1989-يىلى خىتايدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تيەنئەنمېن مەيدانىغا يىغىلىپ ئەينى ۋاقىتتا خىتاي كومپارتىيىسىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان خۇ ياۋباڭنىڭ ئۆلۈمىگە ماتەم تۇتۇپ نامايىش قىلغان.
نامايىش ھەپتىلەرچە داۋام قىلغاندىن كېيىن، يەنى4-ئىيۇن كۈنىگە كەلگەندە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلغان ئىدى. ئارىدىن گەرچە 25 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ ، تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ۋەقەسىگە ئالاقىدار تەپسىلاتلار تېخىچە قاراڭغۇلۇق ئىچىدە تۇرماقتا. ئۇ ھېلىھەم خىتايدىكى ئەڭ سەزگۈر بىر تېما. ئەمما يېقىندا سابىق خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ خۇ ياۋباڭنىڭ كونا تۇرالغۇسىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا تەزىيە بىلدۈرۈشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ 25 يىللىقى ھارپىسىدا نېمە ئۆزگەردى ياكى ئۆزگەرمىدى؟
بۇندىن 25 يىل ئىلگىرى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى خىتايدىكى ئىسلاھاتچى سىياسىي رەھبەرلەردىن خۇ ياۋباڭنىڭ تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى بىلەن ۋاپات بولۇشى خىتايدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا زور ئىنكاس پەيدا قىلغان. ئەينى چاغدا بېيجىڭ، شاڭخەي، شىئەن ۋە چېڭدۇ قاتارلىق ئۆلكە-شەھەرلەردىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىر ئارىغا جەم بولۇپ، خۇ ياۋباڭنىڭ ئۆلۈمىگە ئوچۇق تەزىيە بىلدۈرگەن. بىر ھەپتىدىن كېيىن خۇ ياۋباڭنىڭ ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان كۈنى بارلىق ئوقۇغۇچىلار تيەنئەنمېن مەيدانىغا يىغىلىپ، ھۆكۈمەتتىن دېموكراتىيە تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلغان ئىدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ نامايىشى بىر قانچە ھەپتە داۋام قىلىپ، 4-ئىيۇن كۈنىگە كەلگەندە بولسا قانلىق باستۇرۇشقا ئۇچرىغان، قوراللىق خىتاي ئارمىيىسى ئاپتوموبىل ۋە تانكىلار بىلەن تيەنئەنمېن مەيدانىغا باستۇرۇپ كىرىپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئوق چىقارغان ئىدى. ۋەقەدە رەسمىي بولمىغان رەقەملەرگە ئاساسلانغاندا نەچچە يۈزدىن نەچچە مىڭغىچە ئوقۇغۇچى ئۆلگەن ۋە غايىب بولغان، بىر قىسىملىرى چەتئەللەرگە قېچىپ كەتكەن ئىدى. ئەنە شۇندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر ۋەقەنى خىتاي تارىخىدىن ئۆچۈرۈۋېتىش ئۈچۈن، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈۋېتىش ئۈچۈن بارلىق تەدبىرلەرنى ئىشقا سالدى. ۋەقە ھازىرغىچە خىتايدا كىشىلەر گەپ ئېچىشتىن ئەڭ ئۆزىنى تارتىدىغان تېما بولۇپ تۇرماقتا. نۇرغۇن يېڭى ئەۋلادلار بولسا تېخى يېقىن زاماندىلا بولۇپ ئۆتكەن بۇ قانلىق ۋەقەدىن پۈتۈنلەي بىخەۋەر.
