زەينىدىن تۇرسۇن ئەپەندى ئۆزى تۇرۇۋاتقان شەھەردىكى «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى» غا ئەزا بولدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىي
2016-10-06
Share
zeynidin-tursun-amnesty.jpg زەينىدىن تۇرسۇن ئەپەندى ئۆزى تۇرۇۋاتقان شەھەردىكى «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى» غا ئەزا بولدى. 2016-ئۆكتەبىر، گوللاندىيە.
RFA/Pida’iy

مۇھاجىرەتتىكى مەسئۇلىيەتچان ئۇيغۇرلار ئۆز-ئارا تەشكىلاتلىشىش ۋە جامائەتلىشىش يولى بىلەن ئىچكى جەھەتتە ئورتاقلىق ھاسىل قىلىشقا تىرىشىپلا قالماي، ئۆزلىرى ياشاۋاتقان يەرلەردىكى تەشكىلاتلارغىمۇ ئەزا بولۇپ كىرىپ، سىرتقى جەھەتتىكى تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىشكىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتە.

گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان زەينىدىن تۇرسۇن ئەپەندى خىزمەت ئېھتىياجلىرىنىڭ جىددىيىتىگە باقماي تېرىشىپ، ئۆزى تۇرۇۋاتقان شەھەردىكى «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى» غا ئەزا بولۇپ كىرگەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان زەينىدىن ئەپەندى، بۇنىڭغا ئوخشاش تەشكىلاتلاردىمۇ ئۇيغۇرلۇق نامى بىلەن بىر كىشىلىك ئورۇن ئېلىشنىڭ، ئۇيغۇر دەۋاسىنى تونۇتۇش ۋە يوللۇق پۇرسەتلەردە ئۇنىڭ رولىدىن پايدىلىنىشتا ئىمكانلار كۆپ بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باشقا ۋەتەنداشلىرىنىڭمۇ بۇ ساھەگە سەل قارىماي، ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان رايونلاردىكى ئورۇنلارنى قولغا كەلتۈرۈشكە چاقىردى.

يېقىندا ئۇ، ئۇزۇندىن بېرى پىلان قىلغان بۇ قەدىمىنىڭ غەلىبىلىك باشلانغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتىكى ئويلىغانلىرى ۋە مەقسەت-غايىلىرىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

د ئۇ ق نىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردا خىزمەت قىلىشنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىنى تونۇتۇش ۋە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشتا كۆپ پۇرسەتلەرگە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت