ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى جون كەرىي بىلەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى چارشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا ئۇچۇرۇشۇپ، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ بۇ يىل 11-ئايدا ئېلىپ بارىدىغان خىتاي زىيارىتى، خوڭكوڭ ۋەزىيىتى، ئىراق-شام ئىسلام دۆلىتى ۋە چەتئەللىك تېررورچى پىدائىيلار مەسىلىسى، كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق نۇرغۇن تېمىلارنى مۇزاكىرە قىلغان.
يىغىندا، جون كەرىي خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ئەندىشە قوزغاۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كىشىلىك ھوقۇق ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىراق، ئىككى تەرەپنىڭ خوڭكوڭدىكى نارازىلىق ھەرىكىتىگە تۇتقان پەرقلىق پوزىتسىيىسى، جون كەرىي بىلەن ۋاڭ يىنىڭ شۇ كۈنى ئۆتكۈزگەن بىرلەشمە ئاخبارات يىغىنىدا گەۋدىلىك ئىپادىلەندى. جون كەرىي سۆھبەتتىن دەل بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا، خوڭكوڭدا ئومۇم سايلام ئېلىپ بېرىشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خوڭكوڭ دائىرىلىرىنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا، نامايىشچىلارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى تىنچ ئىپادىلىشىگە يول قويۇشقا چاقىرغان.
ئۇ: شۈبھىسىزكى، بۈگۈن بىز مۇزاكىرە قىلىدىغان يەنە بىر مەسىلە-خوڭكوڭ ۋەزىيىتى. خىتايغا مەلۇم بولغاندەك، بىز خوڭكوڭ تۈپ قانۇنىغا ئاساسەن ئومۇمى سايلام ئېلىپ بېرىشنى قوللايمىز. بىز يۇقىرى دەرىجىلىك ئاپتونومىيىگە ئىگە ۋە شۇنداقلا قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان ئوچۇق بىر جەمئىيەت، خوڭكوڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ قارايمىز. بىز خوڭكوڭ دائىرىلىرىنىڭ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشىدىن، نامايىشچىلارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى تىنچ ئىپادىلەش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشىدىن زور ئۈمىد كۈتىمىز، دېگەن.
جون كەرىي بۇ سۆزلەرنى بېيجىڭ ھۆكۈمىتى خوڭكوڭ مەسىلىسى «جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خوڭكوڭدىكى نامايىش قانۇنسىزلىق، ھەر قانداق دۆلەتنىڭ ئارىلىشىشقا ھەققى يوق، دەپ ئاگاھلاندۇرۇۋاتقان مەزگىلدە قىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە، خوڭكوڭدىكى دېموكراتىك كۈچلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر داۋاملىق نامايىش ئېلىپ بېرىلسا، بۇ قالايمىقانچىلىق ۋە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ۋاڭ يى چارشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندىكى ئاخبارات يىغىنىدا، خىتاينىڭ خوڭكوڭ مەسىلىسىدىكى بۇ پوزىتسىيىسىنى يەنە تەكىتلەپ، ئامېرىكىنى خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان.
ئۇ: مىنىستىر كەرىي خوڭكوڭ مەسىلىسىنى تىلغا ئالدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى پوزىتسىيىسىنى قەتئىي ۋە ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلدى. بارلىق دۆلەتلەر جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. بۇ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردىكى ئەڭ ئەقەللىي پرىنسىپ. ھەر قانداق دۆلەت، ھەرقانداق جەمئىيەت ۋە ھېچكىم قانۇنسىز ھەرىكەتلەرنىڭ جەمئىيەت تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا يول قويمايدۇ، دېگەن.
نۆۋەتتە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭدىكى نامايىشنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىغا بۇرالدى. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى خوڭكوڭغا ھەربىي قىسىملىرىنى كىرگۈزۈپ، 1989-يىلى 4-ئىيۇن كۈنى تيەنئەنمېن ھەرىكىتىنى باستۇرغاندەك خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە ھەرىكىتىنى باستۇرامدۇ ياكى مەسىلىنى سۆھبەت ئارقىلىق تىنچ ھەل قىلامدۇ؟ بۇ نۆۋەتتە، خەلقئارا جەمئىيەت قىزىقىۋاتقان ئاچقۇچلۇق سوئال. خىتاي تەرەپ ۋاڭ يىنىڭ ۋاشىنگتون زىيارىتىنى بۇرۇن ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان، دېگەن بولسىمۇ، بىراق بەزى ئانالىزچىلار ۋاڭ يىنىڭ تۇيۇقسىز زىيارىتى خوڭكوڭ ۋەزىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارىماقتا.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ۋە باشقا سىياسىي ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ قارىشىچە، دۇنيا بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭدىكى نامايىشنى تيەنئەنمېن ۋەقەسىگە ئوخشاش قوراللىق باستۇرۇشىغا يول قويماسلىقى ۋە خىتايغا كۈچلۈك سىگنال بېرىشى كېرەك. د ئۇ ق بۇ خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ بىرى. مەزكۇر ئورگاننىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، دۇنيانىڭ خوڭكوڭ مەسىلىسىگە كەسكىن ئارىلىشىشىنى تەلەپ قىلدى.
ئۇ: خوڭكوڭ خەلقىنىڭ بۇ قېتىمقى ئېلىپ چىققان نامايىشى، ئويغىنىشى، خەلقنىڭ بىرلىككە كېلىشى، ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن زور روھىي ئوزۇق بولىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ يولىنى تېخىمۇ ئاچىدۇ. ئۇيغۇرلار بۇنىڭدىن روھلىنىدۇ ۋە ئۈمىدلىنىدۇ. خىتاي تېررىتورىيىسىدىكى بېسىلىۋېلىنغان مىللەتلەر ئىچىدە ئۆزىنىڭ يالغۇز قالمىغانلىقىنى، تىبەت بىلەن خوڭكوڭ خەلقىنىڭمۇ ئۆز سېپىگە ئۆتكەنلىكىدىن روھلىنىدۇ.