4-ئاينىڭ 15-كۈنى خۇ ياۋباڭنىڭ ۋاپاتىنىڭ 25 يىللىقى شۇنداقلا 4-ئىيۇن تيەنئەنمېن ۋەقەسىنىڭ 25 يىللىق خاتىرە كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا ۋەقە ھەققىدىكى دېتاللار يەنە قايتىدىن سۇ يۈزىگە چىقىشقا، مۇلاھىزە قىلىنىشقا باشلىدى. تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ چەتئەللەردە ياشاۋاتقان رەھبەرلىرى ۋە شۇنداقلا شۇ قېتىملىق ۋەقەدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىگە ۋەقەنى ئاقلاش ھەققىدىكى چاقىرىقلىرىغا قارىماي، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى پوزىتسىيىسى ئېنىق بولۇپ كەلدى. بىراق، يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى خۇ ياۋباڭ مەسىلىسىدە ئىلگىرىكىدىن سەل پەرقلىنىدىغان سېگناللارنى بېرىشكە باشلىغان. س ن ن تېلېۋىزىيىسىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئالدىنقى ھەپتە سابىق خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ خۇ ياۋباڭنىڭ جياڭشىدىكى تۇرالغۇسىغا بېرىپ، تاۋاپ قىلغان.
خۇ ياۋباڭ ئىسلاھاتنى تەشەببۇس قىلغانلىقى ئۈچۈن بۇرژۇئازىيە ئېقىمغا يېتەكچىلىك قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، 1987-يىلى پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. ئۇ شۇ ۋەقە بولۇپ ئىككى يىلدىن كېيىن يەنى 1989-يىلى 15-ئاپرېل كۈنى بىر يىغىن مەيدانىدا تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ ئىسمى شۇندىن بېرى 2005-يىلى خۇ جىنتاۋ تەختكە چىققۇچە بولغان ئارىلىقتا خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا قاتتىق چەكلەنگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بولسا خىتاي مەتبۇئاتلرىدا خۇ ياۋباڭ ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەر ئىلگىرىكىگە قارىغاندا بىر قەدەر ئەركىن قويۇۋېتىلگەن. سەيشەنبە كۈنى يەنى ئۇنىڭ ۋاپات بولغان خاتىرە كۈنى ئۇنىڭ بېيجىڭدىكى تۇرالغۇسىنىڭ ئەتراپى توسۇلۇپ، ساقچىلار قويۇپ قويۇلغان بولسىمۇ، بۇنىڭ ئەكسىچە، خىتاي تور بەتلىرىدە شۇ كۈنى خۇ ياۋباڭ دېگەن ئىسىمنى تەكشۈرۈش، ئۇ ھەقتىكى ماتېرىياللارنى كۆرۈش چەكلەنمىگەن. بىر قىسىم خىتاي خەۋەر تور بەتلىرى ھەتتا خۇ ياۋباڭنىڭ ۋاپاتىنى خاتىرىلەپ خەۋەرلەرنى ئېلان قىلغان، ئۇنىڭ خۇ جىنتاۋ ۋە ۋېن جياباۋلار بىلەن چۈشكەن رەسىملىرىنى ئېلان قىلغان.
