خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايوندىكى ھەر قايسى جايلاردا «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەربىيىلەش سىنىپى» نامىدا يېڭى شەكىلدىكى تەربىيىلەش لاگېرلىرىنى بەرپا قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ «تەربىيىلەپ ئۆزگەرتىش سىنىپى زادى قانداق جاي؟» دېگەن ئاۋازلىق تەبىرلىرى ھەققىدە ئۆتكۈزگەن مەخسۇس سۆھبىتىمىزگە قاتناشقان گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تەربىيىلەش مەركىزى» نامىدا شەكلى ئۆزگەرگەن تۈرمىلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى، بولۇپمۇ ياشلارنى قانۇنسىز قاماپ، روھىي، جىسمانىي بېسىم ۋە قورقۇتۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسيانكار روھىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى مۇلاھىزە قىلدى. ئۇ يەنە «خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر تەشۋىقاتى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان جىنايەتلىرىنى ياپالمايدۇ» دېگەن قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئامېرىكادىن سۆھبىتىمىزگە قاتناشقان ئۇيغۇر زىيالىيسى نۇرمەمەت مۇساباي ئەپەندى بولسا، چەتئەللەردە بالىلىرى ئوقۇۋاتقان، ھەتتا چەتئەلگە ساياھەتكە چىقىپ كىرگەنلەردىن تارتىپ خىتاينىڭ بۇ خىل شەكلى ئۆزگەرگەن تۈرمىلىرىگە قامالغانلىقى ھېچ بىر ئۇيغۇرنىڭ بۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆزىنىڭ نۆۋەتتىكىدەك ۋەزىيەتتە، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كوللېكتىپ ھالدا كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەكلىكى، «خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان جىنايەتلىرىنى ئاكتىپلىق بىلەن پاش قىلىش مەجبۇرىيىتى بار »دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.
0:00 / 0:00