ساتومى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىرىش سىياسىتى
2014.02.11

ياپونىيە كيۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتى مائارىپ فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى ساتومى شىراتسۇچى يازغان «ھازىرقى جۇڭگونىڭ چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىرىش سىياسىتى» ناملىق چوڭ ھەجىملىك كىتابى، كيۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.
كىتاب جەمئىي 12-بابتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، كىتابنىڭ 10-بابىنىڭ 6-بۆلىكىدە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىرىش سىياسىتى» دېگەن تېمىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون قۇرۇلغاندىن بۇيانقى چەتئەلگە ئوقۇش چىقىرىش سىياسىتى توغرىسىدا قىسقىچە توختالغان.
ئاپتور كىتابتا 1955-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ قارارى بويىچە 10-ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدا ئىلگىرى يولغا قويۇلغان چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىرىش سىياسىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ يېڭىچە سىياسەت بەلگىلەنگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
كىتابتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقى بىلەن ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان كان ئېچىش، نېفىت، رەڭلىك مېتال قىزىش قاتارلىق كانچىلىق ساھەسىدە ئۆز -ئارا قويۇق مۇناسىۋىتى بولغانلىقتىن، سوۋېتلار ئىتتىپاقىغا ھەر يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن ئەللىك نەپەر ئوقۇغۇچىنى ئوقۇشقا ئەۋەتىش، سوۋېت تەرەپ بۇلارنى تەربىيىلەپ بېرىش كېلىشىمىنىڭ بارلىقىنى بايان قىلغان.
ئاپتور كىتابىدا ھەر يىلى ئەللىك نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا كانچىلىق ساھەسىدە تېخنىك ئۆگىنىشكە ئەۋەتىش ئوقۇش كېلىشىمىدىكى ئەللىك نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ 25 نەپىرى دۆلەت مائارىپ مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بەلگىلىنىپ، قالغان 25 نەپىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونغا بېرىلىدىغانلىقى توغرىسىدا دۆلەت مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ قارار چىقارغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.
كىتابتا سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوقۇشقا ئەۋەتىلىدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن ھۆكۈمەت بىر تۇتاش ئىمتىھان ئېلىش، تەن-سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش، رۇس تىلى ئۆگىتىش ۋە شۇنداقلا سىياسىي جەھەتتىن ئەتراپلىق تەربىيىلەش ئېلىپ بارىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.
ئاپتور كىتابىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونغا كۆپلىگەن كان قىدىرىش تېخنىك خادىملىرىنى تەربىيىلەپ بېرىشكە كۆڭۈل بۆلۈشى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ مول نېفىت ۋە يەر ئاستى بايلىقىغا بولغان قىزىشى دەپ تەرىپلىگەن.
كىتابتا 1957-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى دۆلەت مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندىن 30 نەپەر، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىن بەش نەپەر ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى بۇ ئىككى ئاپتونوم رايوننىڭ تەكلىپى بويىچە چەتئەلگە ئوقۇشقا ئەۋەتىشنى تەستىقلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
كىتابتا ؛«شۇ قېتىمقى چەتئەلگە ئوقۇشقا ئەۋەتىشتە مەركەز ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ئالاھىدە ئېتىبار بەرگەن ھالدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن 30 نەپىرى سوۋېت ئىتتىپاقىغا، ئىچكى موڭغۇلدىن بەش نەپىرى تاشقى موڭغۇلىيەگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلدى» دېيىلگەن.
ئاپتور كىتابىدا 1957-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەن 30 نەپەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئوقۇغۇچىلار تۈرلۈك كەسىپلەر بويىچە ئەۋەتىلگەن بولۇپ ئۇلار نىڭ دېھقانچىلىق، سۇچىلىق، تەبىئەت، مۇزىكا، بىئولوگىيە، ماتېماتىكا، خىمىيە ۋە ئىقتىساد
قاتارلىق 18 كەسپگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
كىتابتا كېيىنكى ۋاقىتلاردا سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى بۇزۇلۇش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندىن سوۋېتلار ئىتتىپاقىغا ئوقۇشقا ئەۋەتىش كېلىشىملىرىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى ۋە خىتايدا مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى باشلىنىپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلغان.
