«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ تۇنجى گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2021-05-14
Share
«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ تۇنجى گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى جېففېرى نايىس باشچىلىقىدا قۇرۇلغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى»
Uyghur Tribunal

ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى جېففېرى نايىس باشچىلىقىدا قۇرۇلغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى»  4-ئىيۇندىن 6- ئىيۇنغىچە گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان.

 باياناتتا دېيىلىشىچە مەزكۇر سوت كوللېگىيەسى ئۆتكەن يىلى قۇرۇلغاندىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان. ئۇلار توپلانغان دەلىل-ئىسپاتلار ۋە بۇ قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىندىكى دەلىللەرگە ئاساسەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» جىنايىتى ئۈستىدىن قارار چىقىرىدىكەن.

مەزكۇر كوللېگىيەنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نىكولاس ۋىچ باياناتتا مۇنداق دەيدۇ: «ئاممىۋى سوت مەھكىمىسى مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا نورمال سوت مەھكىمىسى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلالايدۇ. ئۇلار دەلىل- ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ، ھەققىي ئەھۋالنى ئاشكارىلىيالايدۇ.  ھەممىدىن مۇھىم بولغىنى ئۇلار خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدىكى قارارلارنى ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ.»

مەزكۇر كوللېگىيە مۇئاۋىن رەئىسى جېففېرى نايىس مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلارنىڭ (كوللېگىيەنىڭ) دائىم ئىزدەيدىغىنى يۈر بەرگەن ئىشلار ھەققىدە  ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش. ھەقىقەت ئاشكارىلانغاندىن كېيىن ئۇلار بەلكىم تىنچلىققا ئېرىشىشى مۇمكىن.»

ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ تور بېتىدىكى چۈشەندۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، 2020-يىلى 6-ئايدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى جېففېرى نايىس ئەپەندىدىن مۇستەقىل خەلق سوتى قۇرۇپ ۋە ئۇنىڭغا باشچىلىق قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتىلغان ۋەھشىيلىكلىرى « ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نى تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان. بۇ تەشەببۇس بىلەن مەزكۇر كوللېگىيە 2020-يىلى سېنتەبىردە رەسىمى قۇرۇلغان ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا سادىر قىلغان جىنايەتلىرىنى، جۈملىدىن قىيىن-قىستاق، باسقۇنچىلىق، قۇل قىلىش، بالىلارنى ئاتا-ئانىسىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش جىنايەتلىرىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: « خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان جىنايەتلىرى سۈرۈشتە قىلىنىشى كېرەك، جازالىنىشى كېرەك. شۇڭا مەزكۇر سوت كوللېگىيەسى ئورۇنلاشتۇرغان بۇ يېغىن ناھايىتى مۇھىم.»

گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىغا نەق مەيدان قاتناشماقچى بولغانلارنىڭ  توردىن ئالدىن تىزىملىتىشى تەلەپ قېلىنغان.  تىزىملىتىش بېتىدە بېرىلگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا يېغىن 3 داۋاملىشىدىغان بولۇپ، ھەر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ۋە  چۈشتىن كېيىن ئىككى مەيدان جەمئىي 6 مەيدان ئېلىپ بېرىلىدىكەن. يىغىدا گۇۋاھلىق بېرىدىغان شاھىتلارنىڭ لاگېردا يۈز بەرگەن باسقۇنچىلىق، مەجبۇرىي تۇغماس قېلىش قاتارلىق تېمىلاردا گۇۋاھلىق بېرىدىغانلىقى يېزىلغان ئەمما كىملەرنىڭ گۇۋاھلىق بېرىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن.

يىغىنغا تەكلىپ قىلىنغان ئون نەچچە مۇتەخەسسىس ئىچىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مەجبۇرىي تۇغماس قىلىنىشى قاتارلىقلار  ھەققىدە مۇھىم  دوكلاتلارنى ئېلان قىلغان ئادرىيان زېىنىز، ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ تىك سىزىق بىلەن چۈشكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيە ۋە سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى نەيسېن رۇسىر ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۇزۇن يىلدىن بۇيان تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان ئامېرىكالىق ئانتروپولوگ دەررېن بايلىر قاتارلىقلار بار ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت