە ۋە ئەركىن بىر رايوندا يۈز بەرگەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئىچكى شەھەرلىرىگە كېڭىيىش ئېھتىمالنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

ئەركىن ئەكرەم، ئەگەر خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر نامايىشچىلارنى باستۇرغاندەك خوڭكوڭدىكى نامايىشنى قانلىق باستۇرۇپ قالسا، دۇنيانىڭ ئېغىر بېسىمى ئاستىدا قالىدىغانلىقىنى، بۇنى چۈشىنىپ يەتكەن خىتاي دائىرىلىرى نامايىشچىلارغا قاتتىق قوللۇق قىلماستىن سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى.