ئىلى دېھقانلىرى يەرلەرنى قايتا تىزىملاشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى
2017.09.26

يېقىندا خىتاي يېزا-ئىگىلىك مىنىستىرلىقى «يېزىلاردىكى ھۆددە يەرلەرنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش ئۇقتۇرۇشى» نى ئېلان قىلىپ، بۇندىن كېيىن تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ دېھقانلارنىڭ «مۇقىم مۈلكى» گە ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇپ-شىمالىدىكى يېزىلاردا دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى قايتا تىزىملاش ئىشى جىددىي داۋاملاشماقتىكەن. كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرى «تەرەققىيات رايونى» دېگەن نامدا خىتاي شىركەتلىرىگە مەجبۇرى سېتىپ بېرىلگەن، كۆپ قىسىم ئۇيغۇر دېھقانلىرى يەرسىز قېلىپ «ياللانما ئەمگەك كۈچى» گە ئايلانغان بىر شارائىتتا، خىتاينىڭ بۇ سىياسەتنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشىدىن قاتتىق ئەندىشە ھېس قىلماقتا.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بۇ يىل 1-ئاپىرىلدىكى خەۋىرىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى دېھقان-چارۋىچىلار ھۆددىگە ئالغان تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكى بېكىتىلىپ، يەر كىنىشكىسى تارقىتىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى.
مەزكۇر خەۋەردە يەنە 2011-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا يېزىلاردىكى تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىپ رويخەتكە ئالدۇرۇش خىزمىتىنىڭ سانجى، ماناس، بورتالا ۋە ئاقسۇ قاتارلىق 9 جايدا سىناق قىلىنغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دېھقانلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلى دىيارىدا دېھقانلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى تىزىملاش ئىشى بۇ يىل ئەتىيازدا باشلانغان ئىكەن.
بۇ ھەقتىكى تەشۋىقات خەۋەرلىرىدە بۇ قېتىمقى يەر تىزىملاشنىڭ 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە تاماملىنىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ئەمما ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بەزى رايونلىرىدىكى تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش خىزمىتىنىڭ 2019-يىلى يېڭى يىلغىچە تاماملىنىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتىكەن.
خەۋەردە يەنە يەرلەرنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىشتىكى مەقسەت ئىزاھلىنىپ، يىللاردىن بۇيان يەرنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكى ئېنىق بولماسلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ماجىرالارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ سىياسەت يولغا قويۇلغانلىقى تەكىتلەنگەن.
غۇلجا ناھىيىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دېھقانلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2009-يىلدىن 2012-يىلغىچە غۇلجا ناھىيىسىدە داۋاملاشقان چىڭخۋا كۆمۈر شىركىتى قاتارلىق خىتاي شىركەتلىرىنىڭ يەر ئىگىلەش ھەرىكىتىدە دېھقانلارنىڭ يەرلىرى مەجبۇرى سېتىۋېلىنغان ئىكەن.
ئىلگىرى ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2010-يىلى غۇلجا ناھىيىسىدىكى پىلىچىخاڭ كۆمۈر كېنى بېيجىڭ چىڭخۋا كۆمۈر شىركىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. شۇندىن كېيىن، مەزكۇر كۆمۈركان جايلاشقان پەنجىم يېزىسىنىڭ يۇقىرىقى قىسمىدىكى قارىياغاچ كەنتىدە باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان قازاق چارۋىچىلار بىلەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلار پۈتۈنلەي كۆچۈرۈۋېتىلگەن ئىكەن.
شاھىتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تاغدىكى يايلاقلىرى بىلەن باقمىچىلىقىدىن ئايرىلغان چارۋىچىلار ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇر دېھقانلىرى نۆۋەتتە يەرسىز قالغان. ئۇلارنىڭ يەرلىرى مەجبۇرىي سېتىلغاندا ئېرىشكەن ئازغىنا پۇللىرىمۇ خەجلىنىپ تۈگىگەن. نۆۋەتتە بەزى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى قامدىشىمۇ زور بىر مەسىلىگە ئايلانغان ئىكەن.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر خانىم، غۇلجا ناھىيەسىنىڭ پەنجىم، چولۇقاي قاتارلىق يېزىلىرىدىكى دېھقانلارنىڭ كۆپ قىسىم تېرىلغۇ يەرلىرى بىلەن مېۋىلىك باغلىرىنىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىدىن ئاللىقاچان ئايرىلىپ قالغانلىقىنى، ئۇيغۇر دېھقانلىرى يەردىن ئايرىلغاندىن كېيىن چىقىرىلغان بۇ سىياسەتنىڭ ئىلى دېھقانلىرىغا ھەقىقىي مەنپەئەت ئېلىپ كېلىشىگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاقسۇ شەھەرلىك يېزا ھەمكارلىق ئىگىلىكىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى شياۋ چۈنلىن ئىلگىرى «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدىمۇ يېرىدىن ئايرىلىپ قالغان دېھقان-چارۋىچىلار مەسىلىسىنىڭ ئېغىرلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدى.
بىز نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدا داۋاملىشىۋاتقان تېرىلغۇ يەرلەرنى قايتا تىزىملاش شۇنداقلا يېڭى يەر خېتىدىكى يەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ يەر ئىگىسىگە مەڭگۈلۈك تەۋە بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى مەسىلىلەرنى ئېنىقلاش ئۈچۈن غۇلجا ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ۋە ناھىيىلىك يەر باشقۇرۇش ئىدارىسى قاتارلىق جايلارغا تېلېفون قىلدۇق. ھالبۇكى، ناھىيەلىك يەر باشقۇرۇش ئىدارىسىگە قىلغان تېلېفونىمىز جاۋابسىز قالدى.
غۇلجا ناھىيەلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسىغا قىلغان تېلېفونىمىز ئۇلانغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ مەزكۇر ئىشخانىدا كاتىپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن خىتاي كادىر، يەرنىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا ئائىت بۇنداق ئىنچىكە مەسىلىلەرنى يەر باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن سورىشىمىز كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى.