ياۋروپا تۈرك دېموكراتلىرى بىرلىكىنىڭ پائالىيىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى

0:00 / 0:00

شىۋېتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ياۋروپا تۈرك دېموكراتلار بىرلىكىنىڭ شىۋېتسىيەدىكى شۆبىسى، تۈركلەرنىڭ شىۋېتسىيەگە يەرلەشكەنلىكىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە ئۇيغۇرلارمۇ ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

پائالىيەت 13-دېكابىر شەنبە كۈنى، سىتوكھولمنىڭ فىتتيا رايونىغا جايلاشقان پائالىيەت زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.

پائالىيەتكە تۈركىيەدىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان تۈركىيە مىللىي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ئورھان ئەردەم، تۈركىيەنىڭ ستوكھولمدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئۆمەر كايا تۈركمەن، ياۋروپا تۈرك دېموكراتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى سۇلايمان چېلىك، ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئەخمەتجان تۇرسۇن باشچىلىقىدا ھەيئەت ئەزالىرى ۋە شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان تۈركلەردىن بولۇپ 1000 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

بىز بۇ توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئەخمەتجان تۇرسۇننى زىيارەت قىلدۇق.

پائالىيەت داۋامىدا، ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئەخمەتجان تۇرسۇن، مۇئاۋىن مىنىستىر ئورھان ئەردەم قاتارلىق مىنىستىر ۋە پارلامېنت ئەزالىرىغا ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن لايىھىلىنىپ باستۇرۇلغان شارپا ھەدىيە قىلدى.