«سودا چەمبىرىكى» گېزىتىدە بىر مىليونغا يېقىن ئۇيغۇرنىڭ مەخپىي ھالدا لاگېرغا قامالغانلىقى خەۋەر قىلىندى

0:00 / 0:00

چەتئەللەردىكى تەتقىقاتچىلار، ئۇيغۇر ئېلىدىكى «يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى» دا بىر قانچە يۈز مىڭدىن بىر مىليونغىچە ئادەمنىڭ سولانغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە ناتسىستلار يەھۇدىيلارغا قارشى يولغا قويغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى ئەسلىتىدىغان بۇ لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا ئائىت ئۇچۇرلار خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا كۆپلەپ ئاشكارىلانماقتا. بۇلاردىن بىرى، ئامېرىكىدىكى «سودا چەمبىرىكى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەر ماقالىسى بولۇپ، تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئىرادە سىلەرگە بۇ ھەقتە تەپسىلىي ئۇچۇر بېرىدۇ.

ئامېرىكىدا نەشردىن چىقىدىغان «سودا چەمبىرىكى» تور گېزىتىنىڭ 30-ماي كۈنىدىكى سانىدا «خىتاي مەخپىي ھالدا بىر مىليونغا يېقىن ئادەمنى قامىدى، ئەمما ئۇلار ئىككى چوڭ ئىسپاتنى يوشۇرالماي قالدى» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىدە ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆتكەن بىر يىلدىن بۇيان مىڭلىغان ھەتتا بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى يىغىۋالغان بولۇشى مۇمكىنلىكى، ئىنسانلار سوتلانماي تۇرۇپ قامىلىدىغان بۇ ئورۇنلاردا ئۇيغۇرلارغا سىياسىي تەربىيە ئېلىپ بېرىلىپ، ئۇلارنىڭ دىنى ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىنىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

ماقالىدا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي بۇ سىستېمىنى ‹قايتا تەربىيەلەش› دەپ قارىماقتا. سوتسىز ئىجرا قىلىنىدىغان بۇ سىستېمىدا ئىنسانلار چەتئەلدىكى تۇغقانلىرى بىلەن سۆزلەشكەن، ساقال قويغان دېگەندەك سەۋەبلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىنىدىكەن. ئۇ يەردە ئۇنىڭغا ئېتىراز بىلدۈرىدىغان يولمۇ يوق. يېقىنقى ئىستىلىستىكىلار بۇ ئورۇنلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلارنىڭ يۈز مىڭلىغان ھەتتا بىر مىليوندىنمۇ ئوشۇق بولۇشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسەتمەكتە».

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر لاگېرلارنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن بېرىلگەن ھۆددىگەرلىك ئېلانلىرى بىلەن خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانلىرى بۇ مەركەزلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلايدىغان ئەڭ مۇھىم ئىككى ئىسپات بولۇپ، ئۇنىڭدا گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنىزنىڭ تەتقىقاتلىرىغا ئاساسەن تۆۋەندىكىلەر بايان قىلىنغان: «‏-2016 يىلىدىن بېرى، ھۆكۈمەت شىنجاڭدىكى 73 ئورۇنغا قۇرۇلۇش سېلىش ياكى ئۆزگەرتىپ ياساش ھەققىدە قۇرۇلۇش ھۆددىگە بېرىش ئېلانى چىقارغان. گەرچە ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى ھەرخىل بولسىمۇ، ئەمما بۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ياكى بىر قىسمىنىڭ ‹قايتا تەربىيە لاگېرلىرى› ئىكەنلىكى مەلۇم. قۇرۇلۇش ئېلانلىرىنىڭ كۆپىنچىلىرىدە بۇ ئورۇنلار ‹كەسپىي تەربىيەلەش ئورنى› دەپ ئاتالغان، ئەمما ئۇنىڭدا ساقلىنىپ ياتقان ئىنچىكە دېتاللار بۇ ئورۇنلارنىڭ ئەسلى مەقسىتىنى ئاشكارىلاپ بەرمەكتە. مەسىلەن ئۇلاردا، مۇھاپىزەتچىلەر ئىشخانىسى، ۋىدىيولۇق نازارەت سىستېمىلىرى، بىخەتەرلىك سىم توساقلىرى، ساقچى ئەسلىھەلىرى، ساقچىلار ياشايدىغان رايون، تەكشۈرۈش جاھازلىرى، پولات تاملار ۋە ھەتتا تۆمۈر ئورۇندۇقلار تەلەپ قىلىنغان».

