خوڭكوڭ خىتاي باشقۇرۇشىغا ئۆتكەن 17 يىللىق خاتىرە كۈنىنى نامايىش بىلەن كۈتۈۋالدى

0:00 / 0:00

1-ئىيۇل كۈنى، يەنى خوڭكوڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قايتۇرۇپ بېرىلگەنگە توپ‏توغرا 17 يىل تولغان كۈندە نەچچە ئون مىڭلىغان، يۈزمىڭلىغان خوڭكوڭلۇقلار كوچىغا چىقىپ، نامايىش قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۆزلىرىنىڭ ئەركىنلىكىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

ھازىرچە، بۇ نامايىشقا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئېنىق سانى ھەققىدە تېخى رەسمىي رەقەم تېخى ئېلان قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما خوڭكوڭدىكى دېموكراتىك تەشكىلاتلار بۇ نامايىشنىڭ 2003-يىلىدىكى 500 مىڭ كىشىلىك نامايىشتىنمۇ بەك زور كۆلەملىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. رويتېرسقا ئوخشاش خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈنكى بۇ نامايىشتا ئادەمنىڭ كۆپلۈكىدىن نامايىشچىلارنىڭ بىر قانچە يۈز مېتىر ئالغا ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن ئىككى سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت كەتكەن، نامايىشچىلارنىڭ بىرىنچى سېپى 4 سائەت مېڭىپ ئاخىرقى نۇقتىغا بېرىپ بولغاندا تېخىچە نامايىشنىڭ باشلانغۇچ يېرىدىن قوزغىلىپ بولالمىغان. خوڭكوڭ دائىرىلىرى نامايىش تەرتىپىنى ساقلاش ئۈچۈن 4000 نەپەر ساقچى ئاجراتقان.

بۈگۈنكى نامايىشنىڭ باش تېمىسى «خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى قوغدايمىز، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەھدىتىدىن قورقمايمىز» دەپ بېكىتىلگەن بولۇپ، نامايىش ئورۇنلىرىغا مۇشۇ مەزمۇندىكى لوزۇنكىلار بىلەن بىرلىكتە يەنە، خوڭكوڭنىڭ ھازىرقى ۋالىيسى لېڭ چۈنيىڭنىڭ ئىستېپا بېرىشى تەلەپ قىلىنغان لوزۇنكىلار ئېسىلغان. بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشىدىكى لېڭ چۈنيىڭ ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىگە خىزمەت قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، خوڭكوڭلۇقلار بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بەلگىلەپ بەرگەن ۋالىينى بۇندىن كېيىن قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى، 2017-يىلىدىكى ئومۇمىي سايلامدا ئۆزىنىڭ ۋالىسىنى ئۆزى سايلاپ چىقىدىغانلىقىنى تەلەپ قىلىۋاتقان ئىدى. بۈگۈن، رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا سۆز قىلغان بىر نامايىش قاتناشقۇچىسى «خوڭكوڭ ھازىر ئۆزگىرىپ كەتتى. خوڭكوڭ دائىرىلىرى ھازىر خوڭكوڭلۇقلار ئۈچۈن خىزمەت قىلمايدۇ، ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ» دېگەن. 22 ياشلىق بىر ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىسى بولسا مۇخبىرغا «بۇ بىزنىڭ ئاۋازىمىزنى ئاڭلىتىدىغان ئاخىرقى پۇرسەت بولۇشى مۇمكىن، مەن ھازىرغىچە بۇنداق چوڭ نامايىشنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم. مانا بۇ بىزنىڭ دېموكراتىيىگە ئېرىشىش نىيىتىمىزنىڭ قانچىلىك قەتئىيلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېگەن.

