ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» لىرىگە 2 مىڭدەك ئۇيغۇر قامالغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017.08.31
ikki-yuzlimichi-sazayi-xelq-ammisi.jpg ئاقتۇ ناھىيە پىلال يېزا تازىلىق كەنتىدىكى «ئاممىنى ئاگاھلاندۇرۇش يىغىنى». 2017-يىل 3-ئىيۇل، ئاقتۇ پىلال يېزىسى.
xjakt.gov.cn

ئاقتۇ ناھىيەسى قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ چېگرا ناھىيەلىرىدىن بىرى بولۇپ، يېقىندىن بۇيان جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي ۋەزىيىتى ئەڭ سەزگۈر جايلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى ساقچىخانىلاردىن ئەھۋال ئىگىلىشىمىزچە، يېقىنقى يېرىم يىلدىن بۇيان، ئاقتۇنىڭ ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان يېزا-كەنتلىرىدىن كۈندە دېگۈدەك ئادەم تۇتۇلۇپ، «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» گە ئەۋەتىلمەكتىكەن.

ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ ئۈجمە يېزىلىق ساقچىخانىسىدىكى كېچىلىك نۆۋەتچى ساقچىلار رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ناھىيە تەۋەسىدە قۇرۇلغان 3 ئورۇندىكى «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» گە 2 مىڭدەك ئۇيغۇر «گۇماندار» نىڭ قامالغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ سىياسىي تەربىيە ئېلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى: «ئاقتۇ ناھىيەسىدە ھازىر 3 ئورۇندا ‹تەربىيەلەش مەركىزى› بار. بۇلارنىڭ ئەڭ چوڭى ئاقتۇ بىلەن قەشقەر ئارىلىقىدا قۇرۇلغان مەركەز. ئۇنىڭدا مىڭدەك ئادەم يېپىق ھالەتتە تەربىيەلىنىۋاتىدۇ. ئىككىنچىسى، ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ كەينىدىكى سوتسىيالىزم مەكتىپىدە تەسىس قىلىندى. بۇ يەردىمۇ 5-6 يۈزدەك ئادەم تەربىيەلەنمەكتە. ئۇندىن باشقا، يېقىندا قۇرۇلغان يەنە بىر مەركەز بار، ئۇ يەردە بىلىشىمچە، 2-3 يۈزدەك ئادەم بار بولسا كېرەك.»

ئۈجمە يېزىلىق ساقچىخانىدىكى نۆۋەتچى خادىملار يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە ئېلىپ بېرىلغان گۇماندارلارنىڭ سانى كۆپىيىپ كەتتى، تۇتۇلغان ئادەم سانى دەسلەپتە پىلان قىلغان ساندىن ئېشىپ كەتكەچكە، ھازىر ئادەم سىغدۇرالمايۋاتىدۇ. شۇڭا سوراق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مەسىلىسى يېنىكلەر ئۆز كەنتلىرىگە قايتۇرۇلۇپ، كەنتتە تەسىس قىلىنغان تەربىيەلەش ئورۇنلىرىدا نازارەت ئاستىدا ئۆگىنىش قىلدۇرۇلۇۋاتىدۇ. ئىلگىرى بۇ خىلدىكى تەربىيەلەش ئورۇنلىرى ‹سوتسىيالىزم مەكتىپى› دەپ ئاتالغان ئىدى. ھازىر ئىسمى ئۆزگەرتىلىپ، ‹كەسپىي ئىقتىدار تەربىيەلەش مەركىزى› دەپ ئاتىلىۋاتىدۇ. بۇ يەردە تەربىيەلىنىۋاتقانلارغا سىياسىي-ئىدىيە تەربىيەسىدىن باشقا، يەنە كەسپىي بىلىملەردىن دەرس بېرىلىۋاتىدۇ.»

ئۈجمە يېزىلىق ساقچىخانىدىكى كېچىلىك نۆۋەتچى خادىم بىزنىڭ «بۇ يەرگە قانداق ئادەملەر ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: «بۇ يەرگە تېلېفون كارتىسى بېجىرىپ ئىشلەتمىگەنلەر ياكى نومۇرنى ئۆچۈرۈش رەسمىيىتى بېجىرمەي تۇرۇپلا تاشلىۋەتكەنلەر، ئىلگىرى تۈرمىگە كىرىپ چىققانلار، نۇقتىلىق نوپۇس تىزىملىكىدە بارلار، دىنىي جەھەتتىن ئاشقۇنلۇق ئىدىيەسى بار دەپ گۇمان قىلىنغانلار ۋە چەتئەللەردە بالا-چاقىسى ياكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بارلار ئېلىپ كېتىلدى.»

ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ پىلال يېزىلىق ساقچىخانىسىدىكى بىر نەپەر نۆۋەتچى خادىم زىيارىتىمىز جەريانىدا يېقىنقى بىرقانچە ئايدىن بۇيان ئۆز تەۋەلىكىدىكى كەنتلەردىن كۈندە دېگۈدەك ئادەم تۇتۇلۇۋاتقانلىقىنى، تۇتۇلغان «گۇماندار» لار ناھىيەدىكى «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» گە سىغمىغانلىقى ئۈچۈن بىر قىسمىنىڭ يېزا-كەنتلەرگە قايتۇرۇلۇپ، ئۆز جايىدا نازارەتكە ئېلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى: «تەربىيەلەش مەركىزىگە ئېلىپ كېتىلگەنلەر بەك كۆپ، پەمىمچە، نەچچە مىڭ كىشىگە يەتسە كېرەك، ئېنىق سانىنى مەنمۇ بىلمەيمەن، بىزنىڭ باشلىقلار بىلىدۇ. ئۇلارنى تۈركۈمگە بۆلۈپ ئاپىرىۋاتىمىز، يەنى كۈندە تۇتۇپ ئاپىرىۋاتىمىز. تەربىيەلەش مەركىزىگە ئېلىپ بېرىلغانلار دەسلەپ سوراق قىلىنىدۇ. سوراقتىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى مەسىلىسى يېنىكلەر 2-3 ئاي تەربىيەلىنىپ قايتۇرۇلدى، چۈنكى ئادەم كۆپ بولغاچقا سىغمىدى. ئەمما كۆپ قىسمى تېخىچە تەربىيەدە، ئۇلارنىڭ قاچان قايتىپ چىقىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. بۇرۇنقى دىنىي زاتلارنىڭ كۆپىنچىسى ھازىر تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە يىغىۋېلىندى.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.