9-مارت كۈنى رادىيومىزغا كەلگەن ئۇچۇردا غۇلجىدا 3-مارتتىن باشلاپ «تەربىيەلەش مەركىزى» گە ئادەم يوللاشتا يەنە بىر رەت دولقۇن خاراكتېرلىك يۈكسىلىش بولغانلىقى ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە تەربىيەلەش مەركەزلىرىدىكى ياشانغانلار ۋە ئېغىر بوي ئاياللارنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى مەلۇم قىلىنغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بايانداي يېزا 2- ۋە 3-كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا 2-كەنتتە جەمئىي 254 كىشىنىڭ تەربىيەلەشتە ئىكەنلىكى، بۇنىڭ 62 نەپىرىنىڭ يېقىنقى 7 كۈن ئىچىدە تۇتۇلغانلىقى، يېڭىدىن تۇتۇلغانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئايال ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.
ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، غۇلجا شەھىرىنىڭ بايانداي يېزىسى 7 كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى، 33130 نوپۇستىن تەشكىللەنگەن. نوپۇسنىڭ 50% گە يېقىنراقىنى ئۇيغۇرلار ئىگىلەيدۇ. بىز غۇلجىدا 3-مارتتىن باشلاپ يېپىق تەربىيەگە ئادەم تۇتۇشنىڭ يەنە بىر بالداق كۈچەيگەنلىكى ھەققىدە رادىيومىزغا ئۇچۇر كەلگەندىن كېيىن، بايانداينىڭ 2- ۋە 3-كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىغا تېلېفون قىلدۇق. 2-كەنت ئامانلىق مۇدىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، مەزكۇر كەنتنىڭ نوپۇسى 4100، ئائىلە سانى 1000 ئەتراپىدا. بايان قىلىنىشىچە، بۇ كەنتتىن «تەربىيەلەش» كە ئادەم تۇتۇش ئۆتكەن يىلى 4-ئايدا باشلانغان ۋە ھازىرغا قەدەر 254 كىشى «تەربىيەلەش» كە ئەكېتىلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە 62 نەپىرى مۇشۇ ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 9-كۈنىگە قەدەر قۇتۇلغان.
بايانداينىڭ 3-كەنتى 4131 نوپۇس، 1073 ئائىلىدىن تەشكىللەنگەن. بۇ كەنتتىن «تەربىيەلەش» كە ئەكېتىلگەنلەر، 242 نەپەر بولۇپ، بۇنىڭمۇ 60 نەچچە نەپىرى يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە ئەكېتىلگەن.
كەنت مۇدىرلىرى «تەربىيەلەش» كە مۇشۇ بىر ھەپتە ئىچىدە نېمە ئۈچۈن كۆپ ئادەم ئەكېتىلگەنلىكىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بېرەلمىدى. ئۇلار «تەربىيەلەش» كە ئادەم تۇتۇشنىڭ ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت ۋە شەھەردىن چۈشۈرۈلگەن تىزىملىك بويىچە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، بايانداينىڭ يۇقىرىقى ئىككى كەنتىدە ئۇيغۇرلار نوپۇسى 60% ئەتراپىدا، يۇقىرىقى سانلاردىن قارىغاندا مەزكۇر ئىككى كەنتتىن «تەربىيەلەش» كە ئاپىرىلغانلار ھەر ئىككى ئائىلىدىن بىردىن توغرا كېلىدۇ. ئەمما يەنە ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇرلار كۆپ ساننى ئىگىلەيدىغان بەزى كەنتلەردە تۇتقۇنلار سانى بىر ئائىلىگە بىردىن توغرا كېلىدۇ. بايانداي 3-كەنت 5 -مەھەللە باشلىقىمۇ، ئۆز تەۋەلىكىدە 400 نەچچە ئائىلە بارلىقى، بۇنىڭدىن 128 كىشىنىڭ «تەربىيەلەش» تە ئىكەنلىكى، بۇنىڭ 30 نەچچىسىنىڭ يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە تۇتۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. رادىيومىزغا ئۆتكەن ھەپتە كەلگەن ئىنكاستا، غۇلجىدا يېپىق لاگىرلار سەۋەبىدىن ئەر ئەمگەك كۈچى ئاساسەن دېگۈدەك قالمىغانلىقى، بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇتۇلۇش نۆۋىتىنىڭ ئاياللارغا كەلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى. باياندايدىكى خادىملار، بۇ قېتىمقى تۇتقۇندا ئاياللارنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى پاش قىلدى.
يۇقىرىقى كەنت خادىملىرى غۇلجىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا «يېپىق لاگېرلار» غا ئادەم تۇتۇشنىڭ 3-مارتتىن بۇيان يەنە بىر قېتىم دولقۇن شەكىللەندۈرگەنلىكىنى دەلىللىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ دولقۇننىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىدى. رادىيومىزغا كەلگەن بۇ ھەقتىكى ئۇچۇردا، يېقىندا ئاپتونوم رايوندىن غۇلجىدىكى «يېپىق لاگېر» لارنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن مەخسۇس گۇرۇپپا چۈشكەنلىكى ۋە گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ جەنۇبتىكى ۋىلايەتلەرگە نىسبەتەن، غۇلجىدا يېتەرلىك دەرىجىدە ئادەم تۇتۇلمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يەرلىك دائىرىلەرنى تەنقىد قىلغانلىقى ۋە بۇ تەنقىدتىن كېيىن، غۇلجىدا يەنە بىر قېتىم ئادەم تۇتۇش دولقۇنى قوزغالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.
0:00 / 0:00