«يەندى، خۇاڭدى ئەۋلادلىرى» تەشۋىقاتى خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەت سەرخىللىرى ئارىسىدا غۇلغۇلا قوزغىماقتا
2013.11.19

خىتاينىڭ يەر شارى مىقياسىدا ئىككىنچى زور ئىقتىسادىي دۆلەت سۈپىتىدە كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدا كۈنسايىن ئېغىرلىشىۋاتقان ئىجتىمائىي ۋە مىللىي زىددىيەتلەرمۇ ئۆزىنى ئاشكارا قىلماقتا.
تىبەت راھىبلىرىنىڭ ئۆزىگە ئوت قويۇپ ئۆلۈۋېلىش يولى بىلەن، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي ئەركىنلىك يولىدا تىنىمسىز قارشىلىق كۆرسىتىش ئۇسۇلى بىلەن كوممۇنىست خىتاي رېجىمىنى رەت قىلىشى، نۆۋەتتە خىتاي سىستېمىسى ئىچىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت سەرخىللىرىنى قايتا ئويلاندۇرماقتا.
يېقىندا خىتايدا چىقىدىغان «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ مۇھاكىمە مۇنبىرىدە «ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ چەتلەشتۈرۈلۈشى دىققەت قوزغىماقتا»سەرلەۋھىلىك يۈرۈشلۈك ماقالە ئېلان قىلىنغان. مەزكۇر ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتىغا دائىر بىر قىسىم نازۇك تېمىلار نۆۋەتتە خىتاي سىستېمىسى ئىچىدە خىزمەت قىلىۋاتقان بىر قىسىم ئاز سانلىق مىللەت سەرخىللىرىنىڭ ئەندىشىلىرىنى ئاشكارىلىغان. يۇقىرىقى مۇھاكىمىگە پىكىر قاتناشتۇرغۇچىلار مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلاردا مىللەتلەر تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاز سانلىق مىللەت سەرخىللىرىدىن تەشكىل تاپقان.
ماقالىدە جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى ئىككىنچى نومۇرلۇق ئىقتىسادىي چوڭ دۆلەت بولۇپ كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، مەۋجۇت سىستېمىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىجتىمائىي ۋە مىللىي زىددىيەتلەرنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتلەردىن بارغانسېرى چەتلەشتۈرۈلۈۋاتقانلىقى، مەدەنىيەت ۋە پسىخىكىلىق جەھەتلەردىن «چوڭ خەنزۇچىلىق» نىڭ بېسىمىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ ھاكىمىيەت سىستېمىسى ئىچىدە ۋە ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا ئۈزلۈكسىز تىلغا ئېلىنىۋاتقان «يەندى، خۋاڭدى ئەۋلادلىرى» تەرغىباتى تەنقىد قىلىنغان.
مەلۇمكى، «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ كانىيى ھېسابلانغان «خەلق گېزىتى» نىڭ خەلقئارا سەھىپىسىدۇر. مەزكۇر گېزىتتە خىتايدىكى نازۇك تېمىلارنىڭ بىرى بولغان مىللەتلەر مەسىلىسى ۋە ئۇنىڭ ئىچ يۈزىنىڭ مەلۇم دەرىجىدە ئاشكارا مۇھاكىمىگە قويۇلۇشى خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدا غۇلغۇلا قوزغىماقتا. بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن تىبەتلەر ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا بېسىم كۈچەيگەن، سىياسىي ۋەزىيەت جىددىيلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بۇ مەسىلىنىڭ مەتبۇئاتتا تالاش-تارتىش قىلىنىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. بۇ ھەقتە رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەردىن ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ، نۆۋەتتە خىتايدا تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان «يەندى، خۇاڭدى ئەۋلادلىرى» دېگەن ئىبارىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي شوۋىنىزمىنىڭ ئىپادىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «يەندى، خۇاڭدى» ئۇقۇمى خىتايدىكى سېرىق دەريانىڭ ئوتتۇرا ئېقىمىنى ئاساس قىلغان خىتاينىڭ قەدىمكى مەدەنىيەت چەمبىرىكىگە قارىتىلغان. بۇنىڭ بۈگۈنكى جۇغراپىيىلىك دائىرىسى خېنەن، شەنشى، سەنشى ۋە شەندۇڭ ئۆلكىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى بىلەن شەرقىي شىمال رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، تىبەت، ئىچكى موڭغۇل ۋە مانجۇرىيە قاتارلىق جايلار بۇ دائىرىگە تېخىمۇ كىرمەيدىكەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، نۆۋەتتە «يەندى، خۇاڭدى ئەۋلادلىرى» تەرغىباتىنى قانات يايدۇرۇش ئەمەلىيەتتە خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقارغان سىياسىي نەيرىڭى ئىكەن. خىتايدا كۈنسېرى كۈچىيىپ بېرىۋاتقان دېموكراتىيەلىشىش تەلىپىنى بېسىش، خىتاي سەرخىللار قاتلىمىدىكى سىياسىي ئىسلاھات ئېقىمىنى توسۇش شۇنداقلا خىتاي خەلقىنىڭ دىققىتىنى بۇراش ئۈچۈن خىتاي مىللەتچىلىكىنى بازارغا سېلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەن.
ئىلشات ھەسەن ئاخىرىدا «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان مەزكۇر ماقالىدىكى مۇھاكىمىلەرنىڭ قانداقتۇر ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى ھەققىدىكى ھەقىقىي تالاش-تارتىشلار بولماستىن، بەلكى شەكلەن تەرغىبات ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.