خوتەن قاراقاش ناھىيەلىك پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئېلى غوجابدۇللا، قاراقاشنىڭ ياۋا يېزا جىھانباغ كەنتىنىڭ پارتىيە سېكرېتارى مەمەتنىياز يۈسۈپ، جۈمەبازار كەنت سېكرېتارى ئابدۇمەمەت سادىر قاتارلىق 3 كىشى يېقىندا رەسمىي قولغا ئېلىنغان.
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خوتەن ۋىلايەتلىك تەپتىش مەھكىمىسى بۇ 3 يەرلىك كادىرغا رەسمىي دېلو تۇرغۇزۇپ، ئۇلارنى 2016-يىلى 28-دېكابىر كۈنى يۈز بەرگەن قاراقاش ناھىيەلىك پارتكومغا ئاپتوموبىللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە «بىپەرۋالىق قىلغان»، «ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرمىغان» دەپ قولغا ئالغان.
لېكىن خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە، ئۇلارنىڭ كونكرېت قانداق «بىپەرۋالىق» قىلغانلىقى ياكى ۋەزىپىسىنى «ئاتقۇرمىغانلىقى» غا دائىر ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن. قاراقاش ناھىيەسىدىكى يەرلىك دائىرىلەر پەيشەنبە كۈنى مۇخبىرىمىزغا بۇ خەۋەرنىڭ راستلىقىنى دەلىللىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە توختىلىشنى خالىمىدى.
مۇخبىر: ماۋۇ جۈمەبازارنىڭ پارتىيە سېكرېتارىنى، ئابدۇمەمەت سادىرغۇ ئىسمى، ھەئە. بۇ ئادەمنى تۇتۇپ كەتتى، ماۋۇ «28-ۋەقەسى»دە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان، دەپ ئاڭلىدىم؟
مۇقىملىق كادىرى: ھەئە، ئاشۇنداق، ئاشۇنداق. يوق بۇ يەردە ھازىر.
مۇخبىر: نەدە ھازىر ئۇ ئادەم؟ ناھىيەگە ئېلىپ كەتتىمۇ ياكى خوتەن شەھىرىدە تۇتۇپ تۇرۇۋاتامدۇ؟
مۇقىملىق كادىر: ئۇنى ئۇقمايمىز. ئۇنى ئۇقتۇرمايدۇ. ئۇنى يۇقىرىدىن بىر تۇتاش قىلغان ئىشلاركەن ئۇ. نەگە ئېلىپ كەتكەنلىكىنى، نېمە بولغانلىقىنى بىزگە دېمەيدىكەن ئەينا.
مۇخبىر: نېمە سەۋەبتىن ئېلىپ كەتتى؟ مەسئۇلىيەتسىزلىك بولدىمۇ ئەمدى خىزمەتتە؟
مۇقىملىق كادىرى: ئاشۇنداقمىكىن، ئىشقىلىپ ئۇقمىدۇق. ئاشۇنداق بولغان دەيدۇ. ئەمما بىزمۇ ئېنىق ئۇقمايمىز.
مۇخبىر: سىلەرگە ئۇقتۇردىمۇ رەسمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، مۇنداق، مۇنداق بولدى دەپ؟
مۇقىملىق كادىرى: ياق، بۇ ئىشنى ئاساسەن بىز ئۇقۇپ بولالمايدىكەنمىز ئەينا.
مۇخبىر: قاچاندىن بېرى بۇ ئادەمنىڭ مەسىلىسى مۇشۇنداق بولدى؟
مۇقىملىق كادىرى: ئاشۇ 28-چېسلا، ئاشۇ ۋەقە مەسىلىسى شۇ، شۇلار.
مۇخبىر: نېمىگە ئارىلىشىپ قاپتۇ؟ بىر ئىشقا ئارىلىشىپ قاپتىمۇ ياكى مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان بولدىمۇ؟ تەپسىلىي دېدىمۇ؟ مۇنداق، مۇنداق ئىشلاردا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلدى، دەپ؟
مۇقىملىق كادىرى: ھەئە، مەسئۇلىيەتسىزلىك شۇ. لېكىن ئۇنىڭ تەپسىلاتىنى بىز ئۇقمايمىز. ئۇنى ئاشۇ رەھبەرلەر، دېلوغا مەسئۇل ئادەملەر ئۇقىدۇ. بۇنى بىزنىڭ بۇ يەردىن بىۋاسىتە قىلماغلىق. ئۇنى يۇقىرىدىن قىلىغلىق. شۇڭا، بىزمۇ ئۇقمايدىكەنمىز. ياق، ياق. ئۇنى بىزگە ئۇقتۇرمايدۇ. بىزنىڭ خىزمىتىمىز ئايرىم بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۆلەك يەردە بولغاندىن كېيىن بىز ئۇنى ئۇقمايدىكەنمىز.
