خوتەندىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يەرگە ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقى تارتىۋېلىنماقتا

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2017.09.13
ghulja-qaradong-yeza-baykol-etiz-yer-aghdurush.jpg نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن يېرىم كېچىدە ئاغدۇرۇۋېتىلگەن غۇلجا شەھىرى قارادۆڭ يېزا بايكۆل كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق دېھقان تۇرسۇن تۇرغۇننىڭ 8 مو بۇغدايلىقىدىن كۆرۈنۈش. 2013-يىلى 17-ماي.
RFA

خوتەن گېزىتىنىڭ 8-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا خىتاي دېھقانچىلىق مىنىستىرلىقى يېزىلاردىكى ھۆددە يەرلەرنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش تارقاتقان. مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا ھەر قايسى جايلار يېزىلاردىكى ھۆددە يەرلەرنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش خىزمىتىنى تېزلىتىپ، 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن بۇ ۋەزىپىنى تاماملىشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن. يەرلىكتىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلار مەزكۇر سىياسەتنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى خىتاي ھۆددىگەرلەرگە ئەرزان باھادا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى، شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ يېزا تېرىلغۇ يەرلىرىنى مەجبۇرىي يوسۇندا ئۆز ئىلكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىشنى قانۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن چىقىرىلغانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە.

«خوتەن گېزىتى»گە بېسىلغان «دېھقانچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ يېزىلاردىكى ھۆددە يەرلەرنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش، تىزىملاش ۋە كىنىشكا تارقىتىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» دا «يەر ئىگىدارلىق ھوقۇقى، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى ۋە باشقا تۈرلۈك ھوقۇقلىرىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە بېكىتىش-ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش دەپ ئاتىلىدۇ. ھەر بىر پارچە يەرنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكى يەرنى تىزىملاشقا ئىلتىماس قىلىش، يەر تەۋەلىكىنى تەكشۈرۈش، ۋە بېكىتىش، رويخەتكە ئېلىپ تىزىملاش، يەر كىنىشكىسى تارقىتىش قاتارلىق تەرتىپلەر ئارقىلىق ئاندىن ئەڭ ئاخىرىدا ئېتىراپ قىلىنىدۇ ۋە بېكىتىلىدۇ. بۇ، يەرنىڭ دېھقانلارنىڭ ‹مۇقىم مۈلكى› گە ئايلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ،» دېيىلگەن شۇنداقلا «دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يېرى دۆلەت تەرىپىدىن باشقا ئېھتىياج ئۈچۈن ئېلىۋېلىنسا ياكى ئىشلىتىلسە، بەلگىلىمە بويىچە دېھقانلارغا تولۇقلىما بېرىلىدۇ،» دەپ ئىزاھلانغان.

ئىلگىرى ئىگىلىگەن مەلۇمات ۋە ئىنكاسلاردىن خوتەن ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ ئوخشاش يەرلىك دېھقانلارنىڭ يەرلىرى، ئۆي زېمىنلىرىنىڭ يوقىلاڭ باھانىلەر بىلەن ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئەرزان باھادا سېتىشقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى ھەتتا زورلۇق بىلەن تارتىۋېلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.

ئۇنداقتا، بۇ يېڭى سىياسەت ئۇيغۇرلار 30 يىللىق توختام بىلەن ھۆددىگە ئېلىپ تېرىپ كېلىۋاتقان يەرلىرىنىڭ بۇندىن كېيىن يېڭى يەر ئىگىلىرىنىڭ قانۇنلۇق مۇقىم مۈلكىگە ئايلاندۇرۇلۇدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟ بۇندىن كېيىن دېھقانلار يەرلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرىمىسىمۇ بولامدۇ؟

بۇ ھەقتە ئېنىق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن خوتەن ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەتكە تېلېفون قىلدۇق. تېلېفوننى ئالغان خادىم بۇ خىزمەتكە يەر باشقۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇل ئىكەنلىكىنى دېگەندىن باشقا جاۋاب بەرمىدى.

