قەشقەر نەزەرباغ يېزىسىنىڭ يوقىرىقى قازرىق كەنتىدىكى يەر دەۋاسى قىلىۋاتقان دېھقانلار ۋەكىللىرىدىن تۇرغۇن مامۇتنىڭ ئۆتكەن يىلى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي قازا قىلغانلىقىنى مەلۇم.
بىز بۇ ئۇچۇرغا ئاساسەن قەشقەر شەھىرىگە قاراشلىق نەزەرباغ يېزىلىق ساقچىخانىغا تېلېفون قىلدۇق. ھالبۇكى، ساقچىخانا خادىملىرى بۇ ھەقتە ئېغىز ئېچىشنى رەت قىلدى.
تۇرغۇن مامۇت بىلەن بىللە ئەرز قىلغان، ئىلگىرى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان نەزەرباغلىق يەنە بىر دېھقان بۈگۈنكى زىيارىتىمىز داۋامىدا تۇرغۇن مامۇت ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزدىن ئۆزىنى قاچۇردى. ھالبۇكى، ئۇ ئۆزىنىڭ بىر يېرىم يىلدىن بۇيان مۇشۇ ئىش سەۋەبلىك خىتاي ئۆلكىلىرىدە سەرسان بولۇپ قېچىپ يۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئەينى چاغدا تۇرغۇن مامۇت بىلەن بىللە بېيجىڭغىچە ئەرز قىلىپ بارغان نەزەرباغلىق ئابدۇقەييۇم مەمەت تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، ئەمما تۇرغۇن مامۇتنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە سورىغان سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.
ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ تۇرغۇن مامۇت بىلەن بىللە 4 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان بولسىمۇ، كېيىنچە قاماق جازاسىنى تۈرمە سىرتىدا رېجىمدا تۇرۇپ ئىجرا قىلىشقا قويۇپ بېرىلگەن ئىكەن.
نەزەرباغ دېھقانلىرىنىڭ ئۇزاققا سوزۇلغان يەر دەۋاسىدىن خەۋىرى بولغان، ئەمما نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان مۇھاجىرەتتىكى بىر نەپەر ئۇيغۇر زىيالىيسى بۇ ھەقتە ئۆزى بىلىدىغان ئەھۋاللاردىن مۇنداق مەلۇمات بەردى:
«مەن ئۈرۈمچىدىكى ۋاقتىمدا تۇرغۇن مامۇت باشچىلىقىدىكى نەزەرباغ دېھقانلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەن ئىدىم. دېھقانلار پۇل يىغىپ 5 كىشىنى ئۈرۈمچىگە ئەرز قىلىشقا ئەۋەتكەن ئىكەن. مەن ئۇلارنى شىنخۇا كىتابخانىسىغا ئېلىپ بېرىپ، جۇڭخۋا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق-تەلەپ قانۇنى ھەمدە ئاپتونوم رايوننىڭ يەر ھوقۇقىغا دائىر بەلگىلىمىلىرىنى تېپىپ بەرگەن ئىدىم. كېيىن مەن ئۇلارنىڭ قەشقەر دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىدىم. تۇرغۇن مامۇت ئۆتكەن يىلى 9-ئايلار ئەتراپىدا تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي قازا قىپتۇ. ئابدۇقەييۇم مەمەتكە يېپىق سوت ئېچىپ 4 يىللىق قاماق جازاسىنى تۈرمە سىرتىدا رېجىمدا تۇرۇپ ئىجارا قىلىشنى قارار قىپتۇ دەپ ئاڭلىدىم. تۇرغۇن مامۇت 50 ياشلاردىن ئاشقان كىشى ئىدى.»
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.