ئادرىيان زېنز سۆزىدە، بۇ ئورۇنلارنىڭ قاتتىق مۇھاپىزەت قىلىنىدىغانلىقىدىن قارىغاندا، ئۇلارنىڭ بۇ ئورۇنلارنى «كۈتۈلمىگەن مېھمانلار» دىن قوغداش ئۈچۈنلا ئەمەس بەلكى ئىچىدىكىلەرنى ئېغىر دەرىجىدە نازارەت قىلىش ئۈچۈنلۈكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئادرىيان زېنىزنىڭ يۇقىرىدىكى گېزىت مۇخبىرىغا ئېيتىشىچە، بۇ يىل يانۋاردا ئېلان قىلىنغان مەلۇم بىر ھۆددىگە بېرىش ئۇقتۇرۇشىدا 122 نازارەت كامېراسى تەلەپ قىلىنغان بولۇپ، ئو ئورۇننىڭ ھەممە يېرىنىڭ كامېرا بىلەن قاپلىنىشى، بىرمۇ كۆرۈنمەيدىغان يەر ئېشىپ قالماسلىقى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلگەن ئىكەن.

2017‏-يىلى ئاپرېلدا ئېلان قىلىنغان يەنە بىر ئېلاندا بولسا، قۇرۇلۇشى ھۆددىگە بېرىلگەن ئورۇننىڭ «قايتا تەربىيەلەش ئورنى» ئىكەنلىكى ئېنىق تىلغا ئېلىنغان ۋە «بۇ جايدا ھەربىي مەشىق، خىتاي تىلى، قانۇن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنى ساۋات ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بېرىلىدۇ»، دېيىلگەن.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك ئاماللار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى تۈپتىن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش يولىنى تۇتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئادىرىيان زېنزنىڭ ئەسكەرتىشىچە، يۇقىرىدىكى قۇرۇلۇش ھۆددىگە بېرىش ئېلانلىرى بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئاساسىي قاتلاملاردا بۇ ئاتالمىش «تەلىم-تەربىيە» ياكى «كەسپىي ماھارەت» بويىچە تەربىيەلەش ئورۇنلىرىغا غايەت زور ساندا خىزمەتچى قوبۇل قىلىش دولقۇنى قوزغالغان، ئەمما قىزىقارلىقى بۇ ئېلانلاردا چىقىرىلغان خىزمەت تۈرى ئاساسەن ساقچى ياكى ياردەمچى ساقچى بولغان. بەزىلىرىدىن ھەتتا ھەربىيلىك ۋە ساقچىلىق تارىخى بولۇش تەلەپ قىلىنغان.

دەرۋەقە، ئۆتكەن يىلىدىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئارقا-ئارقىلاپ چىقىرىلغان ساقچى ياكى بىخەتەرلىك خادىملىرى قوبۇل قىلىش ئېلانلىرى نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بولسا بۇنداق زور كۆلەملىك ساقچى قوبۇل قىلىش ئېلانلىرىنىڭ يەنىلا ئۈزۈلۈپ قالمىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

11‏-ماي كۈنى، ئاقتۇ ناھىيەلىك ھۆكۈمەت تور بېتىدە، ئاقتۇ ناھىيە جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىگە 600 نەپەر چارلاش، مۇھاپىزەت قىلىش خادىمى قوبۇل قىلىش ئېلانى بېرىلگەن. ئېلاندا قوبۇل قىلىنىدىغانلارنىڭ 500 نەپىرىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن، 100 نەپىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونى ئىچىدىن قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