شەرقىي تۈركىستاننىڭ بېشىدىن ئۆتۈۋاتقان ھازىرقى قىرغىنچىلىقنى دۇنيا ئاللىقاچان ئۇقۇپ بولدى. مۇشۇنداق ئەھۋاللارنىڭ خوڭكوڭدا يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن دۇنيا ئۇكرائىنا ۋەقەسىگە قانداق ئارىلاشقان بولسا، خوڭكوڭ مەسىلىسىگە شۇنداق ئارىلىشىدۇ، دېدى.
رابىيە قادىر خانىم، ھازىر خوڭكوڭ خەلقىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى 65 يىل ئاۋۋال دۇچ كەلگەن ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى 65 يىل ئاۋۋال ئۇيغۇرلارغا قانداق ۋەدە بېرىپ يېنىۋالغان بولسا، ھازىر خوڭكوڭ خەلقىگە شۇنداق ۋەدە بېرىپ يېنىۋالغانلىقىنى بىلدۈردى. بىراق ئۇ، «بۇ قېتىم خوڭكوڭ مەسىلىسى تارىخنىڭ دەپتىرىنى يەنە بىر قېتىم ۋاراقلايدۇ» دەپ كۆرسەتتى.
ئۇ مۇنداق دېدى: تارىخنىڭ تەكرارلىنىشى بار. بىزنىڭ مەسىلىمىزدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دېگەن گەپلىرى، 1. ئۆز تەقدىرىڭلارنى ئۆزۈڭلار بەلگىلەيسىلەر. 2. بىز كۆچمەن ئەكەلمەيمىز. بىز سىلەرنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىڭلارغا ياردەم قىلىپ ۋاقىتلىق كىردۇق، چېكىنىپ چىقىپ كېتىمىز. 3. بىز ئىككى خىل سىياسەت ئىشلىتىمىز. يەرلىك مىللەتلەر بىلەن بىزنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئىشلەتكەن سىياسىتىمىز ئوخشاش بولمايدۇ. سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ بايلىقى، ھەتتا 86 % خىزمەت ئورنى سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلارنىڭ بولىدۇ. ئۆزۈڭلارنىڭ رەھبەرلىرىنى ئۆزۈڭلار سايلايسىلەر. سىلەر خۇددى ئۆزۈڭلارنىڭ تەقدىرىنى ئۆزۈڭلار بەلگىلىگەندەك ھەقىقىي ئاپتونومىيىدە ياشايسىلەر، دەپ ۋەدە قىلغان. دەل مۇشۇ ۋەدىلەرنى شياڭگاڭغىمۇ قىلدى. 65 يىلدىن بېرى بۇ ۋەدىلەرنىڭ ھەممىسى يالغان چىقىپ، ئەڭ ئاخىرىدا بۇنىڭغا چىداپ تۇرالمىغانلارنى دەرىجىگە بۆلۈپ، زىيالىيلىرىمىزنى، نارازىلىق بىلدۈرگەنلەرنى قىرىپ تۈگەتتى. لېكىن بىز دۇنياغا ئاڭلىتالمىدۇق. بۇ تارىخ ھازىر شياڭگاڭدا قايتىلاندى. دېمەك، شياڭگاڭ خەلقى تاقەت قىلىپ تۇرالمىدى. شياڭگاڭ مەسىلىسى بىزنىڭ مەسىلىمىزنى چۈشەندۈرىدۇ. يالغۇز بىزنى ئەمەس، تىبەت، موڭغۇل، تەيۋەن مەسىلىسىدە تارىخ يەنە بىر قېتىم دەپتىرىنى ئاچىدۇ، دەپ قارايمەن.
خەۋەرلەردىن قارىغاندا، خوڭكوڭ مەمۇرى باشلىقى لياڭ جىڭيىڭ پەيشەنبە كۈنى يېرىم كېچىدە بايانات ئېلان قىلىپ، ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشنى رەت قىلغان. خوڭكوڭلۇق نامايىشچىلار ئىلگىرى لياڭ جىڭيىڭغا پەيشەنبە كۈنى يېرىم كېچىدىن بۇرۇن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرمىسە، ھۆكۈمەت بىناسىنى ئىشغال قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇلتىماتۇم تاپشۇرغان ئىدى.
بىراق لياڭ جىڭيىڭ ئۇلتىماتۇم قەرەلى توشۇشتىن سەل بۇرۇن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئوقۇغۇچىلارنى ھۆكۈمەت بىناسىنى ئىشغال قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇپ، خوڭكوڭ مەمۇرى رايونىنىڭ سېكرېتارىنى ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە بۇيرۇغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
نۆۋەتتە، نامايىشچىلار خوڭكوڭ مەمۇرى رايون ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى خىزمەت بىناسىنى قورشىۋالغان. خوڭكوڭ ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى يەنە، نامايىشچىلارنى ھۆكۈمەت بىناسى ئەتراپىدىكى بارلىق يوللارنى قامال قىلىپ، لياڭ جىڭيىڭنىڭ جۈمە كۈنى ئىشقا كېلىشىنى توسۇشنى تەلەپ قىلغان. نامايىشچىلار خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2017-يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان خوڭكوڭ مەمۇرى باشلىق سايلىمىدا نامزاتلارنى بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارارىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلماقتا.