رابىيە قادىر: «خىتايغا قارشى يېڭى ئىستراتېگىيە قوللىنىشىمىز كېرەك»

0:00 / 0:00

خەۋەرلەردىن خىتاي دۆلەتلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى گو شېڭكۈن 1-ئاۋغۇستتىن 4-ئاۋغۇستقىچە 4 كۈن ئۇيغۇر ئېلىدا مەخسۇس تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى كۈزدىن كەچۈرۈپ، تېررورلۇققا زەربە بېرىش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش توغرىلىق يوليورۇق بەرگەنلىكى مەلۇم. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىئويىمىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، نۆۋەتتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى خىزمەت نىشانىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق مۇستەقىل ئورگانلارنىڭ يەكەندە خىتاينىڭ ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىق ھەرىكىتى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ، «خىتاينىڭ تېررورلۇققا زەربە بېرىش نامى بىلەن ئۇيغۇرلارغا بولغان باستۇرۇش سالمىقىنى بارغانچە كۈچەيتىشى، بىزنىڭمۇ داۋايىمىزدا خىتايغا قارشى يېڭى تەدبىر ۋە ئىستراتېگىيە قوللىنىشىمىزنىڭ تەخىرسىزلىكىنى تونۇتماقتا» دېدى.

گۈلچېھرە:
-ھۆرمەتلىك رابىيە قادىر خانىم، 28-ئىيۇل يەكەن قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، مەملىكەتلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى گو شېڭكۈن ئۇيغۇر ئېلىدا 4 كۈن مەخسۇس تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ھەققىدە ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارغان، بۇ ئۇنىڭ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان 3-قېتىم ئۇيغۇر ئېلىغا بېرىشى، ئۇيغۇر ئېلىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتى نۆۋەتتىكىدەك جىددىي داۋام قىلىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، سىز، گو شېڭكۈننىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش ھەققىدە يوليورۇق بېرىشى رايون ۋەزىيىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ قارايسىز؟

رابىيە قادىر خانىم:
-بۇ خىتاينىڭ، شەرقىي تۈركىستاندا ھەر مىللەتتىن بىگۇناھ خەلقنىڭ قېنى ئېقىپ شۇنچە زور ۋەقەلەر يۈز بەرگەن بىر پەيتتە،تىنچلىق بەرپا قىلماي، مەسىلىنىڭ مەنبەسىنى ھەل قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى ئاڭلايلى دېمەي، «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامىدا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى جاكارلىشى، خىتاينىڭ دۆلەت تېررورلۇقىنى تېخىمۇ كېڭەيتىشىدىن، خەلقنىڭ ئەھۋالىنىڭ تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. مەن يەنە بۇنىڭ بىلەن خەلق تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك كۆتۈرۈلۈپ، ۋەزىيەت تېخىمۇ كونتروللۇقتىن چىقىپ كېتىدۇ، دەپ قارايمەن.

گۈلچېھرە:
-خىتاي بۇلتۇر 27-ئاۋغۇستتا گو شېڭكۈن خىتاي دۆلەتلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغاندىن كېيىن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش سىستېمىسىنىڭ دەرىجىسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ يېڭى باسقۇچقا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى كۈرسەتكەن ئىدى. گۇ شېڭگۈن يەنە تەكىتلەپ: «شىنجاڭدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى قوللاش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك» دېگەن ۋە شىنجاڭدىكى تېررورلۇق تەھدىتى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى ۋە چەتئەللەردىكى بۆلگۈنچى كۈچلەردىن كېلىدۇ دېگەن ئىدى. بۇ نۆۋەت يەكەندىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە يەنىلا شۇ نۇقتىنى تەكىتلىمەكتە، سىزنىڭچە، خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن ھەر قانداق قارشىلىق، نارازىلىق ھەرىكىتىنى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىگە باغلاپ كۆرسىتىش ئارقىلىق قانداق مەقسەتكە يەتمەكچى؟

رابىيە قادىر خانىم:
-بىرىنچىسى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى تېررور دەپ كۆرسىتىپ ئۆزىنىڭ باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ھەقلىق كۆرسەتمەكچى ۋە بۇ ئارقىلىق مىللەت سۈپىتىدە قىرىپ تۈگىتىش مەقسىتىگە يەتمەكچى.
يەنە ئۆزىنىڭ سىياسىتىگە قارشى چىققان ئۇيغۇرلارنىلا ئەمەس، ئۆزىگە قارشى چىققان خىتايلارنىمۇ قىرىپ تۈگىتىدىغانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرماقچى.

يەنە بىرى، خىتاي-11 سېنتەبىردىن بۇيان خەلقئارالىق تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشتىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلىپ ئۇيغۇرلارنى تېررورچى كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇپ كەلدى ۋە شۇ باھانىدا ئۇيغۇرلارغا دۆلەت تېررورلۇق ئىشلەتمەكتە. خىتاي بۇ دۆلەت تېررورلۇقىنى ئۇيغۇر ئېلىدىلا ئەمەس، بەلكى چېگرادىن ھالقىپ ئوتتۇرا ئاسىيا، ئافغانىستان، پاكىستان ۋە پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئۆزىنى ياقلىمايدىغان ئەركىنلىك تەلىپى بار ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلماقتا.
گو شېڭكۈن بۇلتۇرمۇ شۇنى ئېيتتى، بۇ يىلمۇ شۇنى تەكىتلىدى ۋە كەلگۈسىدىمۇ ئۇيغۇرلارنى تېررور دەپ باستۇرىدىغانلىقى ئېنىق، بىزنىڭ ۋە دۇنيانىڭ ئۇنى تىنچلىق سۆھبىتىگە چاقىرىشىمىز، مەسىلىنى ھەل قىلىشقا چاقىرىشىمىز، دۇنيانىڭ ئۇلارنى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى توختىتىشقا چاقىرىشىمۇ بۇلارنىڭ ئالدىدا بىر تىيىن بولۇۋاتىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكەتلىرى ھېچقاچان تېررورلۇق ئەمەس، بۇ پەقەت ئۇلارنىڭ ئەركىنلىك كۈرىشى ۋە سىياسىي تەلەپلىرى، گەرچە خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى تېررورلۇق دەپ بېكىتسىمۇ، ھەققانىي گەپ قىلىدىغانلارمۇ بۇلارنى تېررورچى دەپ قارىمايدۇ. ھالبۇكى، مەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈۋاتقانلىقىغا دۇنيانىڭ نۆۋەتتە سۈكۈتتە تۇرۇشىغا ھەيران بولماقتىمەن.

گۈلچېھرە:
-سىز ئېيتقاندەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش، خەۋەرلەرنى قامال قىلىش تاكتېكىلىرى بىلەن، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە، بولۇپمۇ يېقىندا يۈز بەرگەن يەكەن قەتلىئامىغا نىسبەتەن دۇنيانىڭ ئىنكاسى سىلەر ياكى ئۇيغۇرلار كۈتكەندىكىدەك بولمايۋاتىدۇ، ئەمدى بۇ مەسىلىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى خىزمەت نىشانى نېمە؟

رابىيە قادىر خانىم:
-خىتايدا ئەلچىخانىسى بار بولغان ھەر قايسى دۆلەتلەر، خىتاينىڭ بۇ قىرغىنچىلىقىغا پوزىتسىيىسىنى بىلدۈرۈش كېرەك، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشى بويىچە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىنسان ھەقلىرى باستۇرۇشلىرىنى ئەيىبلىشى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق ئۆلتۈرۈشىگە قارشى تېگىشلىك تەدبىر قوللىنىشى كېرەك، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تانكىلار ئاستىدىكى خەلقىمىزنىڭ يېنىغا كۆزىتىش تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرىنى كىرگۈزۈشى كېرەك بۇنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەتلىنىۋاتىمىز.

