ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە مۇلاھىزە

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دېموكراتىيە ھەرىكەتلىرىگە تۇتقان پوزىتسىيىسى، شۈبھىسىزكى، شى جىنپىڭنىڭ سىياسىي ئىسلاھاتىنى كۈتۈۋاتقانلارنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈردى.

كۆزەتكۈچىلەر، ئامېرىكىلىق بىر قىسىم سىياسەتچىلەر ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن، ئەگەر خىتاي ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەرەققىي قىلسا ئۇنىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسىمۇ ئەركىنلىشىدۇ، دەيدىغان كۆز قاراشنىڭ پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

كۆزەتكۈچىلەر مۇلاھىزىلىرىدە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانى بۇ يىل 11-ئايدا خىتاينى رەسمىي زىيارەت قىلىشتىن ئاۋۋال، خىتايغا قاراتقان سىياسىتىنى قايتا كۆزدىن كۆچۈرۈپ چىقىپ، يېڭىچە سىياسەت تېپىپ چىقىشقا چاقىرغان.

ئامېرىكا ۋە خىتايدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت، ئامېرىكا سابىق پرېزىدېنتى جىممىي كاتېر مەزگىلىدە يەنى 1979-يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرغاندىن بۇيان ئارىدىن 35 يىل ئۆتتى. بۇ 35 يىل مابەينىدە ھەر ئىككىلا دۆلەت ئامېرىكا-خىتاي ھەمكارلىقىنىڭ دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى چوقۇم ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. بىراق، بۇ سۆزلەر قانچىلىك رېئاللىققا ئايلاندى؟ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىياتى قايسى باسقۇچتا؟ نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ 35 يىل ئىلگىرىكىدىن كۆپ پەرقلىق ئەمەسلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ خىتاينى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق دېموكراتىيىلەشتۈرۈش سىياسىتىنىڭ ئەكسىچە نەتىجە بەرگەنلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ ئەمدى «شېرىن چۈش» تىن ئويغىنىدىغان ۋاقتى كەلگەنلىكىنى مۇلاھىزە قىلىشماقتا.

