ئىگىلىشىمىزچە، يېقىندىن بۇيان خوتەننىڭ ھەرقايسى ناھىيەلىرىدىكى يېزىلاردا ئەسلىدىكى يېزىلىق ساقچىخانىلار كېڭەيتىلىپ، يېزىدىكى مەركىزى ساقچىخانىنىڭ باشقۇرۇشىدا ھەر بىر كەنتتە بىردىن تارماق ساقچىخانا، ساقچىخانىلارنىڭ ھەممىسىدىلا 10 مېتىردىن ئېگىز ساقچى قاراۋۇلخانىسى قۇرۇلغان. مەزكۇر بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ، بۇ يىل 14-فېۋرالدىكى گۇما پىچاقلىق ھۇجۇمىدىن كېيىن مەيدانغا كەلگەنلىكى مەلۇم.
خوتەننىڭ چىرا ناھىيىسىدىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن بۇلتۇردىن بۇيان چىرا ناھىيە تەۋەسىدە ساقچى ۋە ياردەمچى ساقچىلار كۆپەيتىلىپ، يېزىغا قاراشلىق كەنتلەرنىڭ ھەممىسىدىلا تارماق ساقچىخانىلار قۇرۇلۇپ، ساقچىلار ياردەمچى ساقچىلار ۋە خەلق ئەسكەرلىرىدىن تەركىب تاپقان بىرلەشمە قوشۇننىڭ ناھىيىنىڭ ئامانلىقىنى قوغداشقا مەسئۇل قىلىنغانلىقى مەلۇم بولدى.
ئۇلۇغساي يېزا مەركىزى ساقچىخانىسىدىن تېلېفونىمىزنى ئالغان ياردەمچى ساقچى يېزىنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلىپ، ئۇلۇغساي يېزىسىدىكى مەركىزى ساقچىخانىدىن باشقا يېزىغا قاراشلىق 8 كەنتنىڭ ھەممىسىدىلا تارماق ساقچىخانىلار قۇرۇلۇپ، يېڭىدىن ساقچى ۋە ياردەمچى ساقچىلارنىڭ كۆپەيتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلۇغساي يېزىسىدا نۆۋەتتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ساقچىلار، ياردەمچى ساقچى ۋە خەلق ئەسكەرلىرىنى قوشقاندا 100 دىن ئارتۇق كىشى يېزىنىڭ ئامانلىقىغا مەسئۇل ئىكەن.
ئۇ يېزىدىكى ساقچىلارنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي بايان قىلدى.
ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەركىزى ساقچىخانىدا ساقچىخانا باشلىقى ۋە سىياسىي يېتەكچىنى قوشمىغاندا مۇئاۋىن ساقچى باشلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 7 نەپەر ساقچى 6 ياردەمچى ساقچى بولۇپ 13 كىشى ۋەزىپە ئۆتەيدىكەن. يېزا بازىرىدىكى ساقچى مۇلازىمەت مەركىزىنى قوشقاندا، يېزىغا قاراشلىق كەنتلەردىكى تارماق ساقچىخانىلارنىڭ ھەر بىرىدە 7 نەپەر ساقچى 3 نەپەر ياردەمچى ساقچى بولۇپ 10 كىشى ئۆز دائىرىسىنىڭ خەتەرلىكىنى قوغداشقا مەسئۇل قىلىنغان. ئۇندىن باشقا ھەر جۈمە كۈنىدىكى ناماز ۋە كەنتلەردە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئاممىۋى مۇراسىملاردا يېزىلىق ھۆكۈمەت ئەۋەتكەن كادىرلار ۋە ھەر بىر كەنتتىن تاللىۋېلىنغان 4 نەپەر خەلق ئەسكىرى ساقچىلارغا ھەمكارلىشىپ، كەنتلەرنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدايدىكەن.
ئۇ يەنە 14-فېۋرال خوتەن گۇمىدا يۈز بەرگەن پىچاقلىق ھۇجۇمدىن كېيىن، ئۆز ناھىيىسىدىكى يېزىلاردا يولغا قويۇلغان قاتمۇ-قات بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ھەققىدە توختىلىپ، كەنتلەردىكى تارماق ساقچىخانىلاردا يېقىندىن بۇيان يەنە 24 سائەتلىك نۆۋەتچىلىك تۈزۈمى يولغا قويۇلغانلىقىنى، نۆۋەتچىلەر ئارىسىدا تولۇق قوراللانغان بىر نەپەر ساقچىنىڭ بارلىقىنى ۋە بۇلتۇردىن باشلاپ يېزىلىق مەركىزى ساقچىخانا ۋە كەنتلەردىكى تارماق ساقچىخانىلارنىڭ ھەممىسىدىلا 10 مېتىردىن ئېگىز بولغان ساقچى قاراۋۇلخانىلىرى سېلىنىپ، يېزىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بىخەتەرلىك مانېۋىرلىرى ياكى ئالاھىدە ئەھۋال يۈز بەرگەندە ساقچىلارنىڭ بۇ قاراۋۇلخانىلاردىن پايدىلىنىپ، ئەتراپنى كۆزىتىشى ۋە ۋەزىيەتنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تەدبىر بەلگىلەشتە پايدىلىنىۋاتقانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى بايان قىلدى.
رادىئومىز يېقىنقى مەزگىللەردە خوتەندىكى باشقا ناھىيىلەردىكى ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلىپ ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىنمۇ نۆۋەتتە يېزىلاردىكى كەنتلەردە تارماق ساقچىخانىلارنى تەسىس قىلىش پۈتۈن خوتەن ۋىلايىتىدە ئومۇملاشقانلىقى ۋە خوتەندە ساقچىلارنىڭ 24 سائەتلەپ نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇپ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشى ئۇلارنىڭ كۈندىلىك خىزمىتىگە ئايلانغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.
خوتەندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلارمۇ، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان پۈتكۈل خوتەن ۋىلايىتىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى كۈچەيتىلگەنلىكى، يېزا بازارلىرىدىكى دۇكاندارلار ھەتتا دېھقانلارنىڭمۇ تېررورلۇققا قارىشى تۇرۇش سىگنالنى چېلىنغان ھامان قوللىرىغا كالتەك-توقماق، كەتمەن -گۈرجەكلەرنى ئېلىپ، ساقچى ۋە ياردەمچى ساقچىلارغا ھەمكارلىشىپ «بىخەتەرلىكنى قوغداش مانېۋىرى» غا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېيتىشقان ئىدى.