ئۇيغۇرلار نېمە ئۈچۈن سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشىغا قاتناشقان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2020-05-05
Share
sowet-german-urushi.jpg سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسى دەۋرىدىكى فورما كىيگەن تارىخىي ھەربىي كۇلۇبلارنىڭ ئەزالىرى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا لېنىنگرادنىڭ تولۇق ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 76 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە زەمبىرەك ئېتىش ماھارىتى كۆرسەتمەكتە. 2020-يىلى 27-يانۋار، سانت پېتىربۇرگ، رۇسىيە.
AP

ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرى بۇ يىلى 1941-1945-يىللار ئارىلىقىدا يۈز بەرگەن سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشىدا فاشىزىم ئۈستىدىن قازىنىلغان غالىبىيەتنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلىمەكتە. ئەينى ۋاقىتلاردا سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن گېرمانىيەگە قارشى تۇرغان ئىتتىپاقداش ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە قاتارلىق مەملىكەتلەرمۇ بۇ ۋەقەگە چوڭ ئېتىبار بەرمەكتىكەن.

ئىگىلىشىمىزچە، سوۋېت ئىتتىپاقى تەركىبىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشاۋاتقان قازاق، ئۆزبېك، قىرغىز ۋە باشقىمۇ خەلقلەر بىلەن بىر قاتاردا ئۇيغۇرلارمۇ ئۇرۇش يىللىرى گېرمان ئەسكەرلىرى بېسىۋالغان سوۋېت تېررىتورىيەلىرىنى، شۇنداقلا ياۋروپا ئەللىرىنى ئازاد قىلىش جەڭلىرىگە قاتناشقانكەن. يۈزلىگەن، مىڭلىغان ئۇيغۇرلار شۇ ئۇرۇش مەيدانىدا قۇربان بولغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر يىلى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ بۇ كۈننى خاتىرىلەش ئەنئەنىگە ئايلانغان.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «تۇران» ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، تارىخ پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى زۇلفىيە كارىموۋا خانىم سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشىدا سوۋېت ئىتتىپاقى 20 مىليوندىن ئوشۇق ئادىمىدىن ئايرىلغان بولۇپ، يۈزلىگەن يېزا ۋە شەھەرلەر ۋەيران بولغانلىقىنى، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭمۇ قاتتىق زەرداب چەككەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۇرۇشنىڭ ئالدىنقى يىللىرىمۇ كۆپ سىناقلارغا دۇچ كەلگەنلىكى مەلۇم. سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئەڭ دەھشەتلىك قىرغىنچىلىق 30-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىغا توغرا كېلىدۇ. يەنى سوۋېت ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلگەن سىياسىي تەقىپلەشلەر نەتىجىسىدە باشقا خەلقلەر بىلەن بىر قاتاردا ئۇيغۇرلارمۇ كۆپ ئازاب چەكتى. خەلق ئىچىدىن چىققان كۆپلىگەن دۆلەت، پارتىيە، مەدەنىيەت ئەربابلىرى ئېتىلىپ كەتتى. بۇنى ئاز دېگەندەك، 1941-يىلى باشلانغان سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشى تۆت يىلغا سوزۇلۇپ، مىليونلىغان ئادەم ئۇرۇش مەيدانىدا، بېسىۋېلىنغان شەھەر-يېزىلاردا، لاگېرلاردا ۋاپات بولدى. بۇ ئۇرۇشقا پۈتكۈل سوۋېت خەلقى ئاتلانغانلىقتىن سوۋېت تارىخىدا بۇ ئۇرۇش ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشى دېگەن نام ئالغانىدى. ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان شەھەر ۋە يېزىلاردىن مىڭلىغان ئادەم ئۇرۇشقا ئاتلاندى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن، مەسىلەن، مەسىم ياقۇپوف، سۈلفى لۇتپۇللىن، داداش باباجانوۋ، مۆردۈن تېيىپوف ئۇرۇش مەيدانىدا قەھرىمانلىق كۆرسىتىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قەھرىمانى ئاتىقىنى ئالغان. بۇ سوۋېت ھۆكۈمىتى شۇ ۋاقىتتا تەسىس قىلغان ئەڭ يۇقىرى ئاتاق ئىدى.»

سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشى قاتناشقۇچىلىرى ناھايىتى ئاز قالغانلىقتىن بىز ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىنى زىيارەت قىلدۇق. شۇلارنىڭ بىرى ئالمۇتا شەھىرىدە ياشايدىغان مارس باراتوف ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ دادىسىنىڭ تۆت ئاكىسى، يەنى شېرىپىدىن، ئابدۇجېلىل، زۇنۇن ۋە زەيناۋۇدۇن باراتوفلار ئۇرۇشقا ئاتلىنىپ، ئۇلارنىڭ بىرى ئېغىر يارىدار بولۇپ قايتىپ كەلگەن، قالغانلىرى ئۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشىپ، كېيىنىرەك ئىزسىز يوقاپ كەتكەن ئىكەن. بۇلارنىڭ بارلىقى ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ چېلەك يېزىسىدىن ھەربىي سەپكە چاقىرتىلغان. مارس باراتوف مۇنداق دېدى: «كېيىنكى ۋاقىتتا ئىككىسىنىڭ قەيەردە يەرلەنگەنلىكىنى بىلدۇق. شۇلارنىڭ بىرى باراتوف زۇنۇن ئۇرۇش باشلانغاندىن باشلاپ ئۇرۇشقا قاتنىشىپ، شۇ يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدا قورشاۋدا قالغان. كېيىن دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن. يەنە بىر ئاكىسى ئابدۇجېلىل توغرىلىق موسكۋا شەھىرىدىكى «خاتىرە كىتابى» دىن تېپىلدى. موسكۋا شەھىرىدىكى ۋاسىلكوۋسكىي تۇپرىقىغا يەرلەنگەن ئىكەن. 2015-يىلى رۇسىيەنىڭ قازاقىستاندىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ياردىمى ئارقىلىق موسكۋاغا باردۇق.»

مارس باراتوف يەنە ئۇلارنى موسكۋادا ھەربىي قىسىمنىڭ ۋەكىلى كۈتۈۋېلىپ، 18-ئاپرېلدا مەزكۇر تۇپراقتا ئۇرۇش قاتناشقۇچىلىرى بىلەن ئۇچراشقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئۇرۇش قاتناشقۇچىلىرى بىزگە مىننەتدارلىقىنى ئېيتتى. بوۋاڭلارنىڭ قەھرىمانلىقى ئارقىسىدا بىز مانا ھازىر بەختلىك ياشاۋاتىمىز. بىز تۇغۇلغان قاراتۇرۇق يۇرتىدىن ئېلىپ كەلگەن توپىلارنى شۇ تۇپرىقىغا چاچتۇق ھەم قۇرئان ئوقۇتتۇق. تۇپراقنىڭ ئارخىپى بار ئىكەن. شۇنىڭ ۋەكىلى چوڭ دادىمىز توغرىلىق ئېيتىپ بەردى. ئۇ جەڭ مەيدانىدا ئېغىر يارىدار بولۇپ، ھەربىي گوسپىتالدا قايتىش بولغانىكەن. ئۇ ۋاقىتلاردا ھەممىسى سوۋېت ھۆكۈمىتىدە ياشىغانلىقى ئۈچۈن ۋەتەن بىر بولغان. ئەسكەرگە چاقىرغاندىمۇ مىللىتىگە قارىماي ئالاتتى.»

بىز يەنە بىر ئۇرۇش قاتناشقۇچىسى مىرزىگۈل ناسىروفنىڭ ئوغلى مىرشېكەر ناسىروف بىلەن ئالاقىلەشتۇق. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «دادام 1942-يىلى سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشىغا چاقىرىلدى. ئۇ ۋاقتىدا سوۋېت ئىتتىپاقىدا ياشاۋاتقان مىللەتلەر ئارىسىدا ئۇيغۇر، قازاق، تاتار ۋە باشقا مىللەتلەر بار ئىدى. سوۋېتلار ئىتتىپاقىنىڭ پۇقرالىرى بولغاچقا، ئۇيغۇر قىز-يىگىتلىرىمۇ شۇ ئۇرۇشقا قاتناشقان ئىدى. بۇ يىللىرى كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ئىدېيولوگىيەسىمۇ يۇقىرى دەرىجىدە ئىدى. ئۇنىڭ باشقۇرغان ستالىننىڭمۇ ئابرۇيى ناھايىتى يۇقىرى بولغانتى. دادىمىز ئالمۇتادىكى قىسقا مۇددەتلىك ھەربىي كۇرستىن ئۆتكەندىن كېيىن جەڭلەرگە قاتناشتى. ئىككى يىل داۋامىدا كۆپلىگەن شەھەر-يېزىلارنى دۈشمەندىن ئازاد قىلىشقا قاتناشتى.»