ئامېرىكىلىق ئاكادېمىك، تونۇلغان خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى ئورۋىل شېل «نيۇيورك كىتابلىرى» ژۇرنىلىدا «خىتاينىڭ قايتۇرما زەربىسى» ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ 35 يىللىق مۇساپىسىگە باھا بېرىپ چىققان. ئورۋىل شېل 1979-يىلى تۇنجى قېتىم جىممىي كاتېر ۋە دېڭ شياۋپىڭ ئۇچرىشىپ مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرغاندىن بۇيان، بۇ نورماللىشىشنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىدە قىسمەن ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ لېنىنچە بىر پارتىيە تۈزۈمىنى ئۆزگەرتەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خىتاينىڭ ئىشىكى ئوچۇقلا بولسا، ئىقتىسادنى ئېچىۋېتىش ئارقىلىق، ئاكادېمىكلارنى ئۆز-ئارا ئەۋەتىش ئارقىلىق ۋە ئامېرىكىنىڭ كەڭ قورساقلىقى بىلەن، خىتاي ھامىنى بىر كۈنى دېموكراتىيەلىشىدۇ، دەپ قارىغانلىقى، گەرچە بۇ خىل ئىدىيە بېرلىن تېمىنىڭ ئۆرۈلۈشى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشى ئۈچۈن ئىشقا يارىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتايغا كەلگەندە بۇنىڭ ئويلىغاندەك بولمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇلاھىزىسىدە مۇنداق دېگەن:
-شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتكە كەلگەندىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنياغا تۆۋەندىكىدەك سىگنالنى بەردى-«خىتاي غەربنىڭ دۆلەتنى دېموكراتىيە ئارقىلىق ئىدارە قىلىش فورمۇلىسىنىڭ ھەرقاندىقىنى ئەسلا قوبۇل قىلمايدۇ. ئامېرىكىلىقلار خىتايغا سايلام، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ئېلىپ كېلىش خام خىيالىدىن ۋاز كەچسۇن. بىزنىڭ بولۇشىمىز مۇشۇ. ئۆزگىرىشنى خالىمايمىز». شى جىنپىڭ 2013-يىلى ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىغا قىلغان زىيارىتى جەريانىدىمۇ ئوخشاش مەنىدىكى سۆزنى ئىپادە قىلدى. يەنى ئۇ سۆزىدە، ئىككى قۇدرەتلىك دۆلەتنىڭ يېڭىچە مۇناسىۋەت قۇرۇپ چىقىشى كېرەكلىكىنى، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ بىر-بىرىنى قانداق بولسا شۇ پېتى قوبۇل قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئاپتور ئورۋېل شېلنىڭ ماقالىسىدە بايان قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى جىممىي كاتېر ئامېرىكا-خىتاي دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نورماللاشقانلىقىنىڭ 35 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن خىتايدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر قاتار خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن تەكلىپ قىلىنغان. ئاپتورمۇ ئامېرىكا-خىتاي ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلاش، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى گۇماننى يوقىتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلغان جىممىي كارتىرغا ئوخشاش بىر كىشى بىلەن بېيجىڭ زىيارىتىگە بېرىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئويلاپ، جىممىي كاتېر بىلەن بىللە بېجىڭغا بارغان. بىراق ئۇ، بۇ قېتىملىق زىيارىتىدە ئۆزىنىڭ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە يېقىنلىشىش ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن بىر بۆلۈنۈشنى كۆرگەنلىكىنى بايان قىلغان. ئاپتور ئورۋېل شېل جىممىي كارتىرغا ئوخشاش 35 يىل ئىلگىرى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە قاتتىق قارشىلىققا ئۇچرىشىغا ۋە ھەتتا تەيۋەننى سېتىۋېتىش بىلەن ئەيىبلەنگىنىگە قارىماي، خىتاي بىلەن دىپلوماتىيە ئورناتقان بىر سابىق پرېزىدېنتنىڭ 35 يىلدىن كېيىن بېيجىڭدا بولۇشى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا باھا بېرىش ۋە ئۇنىڭ ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلىشى ئۈچۈن مۇھىم بىر پۇرسەت دەپ ئويلىغان بىراق، پەرەز قىلىنغاننىڭ ئەكسىچە، بىرىنچى كۈنى خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان پائالىيەتتە خىتايدىكى ئەڭ «بىخەتەر» تېما بولغان ئىقتىساد توغرىسىدىلا سۆز ئېچىلغان. جىممىي كاتېر ئۈچۈن مەخسۇس بىر يىغىنمۇ ئۇيۇشتۇرۇلمىغان. ئىقتىساد ھەققىدىكى يىغىندا سابىق ب د ت ئىقتىساد ئەمەلدارى ۋە بىر ئارگېنتىنالىق ئىقتىسادشۇناسلىق كېيىنلا جىممىي كارتېرغا ناھايىتى قىسقا سۆز ۋاقتى بېرىلگەن.