خوڭكوڭدا ئۆتكەن جۈمە كۈنى «مەركەزنى ئىشغال قىلىش» ھەرىكىتى تەرىپىدىن غەيرىي رەسمىي يوسۇندىكى ئاۋاز بېرىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. خوڭكوڭدا ھەقىقىي دېموكراتىك سايلام ئۆتكۈزۈپ، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئۆز رەھبىرىنى ئۆزى سايلاپ چىقىشى تەلەپ قىلىنغان بۇ بىلەت تاشلاشقا 800 مىڭغا يېقىن كىشى ئاۋاز قوشقان ئىدى. ئۇنىڭدىن سىرت، خوڭكوڭدىكى مىڭغا يېقىن سوتچى ۋە ئادۋوكاتلارمۇ بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خوڭكوڭ ھەققىدە ئېلان قىلغان ئاق تاشلىق كىتابقا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، نامايىش قىلغان ۋە قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكىنى قوغداپ قېلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى. ئىگىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بۇ دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنىڭ ئالدىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ئاق تاشلىق كىتاب خوڭكوڭلۇقلارنى نارازى قىلغان بولۇپ، بۇ تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ «مەركەزنى ئىشغال قىلىش» ھەرىكىتىنى قوللىشىغا سەۋەب بولغان. چۈنكى، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئاق تاشلىق كىتابتا خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە ھەرىكەتلىرىنى ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ قايمۇقۇپ، بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈمگە خىلاپ ئىشلارنى قىلىشى دېگەندەك ئىبارىلەر يەر ئالغاندىن سىرت يەنە، سوتچىلار ۋە ئادۋوكاتلار ۋە شۇنداقلا ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ئالدى بىلەن ۋەتەننى سۆيۈشى كېرەك، دەپ تەنبىھ قىلغان. مانا بۇلار خوڭكوڭدا كۆيۈۋاتقان ئوتقا ماي چاچقاندەك تەسىر ياراتقان. بۈگۈنكى نامايىشتىمۇ بىر قىسىم نامايىشچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاق تاشلىق كىتابىنى كۆيدۈرگەن ۋە «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭدا ئۆتكۈزمەكچى بولۇۋاتقىنى ساختا سايلام. ئۇ ۋەتەننى سۆيگەنلىك ئەمەس، خوڭكوڭنى سۆيگەنلىك ئەمەس» دەپ شوئار توۋلىغان.

بۈگۈن، يەنە بىر ياقتىن خوڭكوڭدا 1-ئىيۇل كۈنى خوڭكوڭنىڭ قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئەتىگەندە رەسمىي بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى قاتناشقان بولۇپ، خوڭكوڭ ۋالىيسى لېڭ چۈنيىڭ مۇراسىمدىن كېيىن قىلغان سۆزىدە نامايىشچىلارنى خوڭكوڭنىڭ پاراۋانلىقى ۋە مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەرىكەتلەردە بولماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان. ئەمما ئەنگلىيەدىن چىقىدىغان گاردىيان گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خوڭكوڭ ئوقۇغۇچىلار بىرلىكىنىڭ باشلىقى ئالېكس چۇ بۈگۈن قىلغان سۆزىدە، ئەگەر خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ۋە خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى 800 مىڭغا يېقىن ئادەم بېلەت تاشلىغان ئاۋاز بېرىش ھەرىكىتىنى كۆرمەسكە سالىدىكەن، ئۇ ھالدا بىزمۇ ئومۇمىي خەلق قارشىلىق كۆرسىتىش، ئىتائەتسىزلىك ھەرىكىتىنى باشلايمىز» دېگەن. ئىگىلىنىشىچە، خوڭكوڭلۇق نەچچە مىڭلىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بۈگۈنكى نامايىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن كېچىچە خوڭكوڭدىكى مەركىزى مەيداننى «ئىشغال قىلىش» ھەرىكىتى قىلىپ، سەيشەنبە كېچىدىن چارشەنبە ئەتىگەنگىچە بۇ مەيداننى ئىگىلەپ ئولتۇرىدىكەن.

بۈگۈنكى نامايىش خوڭكوڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەندىن بۇيانقى كۆلىمى ئەڭ زور نامايىش ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئارزۇسىغا قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىغا دىققەت قىلماقتا. ئەمما ھازىرغىچە تېخى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ھېچقانداق ئىجابىي بىر سىگنال يوق. چۈنكى بۈگۈن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى جاڭ شياۋمىڭ باياناتىدا ئوچۇق قىلىپ «بىز خوڭكوڭدىكى بىر قانچە كىشىلەر پەيدا قىلىۋاتقان رادىكال ۋە قانۇنسىز ھەرىكەتلەرگە قەتئىي قارشى تۇرىمىز، چۈنكى بىزنىڭ ھەممىمىزنىڭ قانۇننى قوغداش مەجبۇرىيىتىمىز بار. بىز ئومۇمىي سايلامنى قوللايمىز. ئۇنىڭ چىنلىقى ۋە قارارى ئۆزگەرمەستۇر. بۇ، قانداقتۇر ئاتالمىش ئاۋاز بېرىش ھەرىكىتى ۋە نامايىشلار بىلەن ئۆزگىرىپ قالمايدۇ ياكى تەۋرىنىپ قالمايدۇ» دېگەن.