د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام ماھمۇت خىروشىما شەھىرىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات بەردى

0:00 / 0:00

5-ئاۋغۇست ياپونىيەنىڭ خىروشىما شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ياپون قۇرۇلتىيى» تەشكىلاتىنىڭ پائالىيىتىدە د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام ماھمۇت ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بەردى.

ياپونىيەدە تەسىرى بىر قەدەر زور بولغان سىياسىي تەشكىلاتلاردىن «ياپون قۇرۇلتىيى» تەشكىلاتىنىڭ خىروشىما شۆبىسىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ پائالىيىتىگە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام ماھمۇت تەكلىپ بىلەن قاتناشقان.

پائالىيەت خىروشىما شەھەرلىك مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش مەركىزىنىڭ زالىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ پائالىيەتكە بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان.

مەزكۇر پائالىيەت كەچ سائەت يەتتىدىن كەچ سائەت توققۇزغا قەدەر داۋاملاشقان. پائالىيەتكە جەمئىي 130 كىشى قاتناشقان.

مەزكۇر پائالىيەت ھەققىدە، ياپونىيەدىكى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ ئىلھام ماھمۇت بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.