گۈلچېھرە:
-خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنى تېررورچى دەپ كۆرسىتىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىچكى-تاشقى سىياسەتلىرى ئۇيغۇر ھەرىكىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ قارايسىز؟

رابىيە قادىر خانىم:
-توغرا، نۆۋەتتىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۈنى تەس بولىدۇ، ئەمما بۇنىڭ بىلەن خىتاي مەقسىتىگە يەنى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇپ تۈگىتىش مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ، ئەكسىچە ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى، ھەقلىق كۈرىشىنى كۈچەيتىدۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ كۈرەش قىلىش ئىدىيىسىنى تېخىمۇ يېتىلدۈرۈپ، ئۇيغۇر مىللىي كۈرىشىنى ھەتتا ئوتنىڭ ئۈستىگە ماي چاچقاندەك ئۇلغايتىدۇ. ئەمەلىيەتتە خىتاي ئۆزىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى ھېس قىلىۋاتىدۇ، كەلگۈسىدە تېخىمۇ ھېس قىلىدۇ.
كۈلكىلىك يېرى، خىتاي ساقچى، ھەربىيلەرنى ئىشقا سېلىپ خەلقىمىزنى مەجبۇرىي كوچىلارغا ئېلىپ چىقىپ توقماقلارنى قولىغا تۇتقۇزۇپ، بىز 30 مىڭ خەلق بىلەن تېررورچىلارغا قارشى ئۇرۇش قىلدۇق دەپ سۈرەتكە ئېلىپ دۇنياغا كۆرسەتتى. ئەمەلىيەتتە، شۇ قاتار تۇرغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى خىتايغا قارشى كۈرەش قىلىشنى خالايدۇ. بىر ئۇچۇم ئاز ساندىكى مۇناپىقلار خىتايغا ماسلىشىۋاتىدۇ، ئەمما ئۇلار ئاز سانلىق، خەلقىمىز كۈرىشىدە ئالدى بىلەن مۇناپىقلارغا زەربە بېرىش كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتتى ۋە ئۇلارغىمۇ تېگىشلىك جازاسىنى بېرىپ كەلدى.

گۈلچېھرە:
-خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان مىسلىسىز باستۇرۇشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىندىن بۇيانقى قارشىلىق ھەرىكەتلىرى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر دەۋاسىدا قانداق بىر يول تۇتۇش كېرەكلىكى ھەققىدە سىگنال بەردى دەپ قارايسىز؟
رابىيە قادىر خانىم:
-بىز داۋايىمىزنىڭ نىشانىدا ۋە ئىستراتېگىيىسىدە چوڭ ئۆزگىرىش ياسىماقچى، چۈنكى ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىنچ ھەل قىلىش ئۈچۈن خىتاي بىلەن سۆھبەت قىلىشنى قايتا-قايتا تەلەپ قىلىپ كەلدۇق، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بىر تەرەپتىن داۋاملىق سۆھبەت ئۆتكۈزۈش تەكلىپىمىزنى داۋام قىلىمىز، داۋايىمىزدا ئۇلار بىلەن سۈلھى قىلىش ئۈچۈن ئىمكانىيەت قويۇپ كەلگەن ئىدۇق، ئەمدى خىتاينىڭ بىگۇناھ خەلقىمىز ئۈستىدىن قىرغىنچىلىق قىلىشىغا قاراپ تۇرالمايمىز، ئۇيغۇرلار مۇتلەق ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكىگە ئېرىشىش ئۈچۈن سىياسىي تەلىپىنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقمىسا بولمايدىغانلىقىنى بەلگىلەپ قويدى، بىز ئەمدى يېڭى ئىستراتېگىيە قوللىنىمىز، چۈنكى خىتاينىڭ خەلقىمىزگە تۇتقان سىياسىتى بىزنى شۇنىڭغا مەجبۇرلاپ قويدى، بىز ئەمدى داۋايىمىزغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بارلىق كۈچلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قىرىپ تۈگىتىش سىياسىتىگە قارشى تەدبىرىمىزنى ئۆزگەرتىمىز يېڭى ئىستراتېگىيىمىزنى ئېلىپ چىقىمىز.