ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىكى بايانلىرى (1)
2018.10.10
ياۋروپا پارلامېنتى 4-ئۆكتەبىر كۈنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا قارار ماقۇللاشتىن ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر.
4-ئۆكتەبىر كۈنى فىرانسىيەنىڭ ستراسبۇرگ شەھىرىدە چاقىرىلغان ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى توغرىسىدا 15 ماددىلىق قارار ماقۇللاندى. بۇ قارار ماقۇللىنىشتىن ئىلگىرى ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئوخشىمىغان پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپقان پارلامېنت ئەزالىرى ئۇيغۇر دىيارى ۋە جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.
پارلامېنت يىغىنىدا تۇنجى بولۇپ سۆز ئالغان «يېشىللار پارتىيەسى ياۋروپا ئەركىن بىرلەشمىسى گۇرۇھى» نىڭ گېرمانىيەلىك ۋەكىلى راينخارد بۈتىكوفېر ئەپەندى مۇنداق دېگەن: «خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ئەشەددىي ساقچى دىيارىغا ئايلانغان شىنجاڭدىكى يۈز مىڭلىغان، بەلكى مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەردىن بولغان پۇقرالارنى تۇتقۇن قىلىپ جازالاش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبىنى ‹تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش› دەپ ئاتاۋاتىدۇ. بىز ئويلايمىزكى، باستۇرۇش ئېلىپ بېرىشقا تېگىشلىك ‹تېررورلۇق› تىن ئىبارەت بۇ بېلىقنىڭ ئەركىن ئۈزۈپ يۈرەلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان يېتەرلىك سۇ مۇھىتى بولۇشى لازىم. ‹تېررورلۇققا قارشى تۇرىمەن› دەيدىكەن، جەنۇبىي تېرول ياكى شىمالىي ئىرېلاندىيەنىڭ تەجرىبىسىگە ئىگە بولۇش كېرەك. خىتاي ئۆزىنى كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلاندۇرالىغان بىلەن ئۆز خەلقىنى باشقۇرۇشتىكى زەئىپلىكىدىن قۇتۇلالىغىنى، ئۇلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرى ۋە دىنىي ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلالىغىنى يوق. خىتاي رەھبىرى ئۆز چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن دەپ خەلقى ئۈستىدىن باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ ھەمدە خەلقنىمۇ ئۆزى بىلەن ئوخشاش بىر چۈشنى كۆرۈشكە مەجبۇرلاۋاتىدۇ. مېنىڭ بىلىشىمچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ بېسىمنى چەتئەللەرگىمۇ ئېكسپورت قىلىۋاتىدۇ.»
راينخارد بۈتىكوفېر ئەپەندى ئىلھام توختى مەسىلىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ يەنە مۇنداق دېگەن: «ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان بىلىم ئادىمى ئىلھام توختى پەقەتلا پىكىر ئەركىنلىكى سەۋەبلىك ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتىدۇ. بۇنداق ۋەزىيەت خىتايدا ئۇزۇندىن بېرى داۋاملىشىۋاتىدۇ.»
4-ئۆكتەبىر كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە قارار ئېلىش يىغىنىغا قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ توغرىسىدا توختالغاندا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ نۇتۇقلىرىنىڭ بۇ قېتىملىق قارارنىڭ ئوڭۇشلۇق قوبۇل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولغان ئاساسىي ئامىل ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
ئىككىنچى قېتىم سۆز ئالغان «ياۋروپا كونسېرۋاتىپلار ۋە ئىسلاھاتچىلار گۇرۇھى» نىڭ گوللاندىيەلىك ۋەكىلى باس بېلدېر ئەپەندى سۆزىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى ئۈستىدە مەخسۇس توختالغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتىدا غايەت زور بىر ھادىسە يۈز بېرىۋاتىدۇ. ھېسابسىز، ھەددى ھېسابسىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتالمىش ‹تەربىيەلەش مەركىزى› نامىدىكى لاگېرلارغا قامىلىپ جازالىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئۇلارنىڭ ئالاقە ئەركىنلىكى ئۈزۈپ تاشلانغان. ‹بىخەتەرلىك ئۈچۈن› دەپ يولغا قويۇلغان بۇ سىياسەتنىڭ خەتەر يارىتىۋاتقانلىقى ئاشكارا بولماقتا. ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنى زىيارەت قىلىپ كەلگەنلەر بۇ رايوندا دىنسىزلاشتۇرۇش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىماقتا.»