مەلۇمكى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 40-يىللىرى ئۇيغۇر دىيارىدا شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى قانات يېيىپ، بۇنىڭغا سوۋېت ئىتتىپاقى يېقىندىن ئارىلاشقانىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى بۇ جەھەتتە كۆپلىگەن پىلانلار قۇرۇپ، شۇلارنىڭ بىرى سوۋېت ئوفىتسېرلىرىنى مەخسۇس تەييارلىقتىن ئۆتكۈزۈپ، يوشۇرۇن كىرگۈزۈش بولغان ئىدى

مىرشېكەر ناسىروف سۆزىنى داۋام قىلىپ، يەنە مۇنداق دېدى: «شۇ يىللىرى ستالىننىڭ شەرقىي تۈركىستاندا پارتلىغان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن يوشۇرۇن بۇيرۇقى چىقىپ، 25 ياشقىچە بولغان مۇسۇلمان جەڭچىلەرنى ئەۋەتىش قارار قىلىنغانتى. داداممۇ شۇ تىزىمغا كىردى. كۆپ ئۆتمەي 300 جەڭچى تاشكەنت ھەربىي مەكتىپىگە يەتكۈزۈلدى. كېيىن ئەنجان ۋىلايىتىدە ھەربىي تەييارلىقتىن ئۆتتى. كېيىن مۇرغاب ۋادىسىدا جەڭ قىلىش بويىچە مەشىق قىلدى. 1944-يىلى بىر توپ سوۋېت جەڭچىلىرى قورغاس ئارقىلىق غۇلجاغا ئۆتتى. ياش ئوفىتسېرلار ھەربىي قىسىملارغا تەقسىم قىلىندى. كاپىتان ناسىروف مەخسۇس ئاتلىق ئېسكادروننىڭ كوماندىرى بولۇپ، تەستىقلەندى.»

مىرشېكەر ناسىروفنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ دادىسى مىللىي ئارمىيە تەركىبىدىكى ئايرىم ئاتلىق دىۋىزىيونىنىڭ كوماندىرى لاۋازىمىدا ئاقسۇ تەۋەسىدە جەڭ قىلىشقا ئەۋەتىلگەن ئىكەن. لېكىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ۋە گومىنداڭ ئوتتۇرىسىدا پۈتۈلگەن 11 ماددىلىق كېلىشىمدىن كېيىن، مىرزىگۈل ناسىروف 1946-يىلى 7-ئايلاردا ئۆز دۆلىتىگە قايتىپ كەتكەن.

ئىگىلىشىمىزچە، ھازىر ئىلگىرى سوۋېت ئىتتىپاقى تەركىبىدە بولغان جۇمھۇرىيەتلەردە، شۇ جۈملىدىن قازاقىستاندىمۇ فاشىزم ئۈستىدىن قازىنىلغان غالىبىيەتنىڭ 75 يىللىقىنى داغدۇغىلىق ئاتاپ ئۆتۈش تەييارلىقلىرى كۆرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما دۇنياغا تارىغان كورونا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن بارلىق پائالىيەتلەر توختىتىلغانكەن. ئىلگىرى ھەر يىلى 9-مايدا غالىبىيەت كۈنى خاتىرىلىنىپ، بۇ كۈنى ئۇرۇش قاتناشقۇچىلىرى بىلەن ئۇچرىشىشلار ۋە ھەر قانداق باشقىمۇ پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەن ئىدى. ھازىر شۇ ئۇرۇشقا قاتناشقانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ۋاپات بولغان.

سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆزىنىڭ قۇرۇلغان بىرىنچى كۈنلىرىدىن باشلاپلا قول ئاستىدا ياشاۋاتقان ھەر خىل مىللەتلەرنىڭ قەدىمىدىن كېلىۋاتقان مىللىي ئەنئەنىلىرىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئىنكار قىلىپ، ئۆزىنىڭ مەقسەت-مۇددىئاسىنى مەجبۇرىي تېڭىپ كەلگەنلىكى مەلۇم. سوۋېت ئىدېيولوگىيەسىدىن، قانۇن-قائىدىلىرىدىن باش تارتىش، ئۇلارغا بېقىنماسلىق دايىم سىياسىي، ئىدىيەۋىي ساۋاتسىزلىق سۈپىتىدە قارشى ئېلىنغان. ئۇرۇش يىللىرىمۇ سوۋېت خەلقى، شۇ جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئەنە شۇ سوۋېت قائىدىلىرىگە بويسۇنۇشقا مەجبۇر بولغان. شۇ سەۋەبتىن يۇرتلىرىنى، ئائىلىلىرى تاشلاپ، ئۇرۇش مەيدانىغا ئاتلىنىشتىن، ئارقا سەپتە ئېغىر ئىشلارنىڭ ئورۇنلاشتىن باشقا ئامالى قالمىغانىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.