تونۇلغان ئاۋاز ئارتىسى گۈلباھار ئابدۇراخماننىڭ پەرزەنتلىرى ئۇنىڭ دېرىكىنى قىلماقتا

0:00 / 0:00

2016-يىلى يىل ئاخىرى باشلانغان ئۇيغۇرلارنى تۈركۈم-تۈركۈملەپ «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نامىدىكى لاگېرلارغا قاماش ھەرىكىتىدە، سەنئەت ساھەسىدىكى بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ئارتىسلارنىڭمۇ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقالغان ئىدى.

رادىيومىزغا كەلگەن ئۇچۇرلاردىن، 1990-يىللاردىن 2000-يىللارنىڭ باشلىرىغىچە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا ئاۋاز ئارتىسى بولۇپ ئىشلىگەن، كېيىن باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ «دەۋر ئاۋاز مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتى» نى قۇرغان، 2012-يىلى يەنە ۋە ئۆز ئالدىغا مەبلەغ سېلىپ «خۇش ئاۋاز مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتى» نامىدا شىركەت ئاچقان تونۇلغان ئاۋاز ئارتىسى گۈلباھار ئابدۇراخماننىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئاشكارىلاندى.

گۈلباھار ئابدۇراخمان خانىمنىڭ ئامېرىكىدىكى پەرزەنتلىرىدىن قىزى ئەسمانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن 2000-يىللارنىڭ باشلىرىغىچە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا ئاۋاز ئارتىسى بولۇپ ئىشلىگەن گۈلباھار خانىم، بۇلتۇر 7-ئاينىڭ 3-كۈنى ئامېرىكىدىكى قىزىنى كۆرگىلى كەلگەن. لېكىن، ئۈرۈمچىدىن ئۇنىڭغا قايتىپ كېتىش ھەققىدە كۆپ قېتىم تېلېفون كەلگىنى ئۈچۈن، ئامېرىكىغا 10 يىللىق كېلىپ-كېتىش ۋىزىسى بار گۈلباھار خانىم، بۇلتۇر 7-ئاينىڭ 27-كۈنى مۇددەتتىن ئىلگىرى ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەتكەن. ئەمما ئۇنىڭ قىزى ئەسما 2017-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى ئاپىسى گۈلباھارنىڭ تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلىنىپ ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم «تەربىيەلەش مەركىزى» گە 3 ئايلىق ئۆگىنىشكە ئېلىپ كېتىلگەنلىكى توغرىسىدا ئۇچۇرنى ئالغاندىن بۇيان ئاپىسىنىڭ تەقدىرىدىن قاتتىق ئەنسىرەش ئىچىدە كۈنلىرىنى ئۆتكۈزۈشكە باشلىغان.

گۈلباھار خانىمنىڭ پەرزەنتلىرىدىن ئۇنىڭ قىزى ئەسما خانىم ۋە كۈي ئوغلى ئابابەكرى ئەپەندىلەر يەنە ئۆز ئەندىشىلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارنىڭ ئانىسى گۈلباھار ئابدۇراخمان بۇلتۇر 9-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغان دەسلەپكى كۈنلەردە ئۇلار ئۇيغۇر دىيارىدىكى باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا تېلېفون قىلىش ئىمكانىيىتى بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئانىسى توغرۇلۇق سۆزلەشتىن ئۆزلىرىنى قاچۇرغانلىقى ئۈچۈن ھازىرغا قەدەر ئانىسى، يەنى گۈلباھار خانىمنىڭ نېمە سەۋەبتىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە قەيەرگە قامالغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرغا ئىگە بولالمىغان.

گۈلباھار خانىمنىڭ قىزى ئەسما خانىم ئانىسى تۇتقۇن قىلىنىپ «تەربىيەلەش» كە ئېلىپ كېتىلىشىگە ئۇنىڭ ئامېرىكىغا كەلگەنلىكى سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گۈلباھار خانىمنىڭ پەرزەنتلىرى يەنە ئانىسى گۈلباھار ئابدۇراخمان تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى ئىتتىپاق يولىدىكى «ئاق بوز ئات» رېستورانى بار بىنانىڭ 7-قەۋىتىدە تىجارەت قىلىۋاتقان، گۈلباھارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقىدىكى «خۇش ئاۋاز مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتى» نىڭ تېلېفونى ئۇلانمىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ شىركەتتىكى باشقا 5-6 نەپەر خادىمنىڭمۇ ئىز-دېرىكىنى ئالالمىغانلىقىنى، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن بۇ ياشلارنىڭ يۇرتىغا قايتىپ كەتكەنلىكى ياكى تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

بىز گۈلباھار خانىم ئولتۇرۇشلۇق ئۈرۈمچى ئىتتىپاق يولىدىكى سېرك ئۆمىكى ئائىلىلىكلەر قورۇسى ۋە ئىتتىپاق يولى ساقچىخانىسى قاتارلىق جايلارغا تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە تىرىشقان بولساقمۇ ئەمما تېلېفون ئۇلانمىدى ياكى تېلېفوندىكى ئاپتوماتىك ئاۋاز ئۈسكۈنىسىدىن بۇ خاتا نومۇر ياكى بۇ تېلېفون مۇلازىمىتى توختىدى دېگەندەك جاۋاپلارلا كەلدى.

ئاۋاز ئارتىسى گۈلباھارنىڭ ئەھۋالىنى يېقىندىن بىلىدىغان نۆۋەتتە چەت 'ئەللەردە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان بىرەيلەننىڭ كىملىكىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن رادىيومىزغا يوللىغان ئۇچۇرىدا تىلغا ئېلىنىشىچە، گۈلباھار ئابدۇراخمان 1965-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى تۇغۇلغان. ئۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا ئاۋاز ئارتىسى بولۇپ ئىشلىگەن چېغىدا ياپونىيەنىڭ دۇنيادىكى داڭلىق كەشپىياتچىلار ھەققىدىكى كۆپ قىسىملىق بالىلار كارتون فىلىمى «مىم» غا ئاۋاز بېرىپ تونۇلغان. گۈلباھار ئابدۇراخمان 90-يىللاردىن 2000-يىللاردا شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرجىمە قىلغان كۆپلىگەن چەتئەل فىلىملىرىغا ئاۋاز بەرگەن. 2000-يىللاردىن كېيىن ئۆز ئالدىغا شەخسىي شىركەت ئاچقاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا قويۇلغان تەيۋەننىڭ 44 قىسىملىق تەرجىمە فىلىمى «سىم-سىم يامغۇردىكى چوڭقۇر مۇھەببەت» فىلىمىدىكى ئايال باش قەھرىمان يىپىڭغا ئاۋاز بەرگەن. گۈلباھار ئابدۇراخمان يەنە ئەينى يىللىرى ئۇيغۇرلار ئۆز ئالدىغا ئىشلىگەن بىر قىسىم تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدىمۇ ھەر خىل روللارغا ئاۋاز بەرگەن. ھەتتا ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئىشلەنگەن بەزى كىنو-تېلېۋىزىيە فىلىملىرىدا ئارتىس بولۇپ رول ئېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئارتىسىدۇر.

يوتۇب تورىغا يوللانغان ئۇيغۇرچە كىنولارنى ئىزدىگىنىمىزدە گۈلباھار ئابدۇراخمان ئۆزى رول ئېلىپ ئاۋاز بەرگەن «سەھرالىق بالا باققۇچى»، «قېيىن ئانا بىلەن كېلىننىڭ ئاقىۋىتى» ناملىق ئىككى قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ۋە ياپونىيەنىڭ كۆپ قىسىملىق كارتون فىلىمى «مىم» نىڭ بىر قىسىم پارچىلىرى تېپىلدى.