تۈنۈگۈن يەنە، خۇ ياۋباڭنىڭ ئوغلى خۇ دېخۇامۇ دادىسىنىڭ جياڭشىدىكى قەبرىسىنى زىيارەت قىلغان. ئۇ ئۆزىنى زىيارەت قىلغان مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، تيەنئەنمېن ۋەقەسى ھەققىدە ھۆكۈمەتنىڭ ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر رەسمىي ئىپادە بىلدۈرۈپ باقمىغانلىقىدىن ئۆزىنىڭ قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقىنى ئېيتىپ «ئۇ ئوقۇغۇچىلار نېمە گۇناھ قىلغان ئىدى؟» دېگەن. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مالايشىيا ئايروپىلانىدا ئۆلۈپ كەتكەنلەرگە تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيىسى بىلەن تيەنئەنمېن ۋەقەسىدە باستۇرۇلغان ئوقۇغۇچىلارغا تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيىسىنى سېلىشتۇرۇپ، ھۆكۈمەتنى ئىككى خىل ئۆلچەم قويۇش بىلەن تەنقىد قىلغان. خۇ دېخۇا سۆزى داۋامىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغىچە ھېچقانداق سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بارمىغانلىقىنى، خىتايدا پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ يوقلۇقىنى تەنقىد قىلغان. ئەمما ئۇنىڭ جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر پوچتىسى گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان سۆزلىرىنىڭ يۇقىرىدىكىدەك سىياسىي ئىسلاھات ۋە پىكىر ئەركىنلىكى ھەققىدىكى قىسمى بولسا خىتايدا ئېلان قىلىنىدىغان نۇسخىسىدىن ئېلىۋېتىلگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خۇ ياۋباڭ مەسىلىسىگە تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيىدە ئازراق يۇمشىغانلىقىنى ئىپادە قىلىدىغان يۇقىرىقىدەك سېگناللارنى بېرىشى بەزى خىتاي تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىلەردە ھازىرقى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا باغلاپ تۇرۇپ مۇلاھىزە قىلىنغان. بۇ مۇلاھىزىلەردە ئېيتىلىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ دادىسى شى جۇڭشۈن تارتىپ چىقىرىلغاندا، خۇ ياۋباڭ ئۇنى ئاقلاپ چىقىپ گۇاڭدۇڭغا ئەۋەتكەن ئىكەن. شۇڭا شى جىنپىڭنى ھەممە ھوقۇقنى قولغا ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنى كومپارتىيىدە بەزى ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارىدۇ، دەپ قارايدىغان كۆزەتكۈچىلەر شى جىنپىڭنىڭ دادىسىغا قىلىنغان بۇ ياخشىلىقنى قايتۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ خۇ ياۋباڭ مەسىلىسىگە كەلگەندە يۇمشاق مۇئامىلە قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىشقان. ئەمما خۇ ياۋباڭ مەسىلىسىدە ھۆكۈمەتنىڭ پوزىتسيىسى يۇمشىغان بولسۇن ياكى بولمىسۇن، ئۇنىڭغا زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان 4-ئىيۇن ۋەقەسى بولسا ھېلىھەم قاتتىق چەكلىمە ئاستىدا تۇرماقتا. تيەنئەنمېن ۋەقەسىنىڭ 25 يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلىنغان «ئۇنتۇغاقلار خەلق جۇمھۇرىيىتى-تيەنئەنمېن خاتىرىلىرى» ماۋزۇلۇق كىتابنىڭ ئاپتورى لۇئىسا لىم ئۆزىنىڭ كىتابىنىڭ ئېلان قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە تيەنئەنمېن ۋەقەسىدە نەچچە يۈزلىگەن ھەتتا مىڭلىغان ئوقۇغۇچى ياشنىڭ غايىب بولغانلىقىنى، ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، مۇشۇنداق زور بىر ۋەقەنىڭ خىتاي دۆلىتىدە تىلغا ئېلىنماسلىقىنىڭ، ئۇنىڭدىن ھېچكىمنىڭ خەۋىرى يوقتەك مۇئامىلە قىلىشىنىڭ قورقۇنچلۇق بىر ئەھۋال ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۇقرالارنىڭ ۋەقەنى ئۇنتۇپ كېتىشى ئۈچۈن تۈرلۈك ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سالغانلىقىنى بايان قىلغان. ھازىر بۇ ۋەقەنىڭ چەتئەللەردە ياشاۋاتقان شاھىتلىرى بولسا 25 يىلدىن كېيىنمۇ خىتايدا مەزكۇر تېمىنىڭ قاتتىق چەكلىمە ئاستىدا ئىكەنلىكىنى، خىتايدا نۇرغۇن نەرسە ئۆزگەرگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدە تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيىنىڭ قەتئىي ئۆزگەرمىگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇلار تيەنئەنمېن ۋەقەسىنىڭ 25 يىللىقىنى داغدۇغىلىق خاتىرىلەشكە تەييارلىق كۆرمەكتە.