قاراقاشتىكى ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى ناھىيەدىكى «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» ھەققىدە مەلۇمات بەردى

0:00 / 0:00

ئالدىنقى كۈنى مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قاراقاش ناھىيەلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنىڭ بىر نەپەر خادىمى قاراقاشتىكى «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نىڭ سانى ۋە ئورنى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بەردى. بۇ خىل «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نىڭ «ئىنتايىن كۆپ» ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان مەزكۇر خادىم، ئۆزى پەقەت بۇلاردىن 4 مەركەزنىڭ نامىنى بىلىدىغانلىقى، بۇلاردىن «پويىز ئىستانسىسى تەربىيەلەش مەركىزى» دىلا مىڭلارچە كىشىنىڭ بارلىقىنى بايان قىلدى.

قاراقاش ناھىيەلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنىڭ خادىمى قاراقاش ناھىيەسىدە «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نىڭ ئىنتايىن كۆپ ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ خىزمەت تەقسىماتىدىكى پەرق تۈپەيلىدىن بۇ مەركەزلەرنىڭ ئومۇمىي سانىدىن خەۋەرسىزلىكىنى، ئەمما ئۆزلىرىگە، يەنى ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىگە يېقىن ئەتراپقا جايلاشقان 4 مەركەزدىن خەۋىرى بارلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ 4 مەركەز، پويىز ئىستانسىسى تەربىيەلەش مەركىزى، كەسپىي ئوتتۇرا مەكتەپ تەربىيەلەش مەركىزى، بوستانكۆل تەربىيەلەش مەركىزى ۋە كەيفاچۈ، يەنى تەرەققىيات رايونى تەربىيەلەش مەركىزى قاتارلىقلار ئىكەن.

ئىلگىرى قاراقاشتىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلىرىمىزدا «پويىز ئىستانسىسى تەربىيەلەش مەركىزى» ۋە «بوستانكۆل تەربىيەلەش مەركىزى» دىن باشقا 2‏- ۋە 6‏-ئوتتۇرا مەكتەپ شۇنداقلا قاراقاش دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىنىڭمۇ «تەربىيەلەش مەركىزى» ئورنىدا ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.

قاراقاش ناھىيەلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنىڭ خادىمى يۇقىرىقى مەركەزلەردە تەربىيەلىنىۋاتقانلارنىڭ سانىنى ئېنىق بىلمەيدىغانلىقى، ئەمما پويىز ئىستانسىسى تەربىيەلەش مەركىزىنى قاراقاشتىكى «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» ئارىسىدا ئەڭ چوڭ دەپ بىلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭدا نەچچە مىڭ كىشىنىڭ بارلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ، «مەزكۇر مەركەزدە 10 مىڭدىن ئارتۇق كىشى بولۇشى مۇمكىنمۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا «شۇنداق، يەنى مۇمكىن» دەپ جاۋاب بەردى.

ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى سۆھبىتىمىز داۋامىدا يەنە مەزكۇر مەركەزنىڭ مەقسىتى ھەققىدىمۇ بىلىدىغانلىرىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ بۇ مەركەزلەرنىڭ دۆلەت تىلى ئۆگىنىش ۋە كەسپىي ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن تەسىس قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى، بىز ئۇنىڭدىن بۇ مەركەزلەرنىڭ سىياسىي-ئىدىيەۋى غايىسىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ «ۋەتەنپەرۋەرلىكنى ئويغىتىش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى شەكىللەندۈرۈش» دەپ جاۋاب بەردى.

مەزكۇر خادىم يەنە شۇنچە كۆپ «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دە، ئۇنىڭدىكى نەچچە مىڭلىغان «تەربىيەلەنگۈچى» لەر ئىچىدە خىتاي مىللىتىدىن بىرمۇ كىشىنىڭ يوقلۇقىنى ئاشكارىلىدى. بىز ئۇنىڭدىن بۇنىڭ سەۋەبىنى «خەنزۇلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكى يېتەرلىك بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ» دەپ سورىغىنىمىزدا، ئۇ بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ھازىرغىچە ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلاردىن قاراقاش ناھىيەسىدىكى «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دىن 7 سىنىڭ ئورنى ئايدىڭلاشتى. چەتئەللەردىكى قاراقاشلىق مۇھاجىرلار، قاراقاشتىكى ئەڭ چوڭ مەركەزلەردىن بىرى بولغان پويىز ئىستانسىسى تەربىيەلەش مەركىزىدە 10مىڭ ئەتراپىدا كىشى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.