«سىياسىي ۋەزىپە» بىلەن «ئىجادىيەت ۋىجدانى» ئوتتۇرىسىدا تېڭىرقاۋاتقان ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئىتى

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەت بىرلەشمىسىنىڭ 9-قۇرۇلتىيى 27-ئىيۇن كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان. خىتاي مەملىكەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بىلەن خىتاي مەملىكەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى رەئىسىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئۈرۈمچى ۋە قەشقەردە ئېلىپ بارغان «تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلىش» زىيارىتىنىڭ ئارقىسىدىنلا ئېچىلغان بۇ قۇرۇلتاي شۈبھىسىزكى، چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ھەم ئەدەبىياتى ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي شەخسەن ئۆزى بۇ قېتىملىق قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ سۆز قىلغان. ئۇ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەرنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسى» نى قەتئىي ئىجرا قىلىشتا ئۆزلىرىنىڭ تەشۋىقات ساھەسىدىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىنى؛ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» نى تۇرغۇزۇش ۋە «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» خىزمىتىدە ئاكتىپلىق بىلەن كۈچ كۆرسىتىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇ يەنە ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەردىن «خىتاي ھېكايىسى» ۋە «شىنجاڭ ھېكايىسى» نى ئەكس ئەتتۈرۈشنى ئەڭ مۇھىم تېما سۈپىتىدە تۇتۇشنى تەۋسىيە قىلغان.

دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى، شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان شائىر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ما شىڭرۇينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەردىن «خىتاي ھېكايىسى» ۋە «شىنجاڭ ھېكايىسى» نى يېزىشنى تەلەپ قىلىشىغا قارىتا كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇردى. ئۇ، ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ بىر ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئىلىم ھەم ئىجادىيەت پائالىيىتى ئىكەنلىكىنى؛ ئۇنىڭ ھەرقانداق بىر ھۆكۈمەتنىڭ، پارتىيەنىڭ، ھۆكۈمران سىنىپنىڭ ۋە ياكى مەلۇم بىر سىياسىي گۇرۇھنىڭ تەشۋىقات قورالى بولۇپ قالماسلىقىنى؛ ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ ئىجادىيەت پائالىيىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن تولۇق ئەركىنلىككە موھتاج ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرىدە پىكىر، ئىدىيە، كۆز-قاراش ۋە ھېس-تۇيغۇلارنىڭ ئەركىن ھالدا ئىپادىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ 9-قۇرۇلتىيىدا سۆز قىلغان خىتاي مەملىكەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتكومنىڭ سېكرېتارى لى يى، «ھازىرقى زامان خىتاي ھېكايىسى» ۋە «ھازىرقى زامان شىنجاڭ ھېكايىسى» نى يېزىشنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەرنىڭ بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەرنىڭ ئىجادىيەتتە «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» نى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىشىنى، ئۇلارنىڭ ئۆز ئەسەرلىرىدە «ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى تونۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنى تونۇش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تونۇش، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى تونۇش، خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى تونۇش» دىن ئىبارەت «بەشنى تونۇش» نى ئەكس-ئەتتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

شائىر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2017-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكى سەرخىللارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىپ، بۇ ساھەنى قۇرۇقداپ قويغانلىقىنى، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىشىغا رۇخسەت بېرىلگەن ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئۇيغۇرچە ئەدەبىي ژۇرناللارنىڭ پۈتۈنلەي قىپ-قىزىل مەزمۇندىكى سىياسىي تەشۋىقاتلار بىلەن تولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 27-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ 9-قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىردەك، ما شىڭرۈي بىلەن لى يىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، «شىنجاڭ ھېكايىسى» نى يېزىش، «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» ۋە «بەشنى تونۇش» قاتارلىق سىياسىي تەشۋىقات ۋەزىپىلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيەتلىرىدىكى «بۇرچى» ھەم «مەسئۇلىيىتى» دەپ تونۇيدىغانلىقى توغرىلىق ۋەدە بېرىشكەن.

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر فولكلور مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىسى، دوكتور رۇنې سىتېنبېرگ (Rune Stenberg) خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىۋاتقان ئاتالمىش «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» سىياسىتىنىڭ ئەسلىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى كونترول قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە مەتبۇئات-نەشرىياتچىلىق ئىشلىرىنىڭ 2017-يىلى باشلانغان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىن ئىلگىرىكى ئەھۋالى بىلەن ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە سېلىشتۇرما قىلدى.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ مەزكۇر خەۋىرىدە تەكىتلىنىشىچە، ھەرقايسى ۋىلايەت-ئوبلاستلىق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، مەزكۇر قۇرۇلتايدا ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈپ، «خىتاي ھېكايىسى» ۋە «شىنجاڭ ھېكايىسى» نى يېزىش، شۇنداقلا «بەشنى تونۇش» نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر رايونىدا خىتاي ئۇسلۇبىدىكى يېڭىچە ئەدەبىيات-سەنئەت ئاتموسفېراسىنى بەرپا قىلىش توغرىلىق ۋەدە بەرگەن.

ئىسرائىلىيەدىكى خىتاي يازغۇچى تاڭ دەنخوڭ خانىم، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەرنىڭ ھېچقانداق شەكىلدىكى ئىجادىيەت ئەركىنلىكىگە ئىگە ئەمەسلىكىنى، ئەكسىچە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا سىياسىي تەشۋىقات قورالىغا ئايلانغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. تاڭ دەنخوڭ خانىم، ئۆزىنىڭ ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقان بىر يازغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر ۋە ئاۋام خەلقىنىڭ خىتاينىڭ يۇقىرى بېسىملىق ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى داۋامىدا قانچىلىك ئازاب-ئوقۇبەت چېكىۋاتقانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە مەتبۇئات-نەشرىياتچىلىق ساھەلىرىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ قاراڭغۇلۇق بىر دەۋردە تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىش قىيىن ئەمەس. مەن بۇ قاراڭغۇلۇق دەۋرىنى بۇندىن كېيىنمۇ ئۇزۇن بىر مەزگىل داۋاملىشىشى مۇمكىن، دەپ ئويلايمەن. مەن ھازىر تولىمۇ ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە تۇرۇپتىمەن. چۈنكى ئۈمىدنى ھېس قىلالىغۇدەك ھېچقانداق بىر شەپىنى كۆرەلمىدىم. بۇنداق ئېغىر زۇلۇم ئاستىدا قانچىلىك كىشىلەرنىڭ ھاياتلىق ئۈچۈن بۇ رېئاللىقنى قوبۇل قىلىپ ياشاشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن. شۇنداقلا يەنە قانچىلىك كىشىلەرنىڭ مۇشۇنداق قاراڭغۇلۇق ئىچىدىمۇ ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇپ ياشاۋاتقانلىقىنى، كەلگۈسىدە ۋەزىيەتنىڭ قانداق بىر ھالەتكە ئۆزگىرىدىغانلىقىنىمۇ ئويلاپ يېتەلمەيمەن. چۈنكى ئەركىن ياشاشتىن ۋە ئەركىن پىكىر قىلىشتىن مەھرۇم قالغانلىق، ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ ھالاكىتىدۇر!

بۇ يەنە ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدە يورۇقلۇقنىڭ بارغانسېرى ئازىيىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ھالبۇكى، ئۈمىدنى يوقىتىشقا بولمايدۇ، قاراڭغۇلۇق بولغان يەردە يورۇقلۇقنىڭمۇ ھامان بىر كۈنى پەيدا بولىدىغانلىقى مۇقەررەردۇر.»

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان كەڭ كۆلەملىك مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ سۈرئىتى قەدەممۇ-قەدەم تېزلىشىۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە، ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئىتى ۋە مەدەنىيەت دۇنياسىنى قاپلىغان قاراڭغۇلۇق، بۇ ساھەدىكى بىر قىسىم كەسىپ ئەھلىلىرىنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما يەنە بىر قىسىم قەلەم ئىگىلىرى ئۈمىد ئۇچقۇنلىرىنىڭ ھامان چاقنايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.