رابىيە خانىم: خىتاينىڭ قاتتىق زەربە بېرىش دېگىنى ئەمەلىيەتتە ئىنتىقام ئېلىش دولقۇنى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2015.05.27
yashlarni-terbiyelesh-rabiye.jpg د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىناسىدا د ئۇ ق يېڭى بىر نۆۋەتلىك ياش ئاكتىپلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى. 2015-يىلى 6-ماي، ۋاشىنگتون.
RFA

خىتاي مەتبۇئاتلىرى ئۇيغۇر رايونىدا ئۆتكەن يىلى 22-مارتتىن كېيىن باشلانغان قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى داۋامىدا 181 ئاتالمىش تېررورلۇق گۇرۇھىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ۋە زەربە بېرىش دولقۇنىنىڭ غەلىبە قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم رادىئومىزدا سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ مەزكۇر بايانلىرىغا پوزىتسىيە بىلدۈردى، رابىيە خانىم سۆزىدە ئالدى بىلەن ئۇيغۇر رايونىدا بۇلتۇر داۋام قىلغان قاتتىق زەربە بېرىش دولقۇنىنىڭ ماھىيەتتە بۇلتۇر يۈز بەرگەن ئەتىگەنلىك بازار ۋەقەسى سەۋەبلىك خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىدىن ئىنتىقام ئېلىش دولقۇنى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. رابىيە خانىم يەنە خىتاينىڭ 181 تېررورلۇق گۇرۇھى دېگەن مەلۇماتىغا قارىتا ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن پىكىر بايان قىلىپ، بۇ مەلۇماتنىڭ ماھىيەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى مەسىلىسى ئەمەس، خەلقاراۋىي بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى ۋە دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ ئارىلىشىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

سوئال: خىتاي بۇلتۇر 22-ماي ئەتىگەنلىك بازار ھۇجۇمىدىن كېيىن باشلىغان قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە 181 تەشكىلاتنى بايقاپ بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى، غەلىبە قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭغا قارىتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چۈشەنچىسى نېمە؟

جاۋاب: بۇنى مەن 22-ماي ئەتىگەنلىك بازار ھۇجۇمى سەۋەبلىك خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇرلاردىن ئىنتىقام ئېلىش دولقۇنى ۋە بۇ دولقۇننىڭ ئاتالمىش غەلىبىسىنى تەبرىكلەش باياناتى دەپ چۈشىنىمەن. چۈنكى خىتاينىڭ ئۆز خەۋەرلىرىدە دېيىلگىنىدەك، بۇ قاتتىق زەربە بېرىش دولقۇنى 22-ماي ۋەقەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئەمما جازالانغان ئاتالمىش 181 تېررورلۇق گۇرۇھىنىڭ 22-ماي ۋەقەسى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق. دېمەك ئايانكى، خىتاي 22-ماي ۋەقەسىنى پەيدا قىلغان 5 ئۇيغۇر سەۋەبلىك، پۈتۈن بىر ئۇيغۇر مىللىتىگە بىر يىل بويىچە قاتتىق زەربە بەردى. بۇ قىلمىشنى زامانىۋى بىر دۆلەت، زامانىۋى بىر مىللەت غەلىبە دەپ قارىمايدۇ، ئۇنى تەنتەنە قىلمايدۇ. چۈنكى، بىر گۇرۇپپىنىڭ ھەرىكىتى ئۈچۈن پۈتۈن بىر مىللەتتىن ئىنتىقام ئېلىش، مەيلى قانۇنىي، مەيلى ئەخلاقىي، مەيلى سىياسىي نۇقتىدىن ئىجابىي بىر نەتىجە ئەمەس، بۇ خىل ئىبرەتلىك بىر نەتىجىنى غەلىبە دەپ داۋراڭ سېلىش، شەرقى تۈركىستان ۋەزىيىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتىدىن ئەندىشىلىنەرلىك سىگناللارنى بېرىدۇ.

