ۋەلى قېييۇم: «ئۆي - جايلىرىمىزنى مەجبۇرىي ساتقۇزۇپ بىزنى يىلتىزىمىزدىن قومۇرۇۋەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ!»

0:00 / 0:00


ئىگىلىشىمىزچە، تۇرپان يار يېزىسىنىڭ شەھەرگە يېقىن يەنە بىر كەنتى - يېڭىباغ مەھەللىسىدىمۇ ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئۆي - جاي ۋە ئۈزۈملۈك يەرلىرى تۆۋەن باھادا تارتىۋېلىنماقتىكەن.

يېڭىباغ كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق دېھقان ۋەلى قېييۇم بۈگۈن رادىئومىز زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نۆۋەتتە ئۆزلىرى دۇچ كېلىۋاتقان ئەھۋاللار ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېڭىباغ كەنتى يار يېزىسىنىڭ تۇرپان شەھىرىگە 4 كىلومېتىر كېلىدىغان رايونى بولۇپ، 312 - دۆلەت تاشيولىنىڭ بويىغا جايلاشقان مۇھىم جاي ئىكەن. مەزكۇر كەنتتىكى كۆپ قىسىم ئۇيغۇر ئاھالىلىرى ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ تۈرلۈك بېسىمى بىلەن ئۆي - جاي ۋە ئۈزۈملۈك يەرلىرىنى سېتىش توختامىغا قول قويۇپ بولغان ئىكەن. ۋەلى قېييۇم قاتارلىق بىرقانچە دېھقان قول قويۇشنى رەت قىلىپ ئاخىرىغىچە تىركىشىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئىشنىڭ قانداق نەتىجە بېرىدىغانلىقى تېخىچە ئېنىق ئەمەسكەن.

بىزنى يىلتىزىمىزدىن قومۇرۇۋەتمەكچى بولۇۋاتدۇ!

دېھقان ۋەلى قېييۇم زىيارىتىمىز جەريانىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى:

«بىز يار يېزىسىنىڭ يېڭىباغ كەنتىدە ئولتۇرىمىز. بىزنىڭ مەھەللە شەھەرگە پەقەتلا 4 كىلومېتىر كېلىدۇ. 312 - تاشيول مەھەللىمىزدىن ئۆتىدۇ. بۇرۇن مۇشۇ يوقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنى كېڭەيتىپ ياسىغان ۋاقىتتا، كەنتىمىزدىكى نۇرغۇن دېھقانلارنىڭ يەرلىرى يولغا كىرىپ كەتكەن. مېنىڭ ئۆي - جايىمنىڭ يېرىمى يولغا توغرا كېلىپ، ھۆكۈمەت ئاز پۇل بېرىپلا ئېلىۋالغان. ئەمدى مانا قالغان يېرىمىزنى يەنە تۆۋەن باھادا ئالىمىز دەيدۇ. بىز نەگە بارىمىز؟»

«ھازىر ھۆكۈمەتنىڭ قويغان باھاسى بەكلا تۆۋەن. ئۆيلەرنىڭ ھەر كۋادراتمېتىرى ئۈچۈن، ئەگەر خىش تاملىق ئۆي بولسا 980 سوم، كېسەك تاملىق ئۆي بولسا 680 سوم پۇل بېرىمىز دەۋاتىدۇ. بۇ پۇل بىلەن بىز باشقا جايدىن قانداق ئۆي ئالالايمىز؟»

«ئۈزۈملۈك يەرلىرىمىزنىڭ ھەر موسىغا 9 يېرىم تۈمەن سوم پۇل بېرىپ ئالىمىز دەيدۇ. بىز ياخشى ئىشلىسەك، ھەر مو يەردىكى ئۈزۈمدىن يىلىغا بىر تۈمەن سوم كىرىم قىلىمىز. مۇشۇنداق تۆۋەن باھادا يەرلىرىمىزنى ئېلىپ كەتسە، كېيىن بالىلىرىمىز قانداق ياشايدۇ؟ شۇنداق، ئۇلار بىزنى يىلتىزىمىزدىن قومۇرۇۋەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ!»

يەرنىڭ ئورنىغا يەر ئالىمىز دېسەك ئۇنىمايۋاتىدۇ

ۋەلى قېييۇم يەنە مۇنۇلارنى ئىنكاس قىلدى:

«تەگ (ئۈزۈملۈك) يەرلىرىمىزنىڭ ھەر موسىغا 9 يېرىم تۈمەن سوم پۇل بەرگەن تەقدىردىمۇ، بۇ پۇل نەچچە يىلدا تۈگەيدۇ. يەردىن ئايرىلساق كېيىن قانداق قىلىمىز؟ شۇڭا بىز باشقا جايدىن يەر بېرىڭلار دەپ تەلەپ قويدۇق، لېكىن ئۇلار يەر يوق، مۇشۇ پۇلنى ئالىسىلەر دەۋاتىدۇ.»

