ئامېرىكادا سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسى تاپشۇرغان ئۇيغۇرلار كوللېكتىپ تەلەپ نامايىشى ئۆتكۈزدى

0:00 / 0:00

ئامېرىكا كۆچمەنلەر سىياسىتىدىكى بىر مەزمۇن ئوخشىمىغان سىياسىي كۆزقاراش، سىياسىي پائالىيەت، دىنىي ئېتىقاد ياكى كىشىلىك قاراشقا ئىگە كىشىلەر مۇشۇ خىل پىكىر تۈپەيلىدىن مەلۇم ھۆكۈمەتنىڭ باستۇرۇش ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالغاندا، ئۇلارغا سىياسىي پاناھلىق بېرىش ھېساپلىنىدۇ. بۇنىڭدا ئامېرىكا تۇپرىقىدا تۇرۇۋاتقانقان ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئۆزىگە خاس پىكرى ياكى پائالىيىتى ئۇنىڭغا پاسپورت بېرىلگەن دۆلەتتە جازالىنىشىغا سەۋەب بولۇش ئېھتىمالى بولغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇنى بىخەتەر مۇھىت بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.

تولۇقسىز مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن ئون يىل مابەينىدە مۇشۇ خىل شەكىلدە ئامېرىكا ۋەتەن بىخەتەرلىك مىنىستىرلىكى قارمىقىدىكى كۆچمەنلەر ئىدارىسى (USCIS) غا سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسى تاپشۇرغان ئۇيغۇرلار ئىككى مىڭچە بولۇپ، بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى تا ھازىرغىچە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ يۈزتۇرانە كۆرۈشمە ۋاقتىنى بېكىتىپ بېرىشىنى كۈتمەكتە ئىكەن. ئاز ساندىكى ئىلتىماس ساھىبلىرى يۈزتۇرانە كۆرۈشۈشكە چاقىرتىلغان بولسىمۇ، پاناھلىق ئىلتىماسىنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسىنى كۈتۈۋاتقىنىغا بىرنەچچە يىل بولۇپ كەتكەنچە تۇرماقتا ئىكەن.

ئەنە شۇ خىلدىكى سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىسىنى يىل-يىللاپ كۈتۈۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئىككى يۈزگە يېقىن كىشى 2-مارت كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەن ئوندىن ئون ئىككىگىچە ۋاشىنگتون شەھرىدىكى ئامېرىكا ۋەتەن بىخەتەرلىك مىنىستىرلىكى ئالدىدا تىنچلىق نامايىشى تەشكىللەپ، سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسى تاپشۇرغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلتىماسىنى تېزلەشتۈرۈپ بېجىرىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، ئۇيغۇر ھەركىتى قاتارلىق توققۇز تەشكىلات ئورتاق ھەمكارلاشقان بۇ قېتىمقى نامايىش پائالىيىتىدە نامايىش ئىشتىراكچىلىرى «بىز يەنە قانچىلىك كۈتىمىز؟»، «ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق تەلىپى تېزلەشتۈرۈپ بىر ياقلىق قىلىنسۇن»، «ئۇيغۇرلارغا مۇساپىرلىق سالاھىيىتى بېرىلسۇن» دېگەندەك پىلاكاتلارنى كۆتۈرگەنچە مۇشۇ ھەقتىكى تېمىلار بويىچە نۇتۇق سۆزلىدى.

نامايىشچىلار ئامېرىكا ۋەتەن بىخەتەرلىك مىنىستىرلىكىگە تاپشۇرغان مەخسۇس ئىلتىماستا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇرلارغا قارشى جىنايەتلىرى ئەسكەرتىلىش بىلەن بىرگە، ئامېرىكا تۇپرىقىدا پاناھلىق ئىلتىماسى بېسىلىپ قالغان ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن كېلىۋاتقان تۈرلۈك تەھدىتلەر قايتا تەكىتلەنگەن. ھەرقايسى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىردەك ئىمزا قويۇش ئارقىلىق تەستىقلىغان بۇ ئىلتىماستا ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسىنى تېزلەشتۈرۈپ بىر ياقلىق قىلىشنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي مەسىلىلەردىن بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىمۇ ئالاھىدە يەر ئالغان ئىدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسىنى تېزلەشتۈرۈپ بىرياقلىق قىلىش نامايىشى مۇشۇ خىلدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئۆز ئالدىغا تەشكىللىگەن بىر قېتىملىق پۇقراۋىي پائالىيەت بولۇپ، بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇر ياشلىرىدىن زۇلپىقار بۇ ھەقتە تەپسىلىي ئەھۋال تونۇشتۇردى. ئۇنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ ئۇلارنىڭ تۇنجى قېتىملىق نامايىشى ئەمەس ئىكەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى بىرنەچچە قېتىملىق نامايىشتىن كېيىن بىر قىسىم ئۇيغۇرلار كۆرۈشمىگە چاقىرىلغان.