سوئال : مەسىلەن قانداق سىگناللار؟
جاۋاب: ئىنتىقام، بولۇپمۇ بىر گۇرۇپپىنىڭ قىلمىشى ئۈچۈن بىر مىللەتتىن ئىنتىقام ئېلىش، مەۋجۇت مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ، ئەكسىچە تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرىدۇ، مۇرەككەپلەشتۈرىدۇ. بۇ ئىنتىقام دولقۇنىنىڭ نەتىجىسى پەقەت خىتاي مىللىتى ئىچىدىكى بىر قىسىم مىللەتچىلىك جەھەتتىن ئەسەبىي قاراشتىكى شەخس ۋە گۇرۇپپىلارغا تەسەللى بېرىشى مۇمكىن، ئەمما خىتاي مىللىتىنىڭ ئومۇمى مەنپەئەتىگە خىلاپ، بۇ تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ يىلتىزىغا ئۈستى-ئۈستىلەپ پالتا ئۇرۇش، خىتاي ئەنە شۇنداق قاتتىق زەربە بەرگەندىن، ھەتتا ئاتالمىش غەلىبىسىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىنمۇ شەرقى تۈركىستاندا تا بۈگۈنگىچە بېسىقمايۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرى بۇنىڭ بىر كىچىك مىسالى، شەرقى تۈركىستان ۋەزىيىتىدىكى بارغانسېرى يامانلىشىشنىڭ ئېنىق سىگنالى.

سوئال: خىتاي تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان 181 تېررورلۇق گۇرۇھى بىر تەرەپ قىلىندى، دېگەن سانلىق مەلۇماتقا قانداق قارايسىز؟
جاۋاب: خىتاي بۈگۈن 181 تېررورلۇق گۇرۇھىنى بىر تەرەپ قىلدۇقمۇ دېيەلەيدۇ، 1800 نىمۇ دېيەلەيدۇ، 18000 نىمۇ دېيەلەيدۇ، چۈنكى خىتايدا بۈگۈن كۈچ بار، ئادالەت يوق، ساقچى بار، سوت يوق، بۇنىڭ ئۈستىگە ئەركىن ئاخبارات يوق، مۇستەقىل تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى يوق، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ سىياسىي مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كۆرگەن ھەرقانداق سان، ھەرقانداق مەلۇماتنى بېرىش ئىمكانىغا ئىگە؛ ئۇنىڭ مەلۇماتىدىكى خاتالىقلارنى، ساختىلىقلارنى سۈرۈشتە قىلىدىغان بىر ئورگان خىتاي دۆلىتى ئىچىدە يوق، خەلقئارادا بار بولسىمۇ، خىتايغا نىسبەتەن كۈچسىز ۋە پاسسىپ؛ شۇڭا خىتاي ھېچقانداق بىر پاكىت، ھېچقانداق بىر تەپسىلات، ھېچقانداق بىر تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى كۆرسەتمەي تۇرۇپ، 181 گۇرۇپپا تېررورلۇق تەشكىلاتى بار دېيەلىدى.

سوئال: دېمەك، خىتاينىڭ مەزكۇر مەلۇماتىغا گۇمان بىلەن قارايدىكەنسىز، ئۇنداقتا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ ھەقتە ئۆز ئالدىغا ئېلىپ بارغان بىر تەكشۈرۈش نەتىجىسى بارمۇ؟
جاۋاب: كونكرېت سانلىق مەلۇماتىمىز يوق، ئەمما قاتتىق زەربە بېرىشنىڭ قانداق داۋام قىلغانلىقى، كىملەرنىڭ ھۇجۇم نىشانى بولغانلىقى جەھەتتە ئومۇمى مەلۇماتىمىز بار. دۇنيادا ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە بىردىن‏-بىر مۇستەقىل خەۋەر بېرىۋاتقان ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ خەۋەرلىرى ۋە ئۆزىمىزنىڭ ۋەتەن ئىچىدىكى ئالاقە تورلىرىمىزدىن ئىگىلىشىمىزچە، قاتتىق زەربە بېرىشتە زەربە نىشانى بولغانلار 4 تۈرلۈك كىشىلەر 1) گۇناھسىزلىقى بۇرۇن تەكشۈرۈلۈپ قويۇپ بېرىلگەن سابىق گۇماندارلار، 2) جازا مۇددىتىنى تۈگىتىپ قويۇۋېتىلگەن سابىق مەھبۇسلار، 3) ھۆكۈمەتنىڭ ئېغىر زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ۋە بۇ سەۋەبتىن ھۆكۈمەت ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ يۈرگەن ئەرزدارلار، 4) ھۆكۈمەت چەكلىگەن خەۋەر-ئۇچۇر ماقالىلەرنى قول تېلېفون ۋە كومپيۇتېرلىرىدا كۆرگەن، ساقلىغانلار؛ يەنى ئەركىن ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئەقەللىي ئىنسانىي ھەققىنى بىلىپ-بىلمەي پايدىلىنىپ قالغانلار، بۇ قېتىمقى ئىنتىقام دولقۇنىدا جازالانغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئىگىلەيدۇ؛ خىتاينىڭ 96% گۇماندارنى پىلان ھالىتىدە بىر تەرەپ قىلدۇق دېگىنىمۇ، ئەمەلىيەتتە دەل ئاشۇ نۇقتىنى كۆرسىتىدۇ.

