قاراقاشتىكى بىر «تەربىيەلەش مەركىزى» گە سىغمىغان 500 چە كىشى 16 ماشىنىدا توشۇلغان

0:00 / 0:00

ئۆتكەن ھەپتە مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قاراقاش ناھىيەلىك ئوت ئۆچۈرۈش تارمىقىنىڭ بىر خادىمى قاراقاش ناھىيەسىنىڭ «كەيفاچۈ»، يەنى تەرەققىيات رايونىدىكى «تەربىيەلەش مەركىزى» دە ئۆتكەن يىلى 11‏-ئايغا كەلگەندە ئادەملەر سىغماي قالغانلىقى، نەتىجىدە بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ مەزكۇر «تەربىيەلەش مەركىزى» دىن پويىز ئىستانسىسىدىكى «تەربىيەلەش مەركىزى» گە يۆتكەلگەنلىكىنى پاش قىلدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، شۇ كۈنىدىكى ئادەم يۆتكەش ساقچىلار تەرىپىدىن 16 ماشىنىدا ئېلىپ بېرىلغان. ھەر بىر ماشىنىدا 30 دىن كىشى ئېلىپ مېڭىلغان. ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى ساقچى ماشىنىلىرىغا ئەگىشىپ ماڭغان.

ئۆتكەندە كورلادىكى بىر نەپەر «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىسى» كورلادىكى بىر «تەربىيەلەش مەركىزى» گە ئادەم سىغماي قالغانلىقىنى، تەربىيەلەشكە ئەكىلىنگەن كىشىلەرنىڭ ئۆچىرەت كۈتۈپ زالدا يېتىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. بۇنداق بىر ھادىسىنىڭ قاراقاش ناھىيەسىدىمۇ يۈز بەرگەنلىكى ئاشكارىلاندى.

ئالدىنقى ھەپتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قاراقاش ناھىيەلىك ئوت ئۆچۈرۈش خادىمىنىڭ پاش قىلىشىچە، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ «گوڭيۈەن يۈەنچۈ» دەپ ئاتىلىدىغان خىتاي كۆچمەنلىرى ئولتۇراقلاشقان رايونىدىكى «تەربىيەلەش مەركىزى» ئۆتكەن يىلى 11-ئايغا كەلگەن تولۇپ كەتكەن. نەتىجىدە ساقچى خادىملىرى بۇ «مەركەز» دىكى بىر قىسىم تۇتقۇنلارنى پويىز ئىستانسىسى «تەربىيەلەش مەركىزى» گە يۆتكىگەن.

مەزكۇر خادىمىنىڭ بايان قىلىشىچە، يۆتكەش 16 ماشىنىدا ئېلىپ بېرىلغان. يۆتكەشتە قوللىنىلغان ماشىنىنىڭ يۈك ماشىنىسى، يولۇچىلار ماشىنىسى ياكى ھەربىي ماشىنا ئىكەنلىكى مەلۇم ئەمەس؛ ئەمما مەزكۇر خادىمنىڭ پاش قىلىشىچە، ھەر بىر ماشىنىغا 30 كىشى قاچىلانغان. ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى شۇ كۈنىدىكى يۆتكەشتە، مەزكۇر 16 ماشىنىغا ئەگىشىپ ماڭغان. ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى مەزكۇر «تەربىيەلەش مەركىزى»دە قانچە كىشى بارلىقىنى دەپ بېرەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ تەمىنلىگەن ئۇچۇرلاردىن، يەنى يۆتكەشكە قاتناشقان ماشىنا سانى ۋە ماشىنىنىڭ سىغىمچانلىقىدىنلا شۇ كۈنى يۆتكەلگەنلەرنىڭ 500 چە ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى. بۇ قېتىم يۆتكەلگەنلەرنىڭ «گوڭيۈەن يۈەنچۈ تەربىيەلەش مەركىزى» گە سىغمىغان بىر قىسىم كىشىلەر ئىكەنلىكىگە قارىغاندا، مەزكۇر مەركەزدە ئاز دېگەندە بىرقانچە مىڭ كىشى بارلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

خىتاي دائىرىلىرى «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئۆز تەشۋىقاتلىرىدا ئىنكار قىلمايۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ مەركەزلەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئادەم سانىنى ئىزچىل ھالدا سىر تۇتماقتا. بۇ سانلىق مەلۇماتنى يالغۇز دۇنيا جامائىتىدىنلا ئەمەس، ئۆزىنىڭ ئالدىنقى سەپتىكى كادىرلىرى، ساقچىلىرى، ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ھەر ساھە خادىملىرىدىنمۇ سىر تۇتۇلماقتا. ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا ئاز بىر قىسىم يېزا ياكى ناھىيەلەردىن «تەربىيەلىنىۋاتقانلار» نىڭ ئومۇمىي سانى ئاشكارىلانغان بولسىمۇ، ھەر بىر ناھىيە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە «تەربىيەلىنىۋاتقانلار» نىڭ ئومۇمىي سانى يەنىلا مەلۇم ئەمەس. كورلادىكى بىر «تەربىيەلەش مەركىزى» دە كىشىلەرنىڭ ئوڭدا يېتىشىغا ئىمكان بولماي، يانچە يېتىشقا مەجبۇرلانغانلىقىغا ئوخشاش پاكىتلارغا ئاساسەن بەزى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، ئومۇمىي ساننىڭ كىشىنى چۆچۈتەرلىك، دۇنيانى ھەيران قالدۇرارلىق دەرىجىدە زور بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان زۇمرەت خانىم مانا بۇ قاراشتا. ئۇ، ئۇيغۇر دىيارىدا 62 ناھىيە، 24 شەھەر بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ھەر بىر ناھىيەدە ئوتتۇرىچە 5 تىن ھېسابلىغاندىمۇ پۈتۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە 500 چە لاگېر بارلىقىنى، ھەر بىر لاگېردا ئوتتۇرىچە 2000 چە كىشى بولغاندا، جەمئىي بىر مىليونچە كىشىنىڭ «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دە سولاقلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.