توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن «پارلاق ياپونىيە قۇرايلى» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر، تىبەت مەسىلىلىرى تىلغا ئېلىنغان
2016.02.17
16-فېۋرال توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن «پارلاق ياپونىيە قۇرايلى» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر، تىبەت مەسىلىلىرىمۇ تىلغا ئېلىنغان.
ياپونىيە «ياماتو شىمبۇن» گېزىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن 16-فېۋرال توكيو كېنسې كىينانكاڭ سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن«پارلاق ياپونىيە قۇرايلى» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ياپونىيەدە ۋەتەنپەرۋەر سانىلىدىغان بىر قىسىم ياپونلار دوكلات بەرگەن.
يىغىندا ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرىدىن ناگاياما ئۆتكەن يىلى 28-دېكابىر سېئۇلدا ياپونىيە تەرەپنىڭ كورېيە بىلەن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى «ھال سورىغۇچى ئاياللار»مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئاياللارغا شىزو ئابې ھۆكۈمىتىنىڭ بەگلىك دەرىجىدە تۆلەم تۆلەشكە كېلىشكەنلىكىگە ئۆز نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئىلگىرى ياپونىيە ئۆزىنى قوغداش ھاۋا ئارمىيە قىسمىدا ئۇچقۇچى بولغان ئوفىتسېر ساتو مامورى، خىتاي بىلەن ياپونىيە ئارىسىدىكى سېنكاكۇ ئارىلى مەسىلىسىدە ياپونىيە تەرەپنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە تەدبىر قوللىنىپ، خىتاينىڭ ئۈزلۈكسىز ھالدا سېنكاكۇ ئارىلى ئەتراپىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈرلۈك چارلاش ھەرىكەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
بۇ قېتىمقى «پارلاق ياپونىيە قۇرايلى» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ياپونىيەدە نەشر قىلىنىدىغان «جۇڭگو ھەپتىلىك ژۇرنىلى» نىڭ باش مۇھەررىرى، يازغۇچى مېئىكا خانىم «خىتاينىڭ يېقىنقى ئەھۋالى» ناملىق دوكلاتىنى ئاڭلاتقان.
دوكلاتتىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مېئىكا خانىم مەزكۇر دوكلاتىدا دېيىلگەن مەزمۇنلار ھەققىدە بىزگە قىسقىچە ئۇچۇر بېرىپ ئۆتتى.
يازغۇچى مېئىكا خانىم دوكلاتىدا ئۆتكەن يىلىدىن بۇيانقى خىتاي قانۇنىدىكى بىر قىسىم ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنى يولغا قويغان بولسىمۇ، بىراق ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا يەرلىك پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتلىرىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن دوختۇرخانىلاردا ھامىلە چۈشۈرۈش ھەرىكىتىدە ئۆلتۈرۈلگەن بوۋاق ۋە ئانىلارنىڭ سانى ھەققىدە خەلقئارا جەمئىيەتكە ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا مەلۇمات بېرىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇ دوكلاتىدا خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى يالغۇز خىتاي ئۆلكىلىرىدىلا ئىجرا قىلىنىپلا قالماستىن، بەلكى ئازسانلىق مىللەت رايونىدىن ئۇيغۇر، تىبەت رايونلىرىدىمۇ قاتتىق قوللۇق سىياسىي ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
يازغۇچى مېئىكا خانىم دوكلاتىدا ئۆتكەن يىلى 27-دېكابىردا خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى تەسىس قىلىپ، بۇ يىل 1-ئايدىن باشلاپ يولغا قويۇلغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ قانۇننىڭ مۇتلەق ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئىلگىرى خىتاي ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن بىر قىسىم ۋەقەلەرنى تېررورلۇق ۋەقەلەر دەپ قاراپ، ۋەقەدە بىگۇناھ ئانا ۋە باللارنى قەتلىئام قىلغانلىقىغا 2014-يىلى 28-ئىيۇل ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەكەن ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن ۋەقەنى مىسال قىلىپ ئۆتكەن.
يازغۇچى مېئىكا خانىم دوكلاتىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاي نەنجىڭ قىرغىنچىلىقىنى ب د ت پەن-مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ئورگىنىغا تىزىمغا ئالدۇرغانغا ئوخشاش، ياپونىيەدىكى ئىنسانپەرۋەر كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت رايونلىرىدا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تۈرلۈك باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇر، تىبەتلەرنىڭ سانىنىمۇ تىزىمغا ئالدۇرۇشقا تىرىشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە شۇنداقلا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ زۇلۇمىدىن ئۆز يۇرتلىرىدىن ئايرىلىپ چەتئەللەرگە قېچىۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى ھەققىدىمۇ قىسقىچە توختالغان.
ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، دوكلات بېرىش پائالىيىتىگە قاتناشقان كىكۇكى نوبوسېئى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ: «پائالىيەتتە سۆز قىلغان پارلامېنت ئەزاسى ناگاياما، ئۇچقۇچى ساتو قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىسى كىشىنى ھەقىقەتەنمۇ تەسىرلەندۈرىدۇ، بولۇپمۇ مېنى ھەممىدىن بەكرەك ھاياجانغا سالغىنى، خىتايدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان مانجۇ مىللىتىدىن بولغان مېئىكا خانىمنىڭ ياپونىيەنى سۆيۈشى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىگە بولغان نەپرىتى» دېدى.
پائالىيەت شۇ كۈنى كەچ سائەت بەش يېرىمدىن سەككىزگە قەدەر داۋاملاشقان بولۇپ، پائالىيەتكە ياپونىيەدىكى بىر قىسىم نوپۇزلۇق سىياسىي تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى، گېزىت-ژۇرنال،تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ مۇخبىرلىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان. شۇ كۈنى كەچتە ياپونىيە «ساكۇرا ئىنتېرنېت» تېلېۋىزىيەسىدە دوكلاتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى كۆرسىتىلگەن.
مېئىكا خانىم 1957-يىلى خىتاينىڭ لياۋنىڭ ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان، خىتاي ئارمىيىسىدە ئەسكەر بولغان كېيىن، ئۇزۇن مۇددەت ئارمىيەدە خىزمەتتە بولغان. ئۇ،1982-يىلى ياپونىيەگە ئوقۇشقا كېلىپ تۇرۇپ قالغان. ھازىر ياپونىيە ۋەتەندىشى بولۇپ، ياپونىيەدە نەشر قىلىنىدىغان «جۇڭگو ھەپتىلىك ژۇرنىلى»نىڭ باش مۇھەررىرى. ھازىرغىچە ئۇنىڭ خىتاي ئىشلىرىغا ئائىت ئالتە پارچە ئەسىرى نەشر قىلىنغان. ئۇ، ياپونىيەدىكى خىتاي ئۆكتىچىلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت ئېلىپ بارغاندىن سىرت، ئۇيغۇر،تىبەت مەسىلىلىرىنىمۇ ئىزچىل قوللاپ بۇ ھەقتە ماقالە ۋە دوكلاتلارنى ئېلان قىلىپ كەلگەن.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.