سوئال: سىزچە نېمە ئۈچۈن خىتاي زەربە بېرىش نىشانىنى بۇنداق كېڭەيتىدۇ؟
جاۋاب: خىتاي دائىرىلىرى 22-ماي ۋەقەسىنىڭ جىددىيچىلىكىدە قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى ئېلان قىلدى، ئەمما خىتاي ساقچىلىرى زەربە بېرىش نىشانىنى بېكىتىشتە قىينالدى،، چۈنكى پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ دەردى بىر، ئارزۇسى بىر، ئۇ بولسىمۇ، خىتاي ھاكىمىيىتىدىن، خىتاي زۇلۇمىدىن قۇتۇلۇش، ئەركىنلىككە ئېرىشىش؛ شۇڭا خىتاي ساقچىلىرى بۇيرۇقنى ئورۇنداش ئۈچۈن ۋەقە تۇغدۇرۇش ئېھتىمالى بار گۇماندارلارنى تېپىپ ئەمەس، ياساپ چىقتى، يۇقىرىقىدەك يوللار بىلەن. مەسىلەن 5-ئىيۇل ۋەقەسىدە بالىسى غايىب بولۇپ كەتكىنى ئۈچۈن ئەرز قىلىۋاتقان پاتىگۈل غۇلام 28-ماي كۈنى، بالىسى قاراقچى زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان نۇرۇنگۈل توختى، 3-ئىيۇن كۈنى تۇتقۇن قىلىندى. بىر دۆلەت ئۆز ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى بىر مىللەتنى دۆلەتنىڭ دۈشمىنى دەپ قارىغان ۋاقتىدا، ئەلۋەتتە زەربە بېرىش نىشانى مانا مۇشۇنداق كېڭىيىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ كېڭىيىش يېڭى ئەھۋالمۇ ئەمەس، ۋاڭ لېچۈن 10 نەچچە يىل داۋام قىلغان قاتتىق زەربە بېرىش دولقۇنىدىمۇ زەربە يېگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئەمەلىي قارشىلىق كۆرسەتكەنلەر ئەمەس، پەقەت ھۆكۈمەت بىلەن ئوخشاش ئوي پىكىردە بولمىغانلار ئىدى.