خوتەن ۋىلايەتلىك يەر زېمىن باشقۇرۇش ئىدارىسىگە تېلېفون قىلدۇق، تېلېفوننى ئالغان خىتاي خادىم، يەر تەۋەلىكىنى بېكىتىش كىنىشكىسىغا قەيەردىن ئىلتىماس قىلىشنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ بۇ خىزمەتنىڭ تۇنجى قېتىم بۇلتۇردىن باشلاپ ئىشلىنىۋاتقانلىقىنى، ئۆزىمۇ ئىلگىرى بۇنىڭغا قاتناشقانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما تېلېفوننىڭ «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى» مۇخبىرىدىن كەلگەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، بۇ ئىشلارغا ئېنىق چۈشەندۈرۈش بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «دېھقانچىلىققا مەسئۇل كادىرلارنى ئىزدەڭ» دەپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

بۇ ھەقتە خوتەندىكى يەرلىك دېھقانلاردىن مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشتۇق. لوپ ناھىيىسىنىڭ مەلۇم يېزىسىدىن تېلېفوننى ئالغان بىر دېھقان ئايال، يېقىندا كەنت كادىرلىرى كىرىپ قولىدىكى يەرلەرنى تىزىملاپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، «يالغۇز ئىكەنسەن، بۇ يەرلەرنى تېرىمايدىكەنسەن، پايدىلانمايدىكەنسەن» دەپ 3 مو يېرىنىڭ 2 موسىنى ئايدا 60 سوم تۇرمۇش كاپالەت پۇلى بېرىپ تارتىۋالغانلىقىدىن شىكايەت قىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يېڭى قارارى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىنمۇ، يەرلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ يۇقىرىقى ئۇقتۇرۇش بويىچە يەرلىرىدىن ئايرىلغان، مەنپەئەتى، ھەق-ھوقۇقلىرى ئېغىر دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغان دېھقانلارنىڭ ھوقۇقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، يەرگە ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى قوغداشنىڭ ئورنىغا، دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى بولمىغۇر ۋاسىتىلەر بىلەن تارتىۋېلىشنى يەنىمۇ جىددىي ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى. بىز قاراقاش ناھىيەلىك ھۆكۈمەتكە تېلېفون قىلىپ، ئاممىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقان بۇ مەسىلىنى ئىزاھلاپ بېرىشنى سورىدۇق.

تېلېفوننى ئالغان بىر نۆۋەتچى كادىر بۇ ئۇقتۇرۇشىنىڭ بۇلتۇر 10-ئايدىلا چۈشكەنلىكى ۋە بۇ يىل يېڭى يىلنىڭ ئالدىدا خىزمەتنى تاماملاشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، خەلقنىڭ بۇ ھەقتە نارازىلىقى بارلىقىنى ئىنكار قىلدى. بۇ كادىرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ناھىيەنىڭ يوليورۇقى بويىچە، كەنتلەر كوللېكتىپ ئىگىلىكىدىكى تاشلاندۇق يەرلەرنى ھۆكۈمەتنىڭ كېڭەيتىش قۇرۇلۇشلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئىكەن. كەنتنىڭ قالدۇق يەرلىرىدە بەزى دېھقانلارنىڭ شەخسى يەرلىرى چىقىلىپ كەتكەن بولسا، ئاممىنى رازى قىلىش ئۈچۈن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ھۆكۈمەتتىن دېھقانلارنىڭ قولىدىن تەڭشەپ ئۆتكۈزۈۋالغان يەرلەرگە ھەق بېرىش ھەققىدە ھېچقانداق يول يورۇق بولمىغاچقا، دېھقانلارنى قايىل قىلىش ئۈچۈن 9-ئاينىڭ 20-گىچە بۇ خىزمەتنى داۋاملىق ئىشلەشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇنىڭدىن 2-3 يىل ئىلگىرىمۇ، قاراقاشتىكى دېھقانلار، قولىدىكى تېرىلغۇ ۋە باغۋەنچىلىك قىلىۋاتقان يەرلەرنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن مەجبۇرىي ھالدا تارتىۋېلىنغانلىقى، دائىرىلەرنىڭ بۇ يەرلەرگە مۇۋاپىق ھەقمۇ بەرمەي، دېھقانلارنى رازى قىلمىغاننىڭ ئۈستىگە ياڭاق دەرەخلىرىنىمۇ قوشۇپ تارتىۋالغانلىقى ھەققىدە شىكايەت قىلغان ئىدى.

دېمەك، نۆۋەتتىكى جايلاردا جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقان يەرلەرنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش خىزمىتىنىڭ پەقەتلا يەنىمۇ كۆپلىگەن دېھقانلارنىڭ يەرلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن دېھقانلارنىڭ يەرلىرىدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىغا قانۇنىي ھۆججەت تەييارلاۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.