ئۇنىڭ ئارقىدىن سۆز ئالغان «ئەركىن ياۋروپا ۋە دېموكراتىيە گۇرۇھى» نىڭ ئىتالىيەلىك ۋەكىلى ئىگنازىيو كوررايو ئەپەندى سۆز ئېلىپ مۇنداق دېگەن: «ئىلگىرى تارىخىي يازمىلاردىنلا كۆرىدىغان جازا لاگېرلىرى بۈگۈن يەنە ئەسلىگە قايتىپ كەلدى. ئاتالمىش ‹قايتا تەربىيەلەش مەركىزى› ياكى ‹ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرى› دەپ ئاتالغان ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بۇ جازا لاگېرلىرىغا مىليونلىغان ئادەملەرنىڭ قامالغانلىقى ئاشكارىلانماقتا. قامالغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى رايوندىكى يەرلىك مىللەتلەر بولۇپ، خىتاي ئاھالىسىنىڭ يوقلۇقى بىلىنمەكتە. خىتاينىڭ بۇ ئېغىر دەرىجىدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە قارىتا ياۋروپا پارلامېنتى ئۈنۈملۈك بىر تەدبىر قوللىنىشى لازىم.»
«ياۋروپا پارلامېنتى سوتسىيال دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش گۇرۇھى» نىڭ گېرمانىيەلىك ۋەكىلى جو لاينېن ئەپەندى مۇنداق دېگەن: «ئاخىرقى 10 يىلدىن بۇيان خىتاي ئىقتىسادى تەرەققىي قىلدى. ئەپسۇسكى، ئىقتىسادتىكى بۇ يۈكسىلىشنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ياكى خۇسۇسىي ئەركىنلىككە پايدىسى بولمىدى، ئەكسىچە زور دەرىجىدە چېكىندۈرۈش رولىنى ئوينىدى. بۈگۈن ئاڭلىسىمۇ كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان بىر ھادىسە بولۇۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتى شىنجاڭدا بۈگۈن 1 مىليون ئادەم جازا لاگېرلىرىغا قامالدى دېگەن گەپ قانداق گەپ؟ لاگېردىكى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتۈنلەي زامانىۋى تېخنىكا سىستېمىلىرىنىڭ ياردىمىدە كونترول قىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. چەتئەلدە تۇغقىنى بولغان ئۇيغۇرلارمۇ قامىلىدىكەن. خىتاي بۇ تەجرىبىنى چەتئەلگىمۇ كېڭەيتىشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبىنى ‹تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش› دەپ پەردازلاۋاتىدۇ. ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ ئاممىۋى بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تېررورلۇققا قارشى تەدبىر ئېلىشى نورمال ئىش. ئەمما سەن ‹تېررورلۇققا قارشى تۇردۇم› دەپ شىددەت ۋاسىتىلىرى بىلەن ئاز سانلىق بىر مىللەتنى كوللېكتىپ ھالدا باستۇرساڭ، ئۇلارنى ئەركىنلىكىدىن، دىنىي ئېتىقادىدىن مەجبۇرىي ئايرىساڭ، دۇنيانىڭ ئىشەنچىدىن مەھرۇم بولىسەن.»
جو لاينېن ئەپەندى يەنە مۇنداق دېگەن: «گېرمانىيە بىلەن شىۋېتسىيە ھۆكۈمەتلىرى قارشى تەرەپنىڭ ۋەزىيىتى ئىنتايىن ناچار بولغاچقا ئۇيغۇرلار ۋە قازاقلارنى يۇرتىغا قايتۇرماسلىق توغرىسىدا قارار ئالدۇق. باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ شۇنداق قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. ياۋروپا دۆلەتلىرى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە شەكىل ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئەمەلىي رەۋىشتە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتايغا تەسىر كۆرسىتىشى كېرەك.»
د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ياۋروپا پارلامېنتىدا ئېلىنغان مەزكۇر قارارنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىنى تاقاش ۋە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە خاتىمە بېرىشكە تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.