كېيىنكى كۈنلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان پروگراممىلار جىممىي كاتېر باشچىلىقىدىكى ھەيئەتكىمۇ خەۋەر قىلىنماي تۇرۇپلا بېيجىڭدىن باشقا شەھەرلەرگە يۆتكىۋېتىلگەن. خەلق سارىيىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان كەچلىك زىياپەتمۇ ناھايىتى ئاددىي ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئاپتور ئورۋېل شېل خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ياكى باش مىنىستىر لى كېچياڭ ھېچقايسىسىنىڭ جىممىي كاتېر بىلەن كۆرۈشمىگەنلىكىنى ئىنتايىن غەلىتە، ھېس قىلغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ كۈنى خەلق سارىيىدا كەچلىك زىياپەتتە شى جىنپىڭ يان سارايلاردا باشقا مېھمانلارغا بېرىلگەن زىياپەتلەردە توختاپ ئۆتكەن. بىراق ئۇ، جىممىي كارتېرغا بېرىلگەن زىياپەتكە كىرمىگەن. ئاپتور ئورۋېل شېل ماقالىسى داۋامىدا ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە تۆھپە قوشقان سابىق پرېزىدېنتقا قىلىنغان بۇنداق كەمسىتىش خاراكتېرىدىكى مۇئامىلىنىڭ خۇددى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئامېرىكىغا «ھازىر پەقەت غەربلا باي ئەمەس، خىتاي يېقىندا ئامېرىكىدىنمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ، ئەمدى ئىشلار خىتاينىڭ دېگىنىدەك بولىدۇ» دېگەننى بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن قەستەن ئورۇنلاشتۇرۇلغاندەك كۆرۈنىدىغانلىقىنى، بۇ زىيارەتنىڭ كىشىلەرگە پەقەت ئىككى دۆلەت ھېچقاچان ھەقىقىي مۇناسىۋەت ئورنىتالمايدۇ، دېگەن سىگنالنى بەرگەنلىكىنى بايان قىلغان. ئۇ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ خىتاي تارىخىنى بايان قىلغاندا، خىتاينىڭ ئىلگىرى داۋاملىق تاشقى كۈچلەر تەرىپىدىن ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىنغانلىقى، ئېزىلگەنلىكى ھەمدە كەمسىتىلگەنلىكىنى تەكىتلەيدىغانلىقى، لېكىن شۇ مىنۇتلاردا خىتاينىڭ مۇئامىلىسىدىن ئۆزىنىڭ شۇ كۈنكى زىياپەتتىن بالدۇرراق ئايرىلىپ ئۆيگە قايتقۇسى كەلگەنلىكىنى بايان قىلغان. ئاپتور سۆزىدە، ھازىر خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە ھەربىي ئەمەلدارلار خىتاينىڭ بېيىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت بولغانلىقىدىن قاتتىق پەخىرلىنىدۇ. ئۇلار ھازىر ياپونىيەگە، ۋىيېتنامغا قورقماي ئۆكتە قوپالايدىغان، ھەتتا ئامېرىكىلىق تونۇلغان كىشىلەرنىمۇ قورقماي كەمسىتىدىغان ھالغا كەلدى. ئۇلار بۇنىڭ ھەرقانداق سەلبىي ۋە ھەتتا خەتەرلىك ئاقىۋىتىنى ئويلاپمۇ قويىدىغاندەك ئەمەس، دەپ بايان قىلغان. ئۇ خىتاي مىللەتچىلىرىنىڭ بۇنداق پۇرسەتنى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى كۈتۈۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ئۇلارنىڭ ھازىر ئۆزلىرىگە كەلگەن بۇ تارىخى پۇرسەتتىن قاتتىق پايدىلىنىپ مىللەتچىلىك قىلىپ، ھەرقانداق تاشقى بېسىمغا پەرۋا قىلمايۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان ۋە يەنە مۇنداق دېگەن:
-خىتاي ئۆزىدە شەكىللەنگەن بۇنداق تەمەننا، قاتتىقلىق ۋە بۇنداق زومىگەرچە مىللەتچىلىكى ئارقىلىق ئەمەلىيەتتە ئۆزىگە قارشىلىق پەيدا قىلماقتا. ھازىر «خىتاينىڭ ھەقىقىي شېرىكى بارمۇ؟» دەيدىغان سوئال پەيدا بولدى. خىتاينىڭ ھەرىكىتى ئۇنىڭ نىيىتىگە نىسبەتەن قاتتىق گۇمان پەيدا قىلدى. بولۇپمۇ خىتاي بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كەلگەنلەرنى ئويلاندۇرۇپ قويدى. ئۇلار ھازىر خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىمەن دېيىش ئەخمەقلىق ئەمەسمۇ، دەپ سورايدىغان بولۇپ قالدى... ئەسلىدە جىمىي كارتېرنىڭ خىتايغا قىلغان زىيارىتى خىتاي ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ھەمكارلىشىش نىيىتىنىڭ سەمىمىيلىكىنى نامايان قىلىشى ئۈچۈن ئىنتايىن ياخشى بىر پۇرسەت ئىدى. بىراق، خىتاي ئۇنىڭ ئورنىغا قايتا-قايتا شۇنداق بىر سىگنالنى بېرىشكە تىرىشتى، يەنى «ھازىردىن باشلاپ، بىزنىڭ دېگىنىمىز ھېساب. ئەگەر بىز بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىمەن دەيدىكەنسەن، بىزنىڭ دېگىنىمىزگە كۆنىسەن. بولمىسا سېنىڭ شېركەتلىرىڭنى چەكلەپ قويىمەن، رەسمىي زىيارەتكە كەلگەن ئەمەلدارلىرىڭنى نەزەرگە ئىلمايمەن، ئەركىن پىكىر قىلىدىغان ژۇرنالىست ۋە ئاكادېمىكلىرىڭگە ۋىزا بەرمەيمەن، دېموكراتىيە چۈشى كۆرۈۋاتقانلارنىڭ ئەدىبىنى بېرىمەن، چۈنكى مەن ھېچكىمنىڭ خىتايدەك بۇ چوڭ بازاردىن ۋاز كېچەلمەيدىغانلىقىنى بىلىمەن، شۇڭا ئەمدى ئويۇننى مەن باشقۇرىمەن» دېمەكچى بولدى.