زۇلپىقارنىڭ پىكرىچە، بۇ خىلدىكى ئىلتىماس ساھىبلىرى بولغان ئۇيغۇرلار ئىككى-ئۈچ مىڭچە كىشى بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ خىلدىكى نامايىشلارغا قاتنىشىپ كېتەلمىگەن. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئارىلىقنىڭ يىراق بولۇشىدىن كېلەلمىگەن بولسا، يەنە بىر قىسىملاردا «ئۈژمە پىش، ئاغزىمغا چۈش» دەيدىغان شەكىلدىكى پەرۋاسىزلىقمۇ يوق ئ‍ەمەس ئىكەن. ئەمما كىشىنى خوشال قىلىدىغىنى، نۆۋەتتە بۇ سەپكە قوشۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى بارغانسېرى ئاشماقتا ئىكەن. ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى بۇ ھەقتە بىر تۈرلۈك ئىجرائىيات بۇيرۇقى چىقىرىشقا دەۋەت قىلىش ئۇرۇنۇشلىرىمۇ بۇنىڭدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم خىزمەت بولۇپ قالماقتىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسى بېسىلىپ قالغانلىق سەۋەبىدىن تۇرمۇش ۋە خىزمەت مەسىلىسىدە قاتمۇ-قات مۈشكۈلاتلارغا دۇچ كەلگەن ئۇيغۇرلار خېلى كۆپ ساندا ئىكەن. بۈگۈنكى نامايىش ئىشتىراكچىلىرىدىن رۇستەممۇ ئەنە شۇ خىل ياشلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ قېتىمقى نامايىشقا قاتنىشىشىنىڭ بىر مۇھىم سەۋەبى ئاشۇ خىل كوللىكتىپ چۇقانغا بىر كىشىلىك سادا قوشۇش ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

رۇستەمنىڭ قارىشىچە، بۇ خىلدىكى نامايىش ئىشتىراكچىلىرى ئامېرىكا كۆچمەنلەر ئىدارىسىغا بۇ مەسىلىلەرگە دائىر بەزى تەلەپلەرنى قويۇشى لازىم ئىكەن. بولۇپمۇ بۇ خىل تەلەپلەر نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقاندا تېخىمۇ بەكرەك ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى لازىم ئىكەن.

ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئوبېكتى بولغان ئۇيغۇرلار تاپشۇرغان سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسىنىڭ ئامېرىكا كۆچمەنلەر ئىدارىسىدا بۇنچە ئۇزۇن بېسىلىپ قېلىشى توغرىسىدا سۆز بولغاندا ئامېرىكادىكى سىياسىي پائالىيەتچى، ئۇيغۇر ھەركىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس بۇنىڭدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە ئۆز قارىشىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكى ئۆزگىچە بولغان ھاكىمىيەت قۇرۇلمىسى بۇنىڭدىكى بىر مۇھىم سەۋەب ئىكەن. ئەمما بۇ ھەرگىزمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى «تاشلىۋەتكىنى» ئەمەس ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 2013-يىلىدىن باشلاپ لاتىن ئامېرىكاسى تەرەپتىن كەلگەن غايەت مۇساپىرلار قوشۇنى ئامېرىكا تۇپرىقىدىكى سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسى تاپشۇرغۇچىلارنىڭ سانىنى بىراقلا 300 مىڭدىن ئاشۇرىۋەتكەن بولغاچقا، نۆۋەتتە ئامېرىكا كۆچمەنلەر ئىدارىسى چەكلىك ئادەم كۈچى بىلەن بۇنچە كۆپ ئىلتىماسنى دەماللىققا بىر ياقلىق قىلىشقا ئاجىز كەلمەكتە ئىكەن. شۇ سەۋەبتىن بىر قىسىم ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قانۇن لايىھەلىرىگە مۇشۇ ھەقتە بەزى ماددىلارنى قوشۇش لازىم، دەپ قارىماقتا ئىكەن.