ئىگىلىشىمىزچە، 9-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ ياپونىيەنىڭ ھەر قايسى ئۆلكىلىرىدىكى خىتاي مۇھاجىرلار جەمئىيىتى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 65-يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى بۇ يىل ئادەتتىكى يىللارغا قارىغاندىن تېخىمۇ داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ياپونىيە ۋەتەنداشلىقىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارغا تەكلىپنامە يوللاپ، دۆلەت بايرىمىنى قۇتلۇقلاش پائالىيىتىگە قاتنىشىشنى تەلەپ قىلغان.
خىتاي مۇھاجىرلار جەمئىيىتى ئەۋەتكەن تەكلىپنامىدە دېيىلىشىچە، بۇ قېتىمقى دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، ھەر قايسى جايلاردىكى خىتاي كونسۇلخانىلىرى خىتاي مۇھاجىرلار جەمئىيىتىنىڭ ياردىمى بىلەن بىر تۇتاش ئېلىپ بارىدىغان بولۇپ، تەبرىكلەش مۇراسىمىغا خىتاي كونسۇلخانىلىرىدىن ۋەكىللەر قاتنىشىدىكەن.
تەكلىپنامىدە كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر پائالىيەتكە قاتنىشىشنى لايىق كۆرگەن ئائىلىلەر 25-سېنتەبىر كۈنىگە قەدەر ئەۋەتىلگەن باغاقچىنى تولدۇرۇپ ئائىلىسىدىن قانچە كىشىنىڭ قاتنىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ خىتاي مۇھاجىرلار جەمئىيىتىگە پوچتا ئارقىلىق تىزدىن يوللاپ بېرىش تەۋسىيە قىلىنغان.
خىتاي مۇھاجىرلار جەمئىيىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى يىغىنىغا قاتناشقان، ئەمما ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ياپونىيە ۋەتەنداشلىقىدىكى بىر ئۇيغۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي مۇھاجىرلار جەمئىيىتى بۇ پائالىيەتكە ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق ياپونىيە ۋەتەنداشلىقىدىكى ۋە ياكى ياپونىيەدە مەڭگۈلۈك تۇرۇش رۇخسىتىگە ئېرىشكەن مىللەتلەرنىڭ كۆپرەك قاتنىشىشىنى،پائالىيەتتە ئۇلار مىللىيچە كىيىملىرىنى كىيىپ سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلاپ، ئۆزلىرى تۇغۇلغان ئاپتونوم رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە كومپارتىيىنىڭ غەمخورلۇقى ھەققىدە نۇتۇق سۆزلىشىنى تەلەپ قىلغان.
خىتاي مۇھاجىرلار جەمئىيىتىنىڭ تور بېتىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى كەڭ كۆلەملىك قۇتلۇقلاش پائالىيىتى خىتاي رېستورانلىرىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، خىتاي ئەلچىخانىسى بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە كېتىدىغان بارلىق ئىقتىسادى چىقىملارنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان.
ياپونىيەدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي مۇھاجىرلار جەمئىيىتىگە ئەزا بولغان ۋە ئۇلار بىلەن يېقىن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولغانلار خىتاي ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن يىلدا بىر قېتىم ئۇيۇشتۇرۇلىدىغان خىتاينى ھەقسىز ساياھەت قىلىش پۇرسىتىگە ۋە پەرزەنتلىرىنى خىتايدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ھەقسىز ئوقۇتۇش ئىمتىيازلىرىغا ئىگە بولالايدىكەن شۇنداقلا يەنە ياپونىيەدە ئوقۇۋاتقان ۋەتەندىن كەلگەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ پەرزەنتلىرى خىتاي ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن بېرىدىغان ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشەلەيدىكەن.
ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ياپونىيەدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلار سانىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشى ۋە شۇنداقلا 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ كۈنسايىن كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارغا بولغان كۆزىتىشىنى كۈچەيتكەن ۋە 2010-يىلى 10-ئايدىن باشلاپ قۇندۇز يۈسۈپ ئىسىملىك ئۇيغۇر دىپلوماتنى ئوساكا كونسۇلخانىسىغا ۋەزىپىگە قويغان. گەرچە ئۇيغۇر دىپلومات قۇندۇزنىڭ ئۈچ يىللىق كونسۇلخانىدا خىزمەت ئۆتەش ۋاقتى توشقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ئەمىلىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇنى داۋاملىق ياپونىيەدە ساقلاپ ئۇيغۇرلارغا كۆز-قۇلاق قىلىش ئۈچۈن توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا يېڭىدىن ۋەزىپىگە قويغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسىي كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي مۇھاجىرلار جەمئىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرىگە كۆپرەك تارتىشىدىكى تۈپ مەقسىتى، ئۇيغۇرلارنى شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا ئارىلىشىپ قىلىشتىن توسۇش، كونترول قىلىش، ئۆزلىرىگە ئەزا بولغان ئۇيغۇرلاردىن پايدىلىنىپ ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر داۋاسى ھەققىدە ئۇچۇر توپلاپ، خىتاي ئەلچىخانىلىرىنى ئاخباراتلار بىلەن تەمىنلەش بولۇپ، بۇ، خىتاي مۇھاجىرلار جەمئىيىتىنىڭ ئاساسلىق خىزمەت نىشانى دەپ قارايدىكەن.
ياپونىيەدە ۋەتەنداشلىقىدىكى ئاز ساندىكى بەزى ئۇيغۇرلار بولسا، ياپونىيە دېموكراتىك دۆلەت، بىزنىڭ ھەرقانداق تەشكىلات ۋە جەمئىيەتلەرگە قاتنىشىش ئەركىنلىكىمىز بار. بىزنى بەزىلەرنىڭ جۇڭگو مۇھاجىرلار جەمئىيىتىگە ئەزا بولۇشىمىزنى توسۇش ۋە قارشى تۇرۇش ھەقىقىي يوق. بىز مەڭگۈ جۇڭگولۇق. شۇڭا چەتئەللەردىمۇ خەنزۇلار بىلەن ئىناق-ئىتتىپاق، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتۈش بىزنىڭ ئۆز ئەركىنلىكىمىز دەپ بىلىدىكەن.
ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى قوللىغۇچى ياپونلاردىن مۇستەقىل تەتقىقاتچى يۇدا ياپونىيە ۋەتەنداشلىقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي مۇھاجىرلار جەمئىيىتىنىڭ بۇ خىلدىكى پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشىنى ئۆزىنىڭ تازا مۇۋاپىق كۆرمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
-مېنىڭچە ياپونىيە ۋەتەنداشلىقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي مۇھاجىرلار جەمئىيىتى ئورۇنلاشتۇرغان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىشى تولىمۇ ئەجەبلىنەرلىك ئىش. چۈنكى يېقىندىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىدا كۆپلىگەن گۇناھسىز ئۇيغۇرلار ئۆلتۈرۈلدى. شۇڭا ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلار بۇ ئۆلتۈرۈلگەن قېرىنداشلىرىنىڭ ئۆلۈش سەۋەبلىرىنى ئازراق بولسىمۇ ئويلىشىپ بېقىشى كېرەك دەپ ئويلايمەن.
ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام ماھمۇت، ئۇيغۇرلارنىڭ، بۇ قېتىمقى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ پىلانلىشى، خىتاي مۇھاجىرلار جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 65-يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشماسلىقىنى چاقىرىق قىلدى.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.