كۈنەس ناھىيەسىنىڭ ئارالتۆپە يېزا 1-كەنت ئەزاسى نىجات ئېلى، ساقچى ئورگانلىرى تەرىپىدىن «چېكىت» ئۇرۇلغان بىر كىشى بىلەن بىر قېتىم بىرلىكتە تاماق يېگەن ۋە بىر مېھمانخانىدا ياتقانلىقى ئۈچۈنلا كۈنەس بەشتۆپەدىكى تەربىيەلەش مەركىزىگە ئەكېتىلگەن.
قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ياۋا يېزا پوچتىخانا خادىمى ئابدۇرېھىم غاپپار، يېزىدا «چېكىتى بار» بىر ئائىلىگە بىلمەي توك تارتىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن بىر ئاي تۇتۇپ تۇرۇلغان ۋە ئىدارىسىنىڭ گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈشى بىلەن تەربىيەلەشكە ئېلىپ كېتىلىشتىن ئامان قىلغان.
كۈنەسنىڭ ئارالتۆپە يېزىسىدا ج خ تارماقلىرى تەرىپىدىن «چېكىت ئۇرۇلغان» قېينىنىسىدىن كەلگەن بىر تېلېفوننى قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن «تەربىيەلەش مەركىزى» گە ئەكېتىلگەن 38 ياشلىق ئائىلە ئايالى مېھراي جۈمەنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ئەھۋال ئېنىقلىشىمىز داۋامىدا، بۇ يېزىدا ئوخشاش سەۋەب بىلەن «تەربىيەلەش» كە ئەكېتىلگەن يەنە بىر كىشى ھەققىدىمۇ ئۇچۇرغا ئېرىشتۇق.
ئارالتۆپە يېزا 1-كەنتىدىكى كومپارتىيە ئەزاسى ۋە ئاياللار مۇدىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يېزىدا شوپۇرلۇق بىلەن تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان نىجات ئېلىمۇ، ئۆزىنىڭ يەكەن سەپىرىدە «چېكىتى بار» بىر كىشى بىلەن بىر قېتىم بىرلىكتە تاماق يەپ سالغانلىقى ۋە بىر مېھمانخانىدا يېتىپ قالغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە تەربىيەلەشكە ئەكېتىلگەن.
مەزكۇر ئاياللار مۇدىرى، ئارالتۆپەدە «چېكىتى بار» كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلغانلىقى ئۈچۈن تەربىيەلىنىۋاتقانلار سانىنىڭ خېلى كۆپلۈكى، ئەمما خىزمەت مەسئۇلىيەت دائىرىسى سەۋەبلىك، نىجات ئېلى ئالاقە قىلغان «چېكىتى بار» كىشىنىڭ كىملىكى ۋە قىلمىشى ھەققىدە مەلۇماتى يوقلۇقىنى ئېيتتى.
ئاشكارىلىنىشىچە، «چېكىتى بار» كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلغانلىقى ئۈچۈن جازالانغان ۋە جازالىنىۋاتقانلار، ئۇيغۇر رايونىنىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت.
بىز ئۆتكەن يىلى قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ياۋا يېزىسىدىكى بىر ساقچى خادىمىنى زىيارەت قىلغان ۋاقتىمىزدا، ياۋا يېزىلىق پوچتا خادىم ئابدۇرېھىم غاپپارنىڭ «چېكىتى بار» بىر ئائىلىگە توك تارتىپ ۋە تېلېۋىزىيە قانىلى مۇلازىمىتىنى باغلاپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن بىر ئايچە تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئابدۇرېھىم غاپپارنىڭ خىزمەت ئورنى ئۇنىڭ مەزكۇر ئائىلىنىڭ چېكىتى بارلىقىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ساقچىخانىغا تەكرار-تەكرار مەلۇم قىلغان ۋە گۇۋاھلىقتىن ئۆتكەن. نەتىجىدە ئابدۇرېھىم غاپپار «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» گە ئېلىپ كېتىلىشتىن ئامان قالغان.
يەنە ئاشكارىلىنىشىچە، ئابدۇرېھىم غاپپار توك تارتىپ بەرگەن تېلېۋىزىيە قانىلى مۇلازىمىتىنى باغلاپ بەرگەن مەزكۇر ئائىلە، بىرەر ۋەقەگە قاتناشقان ئەمەس، بەلكى بىر ۋەقە سادىر قىلغۇچى بىلەن دوستلۇقى بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئارخىپىغا «چېكىت» ئۇرۇلغان ۋە «چېكىت» ئۇرۇلغىنىغىمۇ ئۇزۇن بولمىغان ئىكەن.
نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدىكى «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دە قانچىلىك كىشى بارلىقىنى خىتاي دائىرىلىرى ئىزچىل ھالدا يوشۇرماقتا. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ بەزىلىرى بۇ ساننىڭ بىرقانچە يۈز مىڭ ئىكەنلىكىنى بايان قىلسا، يەنە بەزىلىرى بىر مىليوندىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، يۇقىرىقى ئىككى ئۇيغۇرنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبى يەنى «چېكىتى بار» كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلغانلىقى ئۈچۈنلا تۇتۇلۇشى، نۆۋەتتە «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نىڭ قانداق تولدۇرۇلۇۋاتقانلىقىدىن بىر ئىشارەتتۇر.