بۇنىڭدىن سىرت يەنە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەسمىي تور بېتىدە 28-ماي كۈنى ئاتۇش شەھەرلىك ھۆكۈمەت يەنە 200 نەپەر ساقچى تولۇقلاپ قوبۇل قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقارغان. يۇقىرىدىكى ئۇقتۇرۇشلارنىڭ ھەر ئىككىسىدە قوبۇل قىلىنىدىغان ساقچى خادىملارنىڭ «ۋەتەننى، پارتىيەنى قىزغىن سۆيىدىغان، سىياسىي-ئىدىيە ۋە پىكىردە پارتىيە بىلەن بىردەك بولۇشى، مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە قەتئىي قارشى بولۇشى» دەك ئامىللار تەكىتلەنگەن.

«سودا چەمبىرىكى» دىكى ماقالىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەلۇم بىر ناھىيەسىدىكى ئاتالمىش «كەسپىي ماھارەت بىلەن تەربىيەلەش» ئورنىغا چىقىرىلغان ئىشقا قوبۇل قىلىش ئېلانىدىمۇ قوبۇل قىلىنىدىغانلارغا ئەڭ «ئاز ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيەسىگە ئىگە بولۇش، پارتىيەگە سادىق بولۇش ۋە خىتاي مىللىتىدىن بولۇش» دېگەن 3 خىل شەرت قوشۇلغان. ئادرىيان زېنزنىڭ قارىشىچە، ھەقىقىي بىر كەسپى ئورۇنلارغا قوبۇل قىلىنىدىغانلارغا ئادەتتە ئەڭ ئاز دېگەندە باكالاۋرلىق ئۇنۋانى شەرتى قوشۇلىدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا ۋە ھۆددىگە بېرىلگەن قۇرۇلۇشلاردا ھەدىدىن زىيادە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى تەلەپ قىلىنغان بولۇشىدەك ئامىللاردىن قارىغاندا بۇ قۇرۇلۇشلارنى «يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى» ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگىلى بولىدىكەن.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېسكى رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېپىق تەربىيە لاگېرلىرىنىڭ بىردىنلا ئوتتۇرىغا چىقمىغانلىقىنى، ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىستېمىلىق بىر سىياسىتىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«مەنچە ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى ئۇيغۇرلار يىللاردىن بېرى ئۇچراپ كېلىۋاتقان سىستېمىلىق بېسىم سىياسىتىنىڭ پەقەتلا بىر قىسمى. ئۇيغۇرلار يىللاردىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي بېسىم ۋە كەمستىلىشلىرىگە ئۇچراپ كەلدى. مەن ھازىرقى بېسىمدىكى بۇ شىددەتلىك ئېشىشنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى ۋە شۇنداقلا كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان رايوننى تىنچلاندۇرۇش، ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش قاتارلىق كەلگۈسى پىلانلىرىغا مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايمەن. مەسىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىنى چەكلەپ، ئەكسىچە ئۇلارنى خىتاي مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلاۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى چەكلىدى. مانا بۇلار ھەممىسى خىتاينىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلانلىرىنىڭ بىر قىسمى. يىغىپ ئېيتقاندا، بۈگۈنكى بۇ ۋەزىيەت تۇيۇقسىزلا ئوتتۇرىغا چىققان ئەمەس».

«سودا چەمبىرىكى» گېزىتىمۇ ماقالىسىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ بىردىن-بىر دەردىنىڭ يېپىق تەربىيە لاگېرى ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتكەن ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ يىللاردىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق بېسىمىغا ئۇچرىغانلىقى، ھەرقانداق يوسۇندىكى دىنى پائالىيەتلىرىنىڭ چەكلەنگەنلىكى بىلەن بىر ۋاقىتتا، يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىلىرى ۋە DNA ئۇچۇرلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېرىشكە مەجبۇرلانغانلىقىنى تىلغا ئالغان.