ئۇ، بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەبلەرنى بايان قىلغاندا، خىتاينىڭ يۇمشاق قۇلاق بولۇش، ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىشنى ئاجىزلىقنىڭ ئىپادىسى دەپ قارايدىغان ئەنئەنىسىنىڭمۇ بارلىقىنى ئىپادىلەش بىلەن بىرگە، ئامېرىكا ئاقساراي ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا خىتاينى ھەقىقىي چۈشىنىدىغان كىشىلەرنىڭ ئازلىقى ۋە شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى باشقا نۇرغۇن مۇھىم مەسىلىلەر سەۋەبىدىن دىققىتىنى خىتايغا پۈتۈنلەي قارىتىپ بولالمايۋاتقانلىقىنىمۇ بۇنىڭ سەۋەبلىرى ئارىسىدا كۆرسەتكەن. ئۇ خىتاينىڭ ئۆزىگە خاس لېنىنچە كاپىتالىزمنىڭ ۋە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ داۋاملىق خىتاينى چۈشەنمەيدىغان ئامېرىكىلىق سىياسەتچىلەر ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ قارارسىز باشلىقلىرى چىقارغان قارارلار نەتىجىسىدە شەكىللەنگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ خىتاينى باي قىلىش ئارقىلىق ئۇنى دېموكراتىيىلەشتۈرۈش خام خىيالىنىڭ پۈتۈنلەي خاتالىقىنى بايان قىلغان. ئۇ ھازىر خىتاينىڭ پوزىتسىيىسىنىڭ خۇددى ۋىلادىمىر پۇتىنغا ئوخشاشلا «خالىغىنىمنى قىلىمەن، ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ۋاسىتە تاللاپ ئولتۇرمايمەن» دەيدىغان دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى بايان قىلغان.

ئاپتور ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا، گەپنى قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئەمدى باراك ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىن ئىبارەت بۇ رېئاللىقنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشتا ئەمدى يېڭى بىر فورمۇلا تېپىپ چىقىشى كېرەكلىكىنى، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى خىتايدىن ئىبارەت بۇ كۈچنى شۇ پېتى قوبۇل قىلامدۇ ياكى قىلمامدۇ، دېگەن مەسىلە ئۈستىدە ئويلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.