سوفى رىچاردسون: «خىتايغا قارشى تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان قوشۇن زورىيىۋاتىدۇ»
2020.09.15
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى سوفىي رىچاردسون خانىم نيۇ-يورك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش شتابىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلماقتا. 2020-يىلى 14-يانۋار.
كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت 14-سېنتەبىر كۈنى جەنۋەدە كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 45-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىنىڭ تۇنجى كۈنىدىكى دوكلاتىدا ئۆزىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىشى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىۋانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. ئۇ سۆزىدە «ئۇيغۇر مەسىلىسىدە مېنىڭ ئىشخانام خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ۋەزىيىتى ۋە خىتاينىڭ سىياسەتلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە داۋاملىق سۆزلىشىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ رايوننى زىيارەت قىلىش ھەققىدىكى تەكلىپىگە كەلسەك، بىز زىيارەت شەرتلىرى تەييارلانغان ئەھۋالدا ئېلىپ بېرىلغۇسى زىيارەت ئۈستىدە مۇزاكىرە قىلىۋاتىمىز» دېگەن.
كىشىلىك ھوقۇق كۆزەتكۈچىلىرى مىشېل باچېلېتنىڭ يۇقىرىدىكى سۆزلىرىنى يېتەرلىك ئەمەس دەپ قارىسىمۇ، ھازىرقى ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ يەنىلا كىشىگە ئۈمىد بەخش ئېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى سوفى رىچاردسون خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ «كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارى مىشېل باچېلېتنىڭ سۆزلىرىنى مەن ئۇيغۇرلار ھازىر يۈزلىنىۋاتقان زۇلۇمنىڭ دەرىجىسىنى ئەكس ئەتتۈرمەيدۇ، دەپ قارايمەن. ئۇ زۇلۇمنى يۈرگۈزۈۋاتقان ھۆكۈمەت كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسىنى ئىپادە قىلىشى كېرەك ئىدى» دېدى. بىراق ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى قاتتىق تەكشۈرۈلۈشى كېرەك، دەپ قارايدىغانلارنىڭ بارغانسېرى زورىيىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بىز بۇلتۇردىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە بارلىق كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ئۈستىدىن مۇستەقىل ھالدا چوڭقۇر تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش كېرەك، دەپ تەلەپ قىلىۋاتقان ئەزا دۆلەتلەر، ب د ت ئالاھىدە تەكشۈرگۈچىلىرى ۋە شۇنداقلا مۇستەقىل ئورگانلار قوشۇنىنىڭ بارغانسېرى زورىيىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. ئەگەر بۇ قوشۇن يەنىمۇ زورايسا، يەنىمۇ كۆپ دۆلەتلەر بۇنىڭ مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ۋە ب د ت باش سېكرىتارىنى بۇ مەسىلىدە قوللايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلسا چوقۇم نەتىجە چىقىدۇ، دەپ قارايمەن. چۈنكى بۇنداق بىر تەكشۈرۈشنى باشلاش ئۈچۈن ئۇلار سىياسىي جەھەتتىن ۋە دىپلوماتىك جەھەتتىن قوللاشقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. مەن ھازىر شۇنى كېسىپ ئېيتالايمەنكى، بۇ مەسىلىدە ھازىر خىتاي كۆرۈشنى خالىمايدىغان دەرىجىدە قوللاش شەكىللەندى».
دەرۋەقە، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنىڭ دەرىجىسى ۋە مەقسىتىگە ئائىت دېتاللارنىڭ كۆپلەپ ئاشكارىلىنىشى بىلەن نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زۇلۇمنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ۋە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئاتاش ئومۇملىشىۋاتىدۇ. نۇرغۇن سىياسەتچىلەر ۋە مۇستەقىل ئورگانلار ۋە يەنىمۇ كۆپ دۆلەتلەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى خىتاينىڭ زۇلۇمىنى چەكلەش ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىشقا چاقىرىۋاتىدۇ.
14-سېنتەبىر كۈنىدىكى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارىسا پەينمۇ دەل بۇ نۇقتىنى تەكىتلىگەن. ئۇ كېڭەشنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا تور ئارقىلىق قاتنىشىپ قىلغان نۇتقىدا ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە يەنىمۇ كۆپ ھەرىكەت تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ سۆزىدە «بىز كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى ئەندىشىلىرىمىزنى ئوچۇق ۋە داۋاملىق ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلدۇق، بولۇپمۇ بىز ئۇيغۇرلار يولۇقۇۋاتقان كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان زۇلۇمغا نىسبەتەن يەنىمۇ كۆپ خىزمەتلەر ئىشلىنىشى كېرەك، دەپ قارايمىز» دېدى.
ئۇ يەنە، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى يېقىندىن تەكشۈرۈش ۋە ئۇنى جاۋابكارلىققا تارتىش ئۈچۈن قىلىنىۋاتقان خىزمەتلەرنىمۇ يېقىندىن قوللاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
يېقىندا 60 دىن ئارتۇق دۆلەتتىكى 320 دىن ئوشۇق مۇستەقىل ئورگان ب د ت باش سېكرېتارى ئانتونىيۇ گۇتېرەس، كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارى مىشېل باچېلېت ۋە ئەزا دۆلەتلەرگە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، ئۇلارنى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەكشۈرىدىغان خەلقئارالىق ھەمكارلىق تەشكىللەشكە دەۋەت قىلغان.
سوفى رىچاردسوننىڭ قارىشىچە، ھازىر يەنىمۇ كۆپ دۆلەتلەر ۋە شەخسلەر خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق زۇلۇمىنىڭ ئۆز چېگراسى ئىچىدىلا توختاپ قالمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەن. ئۇ، ھازىرقى مەسىلىنىڭ پەقەت قانداق تەدبىر قوللىنىشتا قالغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەيلى دۆلەتلەر بولسۇن ياكى شەخسلەر بولسۇن خىتاي يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇمنىڭ ئۆزىگىمۇ تەسىر قىلىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. مەسىلەن بىر مايكا ئالسىڭىز، ئۇنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكتىن كەلگەن پاختا ئارقىلىق ياسالغانلىقىنى ھېس قىلىسىز، بىر فىلىم كۆرمەكچى بولسىڭىز ئۇنىڭ زوراۋان ھاكىمىيەتكە رەھمەت ئېيتىۋاتقانلىقىنى بايقايسىز. ئىلمىي تەتقىقاتچى ياكى ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىسى بولسىڭىز مەكتەپتە ئاكادېمىيەلىك پىكىر ھوقۇقلىرىڭىزنىڭ چەكلىنىۋاتقانلىقىنى بايقايسىز. قىسقىسى ئىنسانلار ھازىر بۇنىڭ تەسىرلىرىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتتى. ئەمدىكى گەپ، ئۇلارنىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشىدا!»