ئاپتور كىتابىدا 1978-يىلى 2-ئايدىن باشلاپ خىتاينىڭ چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىرىش سىياسىتىنىڭ قايتىدىن باشلانغانلىقىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بولسا ئەڭ دەسلەپتە شۇ يىلى 5-ئايدا پەقەتلا 5 نەپەر كىشىنىڭ دۆلەت تەرىپىدىن چەتئەلگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
كىتابتا «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندىن 1978-يىلى ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەن بەش نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ بىر نەپىرى ئامېرىكىغا، ئىككى نەپىرى رومانىيەگە، بىر نەپىرى ئىتالىيە ۋە يەنە بىر نەپىرى بولسا غەربىي گېرمانىيەگە ئەۋەتىلگەن» دېيىلگەن.
ياپونىيەدىكى بەزى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 1978-يىلى خىتاي دۆلىتى تەرىپىدىن چەتئەلگە بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكىلەر پۈتۈنلەي خىتايلار بولۇپ، بۇلاردىن سابىق سانائەت ئىنستىتۇتىنىڭ قۇرۇلۇش فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى گاۋ جەنگۇڭ ئىتالىيەگە بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن ۋە گاۋ جەنگۇڭ 1982-يىلى ئىتالىيەنىڭ مىلان شەھىرىدىكى دۇنيا فىزىكا تەتقىقات مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن نوبېل فىزىكا مۇكاپاتى ساھىبى، فىزىكا ئالىمى ئابدۇسالامنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن ئۇچرىشىشقا قاتناشقان سابىق سانائەت ئىنستىتۇتىنىڭ مەسئۇلى ئابلىمىت ئېلى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى ئابباس بۇرھان قاتارلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ سۆھبىتىگە تەرجىمانلىق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
كىتابتا 1979-يىلىدىن 1980-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن ھېچقانداق كىشى چەتئەلگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلمىگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
كىتابتا 1981-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن رەسمىي چەتئەلگە ئوقۇش ۋە بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتىلىشنىڭ باشلانغانلىقى، 1985-يىلى 29 نەپەر، 1986-يىلى 24 نەپەر كىشىنىڭ چەتئەلگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەنلىكى بايان قىلىنغان.
ئاپتور كىتابىدا «1978-يىلىدىن باشلاپ 1986-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندىن چەتئەلگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەنلەرنىڭ سانى 99 كىشى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر پەقەتلا 30% نى ئىگىلىگەن» دېيىلگەن.
كىتابتا 1990-يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن ئۆزلىرىگە قوشنا بولغان ئەللەرگە يەنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرگە كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلار ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەنلىكىنى، 1996-يىلىدىن 2002-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن جەمئىي 411 كىشىنىڭ چەتئەلگە ئوقۇشقا چىققانلىقىنى، ئاپتور بۇ ئۇچۇرلارنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ تاشقى ئىشلار بۆلۈمىنىڭ دوكلاتىدىن ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئاپتور كىتابىدا ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چەتئەلگە بىلىم ئاشۇرۇش، ئوقۇشقا چىقىرىش جەھەتتىكى پەرقلىرى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى بۇ ئىشلارنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندىن ئىلگىرى باشلىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
ئاپتور كىتابىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار، پېداگوگىكا ئىنستىتۇتلىرى ۋە شۇنداقلا باشقا كەسپىي مەكتەپلەردە چەتئەل تىلى ئۆگىتىشتە يەنىلا ئاساسلىق ئىنگلىز تىلى بىلەن رۇس تىلىنىڭ ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىغانىقىنى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىلگىرى مەدەنىيەت ۋە مائارىپ جەھەتتە سوۋېتلار ئىتتىپاقىنىڭ قاتتىق تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىدىن ئىلى پىداگوكىكا ئىنستىتۇتىدا رۇس تىلىنىڭ چەتئەل تىللىرى قاتارىدا ھەممىدىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، ئىلگىرى دۆلەت تەرىپىدىن ئۆز خىراجىتى بىلەن ياپونىيەگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەن، سابىق يېزا ئىگىلىكى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ھازىر ياپونىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىرىش سىياسىتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.