توكيودا چاقىرىلغان 4-نۆۋەتلىك ئاسىيادا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى

0:00 / 0:00

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 21-فېۋرال توكيودا چاقىرىلغان 4-نۆۋەتلىك ئاسىيادا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەمكارلىق يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئىلھام ماھمۇتنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ، بۇ قېتىمقى يىغىندا يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن گۇما، باي ناھىيەلىرىدىكى ۋەقەلەر ئۈستىدە تەپسىلىي دوكلات بەرگەن بولۇپ، يىغىنغا قاتناشقۇچىلار ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى بۇ خىل ۋەزىيىتىگە ئۆزلىرىنىڭ يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى شۇنداقلا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ياپونىيەدە ئاڭلىتىلىشىغا ئالاھىدە كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

توكيودا چاقىرىلغان بۇ يىغىن ياپونىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاسىيا ئەركىنلىكى، دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا، توكيودىكى ياشلار كۇلۇبىدا ئۆتكۈزۈلگەن.

يىغىنغا موڭغۇل، تىبەت، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى ۋە شۇنداقلا ياپونىيەدىكى بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئىشتىراك قىلغان.

نۆۋەتتە دىققىتىڭلار، مەزكۇر يىغىن ھەققىدە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇت بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزدە بولغاي.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.