سوئال: ئۇنداقتا سىز، خىتاي ئېلان قىلغان 181 تېررورلۇق گۇرۇھى دېگەن مەلۇماتنى مۇبالىغە ياكى مەنتىقسىز دەپ قارامسىز؟
جاۋاب: ئالدى بىلەن ئەسكەرتىدىغىنىم، خىتاينىڭ تېررورچى دېگىنىنى مەن ھۆكۈمەت بىلەن قارشىلاشقۇچى دەپ چۈشىنىمەن. مۇشۇ خىل چۈشىنىش بويىچە، ئەگەر شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىق ۋە غەزىپىنى نەزەردە تۇتساق، مەزكۇر 181 دېگەن سان مۇبالىغە ئەمەس، بەلكى كەم. شەرقى تۈركىستاندا 10 نەچچە يىلدىن بېرى يىلدا 3 ئاي داۋام قىلىۋاتقان قاتتىق زەربە بېرىش دولقۇنى ۋە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئويلىغىنىمىزدا، بۇ 181 دېگەن سان مۇمكىنسىز ۋە ئەقىلگە ئۇيغۇن ئەمەس. ئەمما قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بۇ سان ئىنتايىن مۇھىم بىر سان، مەن دۇنيا جامائىتىنى بۇ سانغا دىققەت قىلىشقا، بۇ ساننىڭ ئارقىسىدىكى رېئاللىقنى كۆزىتىشكە، ئويلىنىشقا دەۋەت قىلىمەن. چۈنكى خىتاينىڭ شۇ مەلۇماتى راست دەپ قارالغاندا، بۇ يەردە قورقۇنچلۇق بىر مەنزىرە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ: بىر دۆلەتنىڭ بىر رايونىدا بىر يىل ئىچىدە 181 تېررورلۇق گۇرۇھى بايقالسا، بۇ دۆلەتنى، بۇ رايوننى قانداقمۇ تىنچ ۋە بىخەتەر دۆلەت دېگىنى بولىدۇ؟ بىلىشىمچە، دۇنيادا قارا تىزىملىكتىكى تېررور گۇرۇھلىرىنىڭ سانىمۇ 180دىن كۆپ ئەمەس؛ ئەگەر رېئاللىق شۇنداق بولسا، بۇ چوڭ خەۋپ-خەتەرنىڭ مەنبەسى مەيلىي دىنىي، مەيلى سىياسىي، مەيلى ئىقتىسادىي بولسۇن، دۇنياغا ئاشكارىلىنىشى ۋە جىددىي ئويلىشىشى كېرەك، يالغۇز خىتاي ئەمەس، پۈتۈن دۇنيا باش قاتۇرۇشى كېرەك.

سوئال: ئۇيغۇر مەسىلىسىدە بۈگۈن دۇنيادىن ئۈمىد قىلىدىغىنىڭىز نېمە؟
جاۋاب: ئۇيغۇر مەسىلىسى، قوشنىدارچىلىق سەۋەبى بىلەن بۈگۈن ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا، رايونداشلىق مۇناسىۋىتى بىلەن شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا، دىنىداشلىق مۇناسىۋىتى بىلەن ئوتتۇرا شەرق، ئىنساندارچىلىق نۇقتىسىدىن ياۋروپا، ئامېرىكا ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرىگە چېتىلىدىغان چوڭ مەسىلە، مەن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، دۇنيا جامائەتچىلىكىدىن ئۈمىد كۈتۈشتە رېئالىست، شۇڭا بىز بۈگۈن باشقا دۆلەتلەردىن ئارتۇقچە ئۈمىد كۈتەلمەيمىز، پەقەت مەسىلىنى ئۇلارنىڭ ئىنساپىغا تاپشۇرىمىز، ئەمما بىز خىتايغا تايانمىسىمۇ، ئۆز خەلقىنى بېقىپ كېتەلەيدىغان ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە ئۆزلىرىنىڭ قىممەت قارىشىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش نۇقتىسىدىن بولسىمۇ، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئارىلىشىشقا، خىتاي ئۆزىدىكى مەۋجۇت مەسىلىلەرنى ئىقرار قىلىشقا مەجبۇر بولغان بۈگۈنكىدەك پۇرسەتلەردە، ئېنىق ۋە ھەققانىي پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە دەۋەت قىلىمىز، مەنچە ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ خىتايغا مۇنداق بىر سوئال قويىدىغان ۋاقىت كەلدى:
مىللەتلەر سىياسىتىمىز ئادىل، دۆلىتىمىزدە مىللەتلەر ئىناق -ئىتتىپاق، ئۇيغۇر رايونى چوڭ جەھەتتىن تىنچ ۋە مۇقىم دېگەن ئىدىڭلار، پۇقرالىرىمىزنى مەبلەغ سېلىشقا، ساياھەت قىلىشقا دەۋەت قىلغان ئىدىڭلار، بۇنچە جىق تېررورچىلار نەدىن ۋە قانداق پەيدا بولدى؟ مەنچە خىتايغا دوست دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا ھەقىقىي دوستلۇقىنى ئىپادىلەيدىغان ۋاقىت كەلدى، دوستلىرى دېيىشى كېرەككى: مەۋجۇت مەسىلە باستۇرۇش بىلەن تۈگىمەيدۇ، ئىنسان قورقۇتۇش بىلەن تىنچلانمايدۇ، تىنچ دۇنيانى ئورتاق بەرپا قىلايلى، سەن دۆلىتىڭدىكى ئەڭ چوڭ ۋە جىددىي مەسىلە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىل.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.