ياپونىيەدە ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى پائالىيىتىنى باشلىدى

0:00 / 0:00

ئىگىلىشىمىزچە، 26-دېكابىر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى يېقىندا ياپونىيەدە قۇرۇلغان ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنى رەسمىي ئېلان قىلىشنى قارار قىلغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلۇشى توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى ھەمدە مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن تەشكىلات رەھبەرلىرى ھەققىدە توختالدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىقتىسادشۇناس غالىپ مىجىت تەشكىلاتنىڭ دەسلەپتە ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋە ياپونىيە جەمئىيىتى ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە، يېڭىدىن قۇرۇلغان بۇ تەشكىلاتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئېلىپ بارىدىغان قىسمەن پائالىيەتلىرى ھەققىدە ئۆزىنىڭ دەسلەپكى پىلانلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزالىرىدىن پەلسەپە پەنلىرى تەتقىقاتچىسى مۇختەرجان ئابدۇراخمان زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مەزكۇر تەشكىلاتقا بولغان قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

زىيارىتىمىز جەريانىدا مۇختەرجان ئابدۇراخمان يېڭىدىن قۇرۇلغان تەشكىلاتىدىن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر داۋاسى ئۈچۈن نېمىلەرنى كۈتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ياپونىيە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقان ۋە بۇ قېتىمقى سايلامغا سىرتتىن كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە قاتناشقان ساتو ئەپەندى سايلام ھەققىدە توختىلىپ: «بۇ قېتىمقى سايلام ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ھالدا ئادىل ئېلىپ بېرىلغان سايلام بولدى دەپ ئويلايمەن. ئەلۋەتتە بىز ياپونلار بۇ تەشكىلاتقا كۆپرەك ئۇيغۇرلارنىڭ ئەزا بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

ياپونىيەدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر سىياسىي مەسىلىلىرى تەھلىلچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى 2008-يىلى توكيودا قۇرۇلغان تۇنجى ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن كېيىن قۇرۇلغان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىكەن.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.