«نۇرغۇن دېھقانلار ھەر خىل بېسىملار بىلەن ئاخىرى قول قويدى. كەنت، يېزا ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ كادىرلىرى ھەر كۈنى دېگۈدەك خىزمەت ئىشلەپ بەزى دېھقانلارغا قول قويدۇرۇپ بولدى. مەن ھازىرغىچە قول قويمىدىم. يوقىرىدىن يەرنى مەجبۇرىي ئېلىشقا بولمايدۇ دېگەن ھۆججەت بار دەپ ئاڭلىدۇق. ئاخىرىغىچە تىركىشىپ كۆرسەك بىر گەپ بولار دەپ ئولتۇردۇق.»

«بىز بىرلىشىپ يوقىرىغا ئەرز قىلالمىدۇق. ئارىمىزدىن بىر قىسىم دېھقانلار ئالىقاچان قول قويۇپ بولغاچقا بىرلىكتە ئەرز قىلىشقا ئامال بولمىدى. يوقىرىدىن كېلىدىغان پۇللاردىن يېزا ۋە كەنت كادىرلىرىمۇ مەنپەئەتلەنگەچكە، ئۇلارمۇ بىزنى يەرلىرىمىزنى سېتىشقا قىستايدۇ - دە!»

ئىجارە دۇكانلىرىمىزنىڭ ئالدىدىكى كوچىنى كولاپ سودىنى ئۆلتۈردى

ۋەلى قېييۇم بىرقانچە ئايدىن بۇيان ئۆزى دۇچ كەلگەن ۋەقەلەر توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:

«مېنىڭ ئۆي - جايلىرىمنىڭ ئورنى 8 پۇڭدىن ئاشىدۇ. 200 كۋادراتمېتىردىن ئاشىدىغان بىرقانچە دۇكان ۋە ئاشخانا ئۆيلىرىم بار ئىدى. بۇلارنى ئىجارىگە بېرىپ يىلىغا 10 نەچچە تۈمەن سوم كىرىم قىلاتتىم. ئۇنىڭدىن سىرت 10 مودىن ئاشىدىغان ئۈزۈملۈك يېرىم بار ئىدى. مەن ۋە باشقا بىرقانچەيلەن ئاخىرىغىچە قول قويماي قارشىلىق كۆرسەتتۇق. شۇڭا ھۆكۈمەت باشقا ئۇسۇل قوللىنىپ بىزگە بېسىم قىلماقتا.»

«5 - 6 ئاي ئىلگىرى ھۆكۈمەت تەرەپتىن كېلىپ ئىجارە بېرىۋاتقان دۇكان ۋە ئاشخانا ئۆيلەرنى تاقايسىلەر دېگەن بۇيرۇقنى چۈشۈردى. بىز بۇنىڭغا ئۇنىمىساق، تۇرۇبا كۆمىمىز دېگەن باھانە بىلەن دۇكانلىرىمىز بار كوچىنى كولاپ ھەممە جاينى توسۇۋەتتى. بۇنىڭ بىلەن ئاشخانا ۋە دۇكانلارنىڭ سودىسى پۈتۈنلەي ئۆلدى.»

«مەن بۇ يىللىق ئىجارە پۇللىرىنى ئېلىپ بولغان ۋە باشقا ئىشقا ئىشلىتىپ بولغان ئىدىم. ئويلىمىغان يەردىن ھۆكۈمەت كوچىنى كولاپ سودىمىزنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، ئىجارە ئالغۇچىلار پۇلىمىزنى قايتۇرۇڭلار دەپ بىزنى قىستاۋاتىدۇ. مانا مۇشۇنداق بېسىمدا ياشاۋاتىمىز. ئۇلار بىزنى قول قويدۇرۇش ئۈچۈن مۇشۇنداق ھىيلە ئىشلىتىپ بىزنى قەستەن قىستاۋاتىدۇ.»

«دۇكان ۋە ئاشخانىلارنىڭ تىجارەت كىنىشكىلىرىنى تارتىۋالغىلىمۇ 5 - 6 ئايچە بولدى. بەرمىگەنلەرگە تەھدىت سېلىپ بۇندىن كېيىن باشقا جايدىمۇ ئاشخانا ئاچقۇزمايمىز دەۋاتىدۇ.»

تارتىۋېلىنغان يەرلەردە ھازىر خەنزۇلار قۇرۇلۇش قىلىۋاتىدۇ

ۋەلى قېييۇم ئاخىرىدا يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

«ھازىر ھۆكۈمەت دېھقانلاردىن ئېلىۋالغان يەرلەردە قۇرۇلۇش قىلىۋاتىدۇ. ئۈزۈملۈك يەرلەرنى بۇزۇپ، تەگلەرنى جاھازلاۋاتىدۇ. خەنزۇ قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى ئىشلەۋاتىدۇ.»

«ھازىر ئۈزۈملۈك ۋە تېرىلغۇ يەرلەر ئازىيىپ كېتىۋاتىدۇ. ئاڭلىساق، يەرلىرىنىڭ ھەر موسىنى 15 تۈمەن سومدىن بەرمەيۋاتقان بەزى كىشىلەرمۇ بار دەيدۇ، ئەمما بىزنىڭكىنى تۆۋەن باھادا قىستاۋاتىدۇ. مەن قەتئىي قول قويماي تۇرۇۋاتىمەن. يەردىن ئىبارەت ئالتۇن قوزۇقتىن ئايرىلساق، بالا - چاقىلىرىمىزنىڭ قانداق ياشايدىغانلىقىنى ھېچ بىلمىدىم!»