تۇرپان يار يېزىسىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئۆي-جاي ۋە ئۈزۈملۈك يەرلىرى تۆۋەن باھادا تارتىۋېلىنماقتا

0:00 / 0:00

ئىگىلىشىمىزچە، تۇرپان يار يېزىسىنىڭ شەھەرگە تۇتاش كەنتلىرىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرى شەخسىي ئۆي-جاي ۋە ئۈزۈملۈك يەرلىرىنى تۆۋەن باھادا سېتىشقا زورلانماقتىكەن.

2-ئاپرېل كۈنى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دېھقان ئابدۇغېنى قېييۇم ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق كەنتتىكى يەر ماجىرالىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يار يېزىسىنىڭ تۇرپان شەھىرىگە تۇتاش كەنتلىرىدە ئاساسلىق ئاھالە ئۇيغۇرلار ئىكەن. بۇ كەنت ئۈرۈمچى-تۇرپان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ بويىغا جايلاشقان، ئۇنىڭ ئۈستىگە شەھەرگە ئاران بىرقانچە كىلومېتىرلا كەلگەچكە، خىتاي قۇرۇلۇش شىركەتلىرىنىڭ تالىشىش ئوبيېكتىغا ئايلانغان. مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندىن بۇيان يەرلىك دائىرىلەر خىتاي شىركەتلىرى بىلەن ئىچكى جەھەتتە كېلىشىپ، ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا بېسىم ئىشلەتكەن ھەمدە ئۇلارنىڭ شەخسىي ئۆي-جاي ۋە ئۈزۈملۈك يەرلىرىنى تۆۋەن باھادا سېتىپ بېرىشكە قىستىغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان يەرلىك دېھقان ئابدۇغېنى قېييۇم ئۆزلىرى دۇچ كېلىۋاتقان يەر كرىزىسى ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇر بەردى. ئۇلار ئاكا-ئۇكا ئۈچ ئائىلە مۇشۇ كەنتتىكى ئۆز يەرلىرىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تىركىشىۋاتقان ئەڭ ئاخىرقى دېھقانلار ئىكەن.

دېھقانلار تۆۋەن باھادا يەرلىرىنى سېتىشقا مەجبۇرلانغان

يار يېزىسىنىڭ تۇرپان شەھىرىگە تۇتاش كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق دېھقان ئابدۇغېنى قېييۇم مۇنۇلارنى بىلدۈردى:

«مېنىڭ يول بويىدا 800 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان بىرقانچە دۇكان ۋە ئاشخانا ئۆيلىرىم بار ئىدى. ئۇلارنى ئىجارىگە بېرىپ يىلىغا 17-18 تۈمەن يۈەن كىرىم قىلاتتىم. بەش ئاي بولدى، دۇكان ۋە ئاشخانىلىرىمنىڭ كىنىشكىلىرىنى تارتىۋېلىپ توختىتىپ قويدى، قورۇ-جايلارنىڭ ھەر بىر كۋادراتىغا ئاران 980 يۈەندىن مىڭ يۈەنگىچە پۇل بېرىمىز دەيدۇ.»

«ئەگەر ھازىرقى بازار نەرخى بويىچە ئەركىن ساتىمىز دېسەك، دۇكان ئۆيلەرنىڭ ھەر كۋادراتى ھازىرقى بازار باھاسىدا 11 تۈمەندىن 17 تۈمەنگىچە بولۇۋېتىپتۇ. ئەمما بىزنىڭ دۇكان ۋە ئاشخانا ئۆيلىرىمىزنى بەكلا ئەرزان باھادا سېتىشقا قىستاۋاتىدۇ، بەكرەك تالاشقانلارغا ھەر كۋادرات مېتىرى ئۈچۈن بىر-ئىككى مىڭ يۈەندىن بېرىپتۇ. ئۈزۈملۈك يەرلىرىمىزنىڭ ھەر موسى ئۈچۈن ئاران 9 يېرىم تۈمەن يۈەن بېرىمىز دەيدۇ.»

«بىز يار يېزىسىنىڭ شەھەرگە تۇتاش كەنتلىرىدە ياشايمىز. ئۆيلىرىمىز يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ بويىدا. بىزنىڭ كەنتنىڭ ئىشخانىلىرىمۇ شەھەر ئىچىدە. ھازىر بىزنىڭ كەنتتىن 17-18 ئائىلىنىڭ ئۆيلىرىنى تىزىملاپ بولدى.»

تارتىۋېلىنغان يەرلەردە خىتاي شىركەتلىرى قۇرۇلۇش باشلىغان

دېھقان ئابدۇغېنى قەييۇم يەنە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنى ئىنكاس قىلدى:
«دېھقانلاردىن ئېلىۋالغان يەرلەرگە ھازىر قۇرۇلۇش باشلىدى. خەنزۇلار قۇرۇلۇش سېلىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ قايسى شىركەتنىڭ ئادەملىرى ئىكەنلىكىنى بىلمىدۇق. كەنتتىن سورىساق بىزگە دەپ بەرمەيۋاتىدۇ.»
«بىز ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن تارتىپ بۇ يەردە ياشاپ كەلگەن ئىدۇق، لېكىن ھازىر شەھەرنىڭ كۆزى بولۇپ قالغان ئۆي-جايلىرىمىزنى ھەر كۋادرات مېتىرىغا 9 يېرىم تۈمەن پۇل بېرىپلا ئېلىۋالىمىز دەيدۇ. كەنت ۋە يېزا كادىرلىرى كۈندە بىزنى قىستايدۇ.»
«تېرىلغۇ يەرلەرنى شەخسلەرگە بۆلۈپ بەرگەن زاماندىن بۇيان ھازىرغىچە 40 نەچچە يىل بولدى، بىز بۇ يەرلەردە ئۈزۈملۈك بەرپا قىلدۇق، قولىمىزدا يەر خەتلىرىمۇ بار. ئەمما كەنت ۋە يېزا كادىرلىرى بىزدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى يوشۇرۇۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ كىم بىلەن قانداق سودا قىلىۋاتقانلىقى بىزگە قاراڭغۇ.»

ئۆي-جايلىرى چېقىلىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر!

ئابدۇغېنى قېييۇم يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:
«ئۆي-جايلىرى چېقىلىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر. بىز بىرلىشىپ يۇقىرى ئورۇنلارغا ئەرز قىلالمىدۇق. ئارىمىزدىن بەزىلەر كادىرلارنىڭ ھەر خىل بېسىمى ۋە ئايرىم ۋەدىلىرى بىلەن ئۆي-جايلىرىنى بېرىپ بولدى. ھازىرغىچە تىركىشىپ كېلىۋاتقانلاردىن بىز 3-4 ئائىلە قالدۇق.»
«ئويلاپ بېقىڭ، مەن بىرقانچە دۇكانلىرىمنىڭ ئىجارىسىدىنلا يىلىغا 17-18 تۈمەن يۈەن كىرىم قىلىمەن، ئۇنىڭ ھەر كۋادرات مېتىرىنى ئاران مىڭ يۈەندىن ئالىمەن دېسە، كىم رازى بولىدۇ؟ 4-5 ئاي بولدى، مېنىڭ بىلەن سۆزلەشمەيلا دۇكانلىرىمنىڭ كىنىشكىسىنى تارتىۋېلىپ تاقاپ قويدى.»

ئۆي-جايلىرىمىزدىن ئايرىلساق، بارىدىغان باشقا جايىمىز يوق!

ئابدۇغېنى قېييۇم ئۆزلىرى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«بىزنىڭ ئائىلىنىڭ 22 مو تەگ (ئۈزۈملۈك) يېرى ۋە 2 مو ئەتراپىدا ئۆي-جايلىرى بار. پۈتۈن ئائىلىمىزدە 3 قېرىنداشنىڭ بالا-چاقا ۋە نەۋرىلىرىنى قوشقاندا 30 دەك جان بار. بۇ يەرلىرىمىزدىن ئايرىلساق نەگە بارىمىز؟ بىزنىڭ بارىدىغان باشقا جايىمىز يوق!»
«ئېلىۋالغان يەرلەرگە پۇل بەردى دېگەندىمۇ، بۇ پۇل بىلەن بىنادىن ھەممىمىز سىغقۇدەك ئۆي سېتىۋالغىلى بولمايدۇ. بىز ئۇلارغا ھېچ بولمىغاندا سايلىقتىن بولسىمۇ يەرلىرىمىزگە توغرىلاپ يەر بېرىڭلار، ئۆزىمىز ئۆزلەشتۈرۈپ ياشايلى دېسەك، يەر يوق دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ قورۇ جايلىرىمىزغا قويغان باھاسى بىزنىڭ قولىمىزدىكى 5 ئېغىز دۇكان ۋە ئاشخانىلىرىمىزنى بېزىگەن پۇلچىلىكمۇ كەلمەيدۇ. شۇنداقكەن، بىزنىڭ بالا-چاقىلىرىمىز كېيىن قانداق ياشايدۇ!؟»

بىزنىڭ ئۆي-جايلىرىمىزنىڭ باھاسى خەنزۇلارنىڭكىدىن كۆپ تۆۋەن

ئابدۇغېنى قېييۇم يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى:
«بىزنىڭ يېر-جايىمىز شەھەرگە ئاران 2-3 كىلومېتىرلا كېلىدۇ. نامى يېزا تەۋەسىدە بولغىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە شەھەر ئىچى ھېسابلىنىدۇ. ئاڭلىساق 50-60 كۋادرات مېتىرلىق دۇكان ئاچقان خەنزۇلارنىڭ يەرلىرىنى ئالغاندا ئۇلارغا بىنادىن يۈز نەچچە كۋادىراتلىق ئۆي بەرگەندىن سىرت، يەنە پۇلمۇ بېرىپتۇ. بىزگە كەلگەندە ئۇنداق بولمىدى. بىزنىڭ ئۆي-جايلىرىمىزنىڭ باھاسى خەنزۇلارنىڭكىدىن كۆپ تۆۋەن.»
«بىز ئەرز قىلايلى دېگەن بىلەن ھەممىمىز دېھقان، بەزىلىرىمىز ساۋاتسىز، ھۆكۈمەت بىلەن جېدەل قىلىشىپ خاتالىشىپ قالمايلى دەپ قورقىمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىر قىسىم دېھقانلار كادىرلارنىڭ بېسىمى بىلەن ئاللىقاچان يەرلىرىنى بېرىپ بولدى. ھازىر پۇشايمان قىلغان بىلەنمۇ، قول قويۇپ بولغاچقا ئورنىغا كەلمەيدىكەن.»