بىز يەنە ياۋا يېزىسىنىڭ جىھانباغ كەنتىگە تېلېفون قىلىپ، بۇ كەنتنىڭ سېكرېتارى مەمەتنىياز يۈسۈپنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈردۇق. لېكىن جىھانباغ كەنتىنىڭ ساقچىسى مەمەتنىياز يۈسۈپنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلدى.
مۇخبىر: سىز بۇ جىھانباغ كەنتىنىڭ ساقچىسىغۇ دەيمەن ھەئە؟
ساقچى: ھەئە.
مۇخبىر: ماۋۇ مەمەتنىياز يۈسۈپ، سىلەرنىڭكى كەنتنىڭ سېكرېتارى، قولغا ئېلىندى دېگەن خەۋەرلەر چىقىۋاتىدۇ، ئەھۋالى قانداق ئۇ ئادەمنىڭ؟
ساقچى: مەن ئۇ ئەھۋالنى ئۇقمايدىكەنمەن. مەن ئۇقمايدىكەنمەن. بۇنى ئۇقىدىغانلاردىن سوراڭ. مەن بىلمەيدىكەنمەن.
3 نەپەر يەرلىك كادىرنىڭ قولغا ئېلىنىشى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگونىڭ يېقىندا قىلغان كادىرلار ئىچىدىكى «مەيدانى مۈجمەل»، «ئىككى يۈزلىمىچى» كىشىلەرنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدىكى سۆزلىرىدىن كېيىن يۈز بەردى.
دائىرىلەر بۇنىڭدىن ئاۋۋال خوتەن شەھىرى ۋە قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ج خ سىستېمىسىدىكى 6 نەپەر ئۇيغۇر كادىرنى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ ئۇيغۇر نازىرىنى بىر تەرەپ قىلغان. ئۇلار «ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان» دېگەن سەۋەب بىلەن ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ، تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان ئىدى.
چەتئەلدىكى بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ ھادىسە چېن چۈەنگونىڭ زەربە بېرىش نىشانىنى ئوخشىمىغان پىكىردىكى ئۇيغۇر كادىرلىرىغا قاراتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. كانادادا تۇرۇشلۇق خىتاي ئۆكتىچى، خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شېڭ شۆ خانىم، ئۇنىڭ مەقسىتى، بىر قىسىم ئۇيغۇر كادىرلارنى جازالاپ، قالغان ئۇيغۇر كادىرلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
شېڭ شۆ مۇنداق دەيدۇ: «ھازىرقى بۇ ھادىسە ئىككى نەرسىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇنىڭ بىرى، ئۇلار ۋەزىيەتنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بارغانسېرى ھېس قىلىشقا باشلىدى. بۇ ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا تەھدىت سېلىش نۇقتىسىغا بېرىپ يەتتى. شۇڭا، ئۇ يەرلىك ئۇيغۇرلار ئىچىدە توخۇنى ئۆلتۈرۈپ مايمۇننى قورقۇتماقچى بولۇۋاتىدۇ. نەتىجىدە، جۇڭگو كومپارتىيەسى ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىچىدىكى ئۇنىڭغا گۇمان بىلەن قارايدىغان ئۇيغۇر كادىرلارغا قول سېلىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ مەقسىتى بۇ ئارقىلىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى قوللايدىغان ياكى ئۇنىڭغا ياردەم ۋە ھېسداشلىق قىلىدىغان، كومپارتىيىگە بەك چوڭ ئۈمىد باغلىمايدىغان، ئۇنىڭغا سادىق بولمىغان ئۇيغۇر كادىرلارغا ھەيۋىسىنى كۆرسىتىپ قويۇشتۇر.»
بىراق شېڭ شۆ خانىمنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل زەربە بېرىشنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئويلاپ باقمىغان بەزى ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بار ئىكەن. ئۇ، ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى بارلىق ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ ئۇنىڭغا قارشى سەپكە ئىتتىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شېڭ شۆ مۇنداق دەيدۇ: «بىراق، ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى باشقا بىر خىل نەتىجە كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئۇ بولسىمۇ پۈتۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى، جۈملىدىن بارلىق ئۇيغۇرلارنى جۇڭگو كومپارتىيەسىگە ئۈمىد باغلايدىغان خام-خىيالدىن پۈتۈنلەي ۋاز كەچتۈرىدۇ. ھۆكۈمەت بىلەن ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئوتتۇرىسىدا كۆرۈكلىك رول ئوينايدۇ دەپ قارالغان بۇ كىشىلەر، ھەتتا جۇڭگو ھاكىمىيىتىگە خىزمەت قىلىۋاتقان كىشىلەرمۇ ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلاشتىن يانىدۇ. بۇ ئەھۋال پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنى (خىتاي ھۆكۈمىتى) گە قارشى سەپكە، دۈشمەنلىشىشكە ئىتتىرىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ئەھۋالنىڭ ئۇزۇن مەزگىلدىن ئالغاندا جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە ئېلىپ كېلىدىغان تەھدىتى تېخىمۇ زور.»
2016-يىلى 28-دېكابىر يۈز بەرگەن قاراقاش ناھىيەلىك پارتكومغا ئاپتوموبىللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە 5 ئادەم ئۆلگەن. ئۆلگەنلەرنىڭ 4 نەپىرى ھۇجۇمچى ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ھۇجۇمچىلارنىڭ كىملىكىنى ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما ھۇجۇمچىلارنىڭ بىرىنىڭ ياۋا يېزىسى جىھانباغ كەنتىنىڭ تۇرغۇنى ئابدۇلېتىپ مەتقۇربان، قالغان ئىككى نەپىرى جۈمەبازار كەنتىنىڭ ئاكا-ئۇكا تۇرغۇنى-توختىمەمەت تۇرسۇننىياز بىلەن نۇرمەمەت تۇرسۇننىياز ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى.
ھاكىمىيەت ئىچىدىكى ئوخشىمىغان پىكىردىكى ئۇيغۇر كادىرلارغا زەربە بېرىش چېن چۈەنگونىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مۇقىملىقنى قوغداش نامىدىكى بىر قاتار سىياسەتلىرىنىڭ بىر ھالقىسى. ئۇ، ئۇيغۇر رايونىدا قۇلايلىق ساقچى پونكىتى قۇرۇش، تۇغقاندارچىلىق سىياسىتى، پاسپورت يىغىش، مەسچىتلەرنى چېقىش، ئاپتوموبىللارغا ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى ئورنىتىش، تېررورلۇققا قارشى قەسەم بېرىش مۇراسىملىرىنى ئۆتكۈزۈپ، قوراللىق كۈچ كۆرسىتىش، تېررورلۇق ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنى مۇكاپاتلاش قاتارلىقلار سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ كەلدى.
لېكىن شېڭ شۆ خانىمنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ سىياسەتلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر بىلەن خىتايلارنى ئۆز -ئارا دۈشمەنلىشىشكە ئېلىپ ماڭماقتىكەن. ئۇ، ئەگەر بۇ خىل دۈشمەنلىك شەكىللەنسە، ئۇنىڭ يۇمشىشىغا ئۇزۇن يىللار كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدا ئۆز -ئارا ئىختىلاپ، زىددىيەت، ئۆز -ئارا ئۇرۇشۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. بۇ ناھايىتى تەبىئىي ئەھۋال. ئەمدى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىمۇ بۇ ئەھۋاللار بولىدۇ. بىراق ئۇ پەقەت بىر خىل شەكىل، ئۇ ھەرگىز ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى ماھىيەتلىك نەرسە ئەمەس. بىراق كومپارتىيەنىڭ بۈگۈنكى بۇ خىل ھۆكۈمرانلىقى، ئىككى مىللەتنى تۈپتىن دۈشمەنلىشىشكە ئېلىپ كېتىۋاتىدۇ. ئەگەر بۇ دۈشمەنلىك بىر شەكىللەنسە، ئۇنىڭ يۇمشىتىشقا ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ. شۇڭا، كومپارتىيە ھازىر ئەمەلىيەتتە يۈز يىللىق، مىڭ يىللىق بىر پاتقاقنى پەيدا قىلىۋاتىدۇ. چۈنكى، خەلقلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز -ئارا نەپرەت پەيدا قىلغان قىرغىنچىلىق نەچچە ئەۋلادقا تەسىر قىلىدۇ.»