قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى جەنۇبىي قازاقىستاندا سۇ ئاپىتىگە ئۇچرىغانلارغا ياردەم بەردى

0:00 / 0:00

ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 1-مايدا قوشنا ئۆزبېكىستاننىڭ سىردەرىيا ۋىلايىتىدىكى سارتۆپە سۇ ئامبىرىنىڭ توسمىسىنى سۇ ئېلىپ كېتىش سەۋەبىدىن، بىر نەچچە ناھىيەلەر سۇ ئاستىدا قالغان. كۆپ ئۆتمەيلا ئاپەت قازاقىستاننىڭ ئۆزبېكىستان بىلەن بولغان چېگرا رايونلىرىغىمۇ يېتىپ كېلىپ، بۇنىڭدىن بولۇپمۇ تۈركىستان ۋىلايىتىنىڭ ماقتارال ناھىيەسى قاتتىق زەرداب چەككەن، يەنى 10 دىن ئوشۇق يېزىنى سۇ بېسىپ، 30 مىڭدىن ئوشۇق ئادەم بىخەتەر جايلارغا كۆچۈرۈلگەن.

قازاقىستاننىڭ «خابار 24» ئاخبارات ئاگېنتلىقىدا بېرىلگەن «ئۆزبېكىستاندىكى توسمىنىڭ بۇزۇلۇشىنىڭ رەسمىي سەۋەبلىرى ئاتالدى» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، ئۆزبېكىستاندىكى سارتۆپە سۇ توسمىسىدا يۈز بەرگەن ئاپەتنىڭ بىر نەچچە سەۋەبلىرى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە توسمىنىڭ يامغۇر ۋە قاتتىق شامالنىڭ تەسىرىدىن بۇزۇلغانلىقى ئوتتۇرىغا چىققان. ئەمما قۇرۇلۇش بويىچە بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكرىچە، سۇنىڭ توسمىنى ئېلىپ كېتىشى ئۇنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ ساپاسىز يۈرگۈزۈلگەنلىكى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئىكەن.

ئەمدى «ئازادلىق» رادىيوسىنىڭ ئۆزبېك بۆلۈمىدە ئېلان قىلىنغان «مۇتەخەسسىسلەر: سۇ ئامبىرىدىكى توسمىنىڭ ئېلىپ كېتىلىشىگە قاتتىق شامال ئەمەس، بەلكى ئوبيېكتلارنى سېلىشتىكى كەڭ كۆلەملىك ئوغرىلىقلار سەۋەب بولغان» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، سۇ ئاپىتىنىڭ يۈز بېرىشىگە پارىخورلۇق، مونوپولىيە ۋە ئوغرىلىقلار سەۋەب بولغان. ماقالىدا يەنە دېيىلىشىچە، مەزكۇر سۇ توسمىسىنى سېلىش لايىھەسىگە 25 مىليون دوللار ئاجرىتىلغان ئىكەن. ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى يېقىندا سېلىنغان مەزكۇر توسمىنى سۇ ئېلىپ كېتىش ۋەقەسى بويىچە جىنايى دېلو تۇرغۇزغان.

ئۆزبېكىستانغا قوشنا قازاقىستاننىڭ تۈركىستان ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتى مۇناسىۋىتى بىلەن ماقتارال ناھىيەسىدە ھۆكۈمەت كومىسسىيەسى ۋە تېز ھەرىكەت قىلىش شتابى قۇرۇلۇپ، مەملىكەت پرېزىدېنتىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن زەرداب چەككەنلەرگە ياردەم كۆرسىتىش ھەرىكىتى باشلاندى. دەسلەپكىلەردىن بولۇپ «نۇر-ئوتان» پارتىيەسى تۈركىستان ۋىلايىتىگە 40 توننىدىن ئوشۇق ئوزۇق-تۈلۈك، تازىلىق بۇيۇملىرى ۋە باشقىلارنى يەتكۈزدى. ئاپەت يۈز بەرگەن يەرگە ياردەم بېرىش ھەرىكىتىگە ئۇيغۇرلارمۇ ئىشتىراك قىلدى.

قازاقەخبارات» ئاگېنتلىقىنىڭ 12-مايدا ئېلان قىلغان «ئالمۇتادىن 180 توننا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ماقتارال ناھىيەسىدىكى زەرداب چەككەنلەرگە ئەۋەتىلدى» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، خەيرخاھلىق ياردەم ئالمۇتا شەھەرلىك ئۆزبېك ئېتنو-مەدەنىيەت بىرلەشمىسى، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئالمۇتا شەھەرلىك شۆبىسى، ئالمۇتا شەھەرلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت بىرلەشمىسى، قازاقىستان تۇڭگانلىرى جەمئىيىتىنىڭ ئالمۇتا شەھەرلىك شۆبىسى، «ئاخىسكا» تۈرك ئېتنو-مەدەنىيەت بىرلەشمىسى ۋە باشقىلار تەرىپىدىن كۆرسىتىلگەن. مەزكۇر ياردەم بېرىش ھەرىكىتى قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيەسى دائىرىسىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، يېقىندا ئىككىنچى ياردەم گۇرۇپپىسى ئەۋەتىلمەكچى. بىرىنچى باسقۇچتا ئەۋەتىلگەن ياردەم 23 مىليون تەڭگىنى تەشكىل قىلغانىكەن.

جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئالمۇتا شەھەرلىك شۆبىسىنىڭ رەئىسى ئەبەيدۇللام جاپپاروف ئەپەندىنىڭ پىكرىچە، پەقەت قازاقىستانلا ئەمەس، بەلكى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ بېشىغا كورونا ۋىرۇسى ئوخشاش دەھشەتلىك كېسەل كەلگەن بىر پەيتتە تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ يۈز بېرىشى بارلىق قازاقىستان خەلقى ئۈچۈن چوڭ سىناق ئىكەن. ئۇ بارلىق ئېغىرچىلىقلارنىڭ بولۇپمۇ ئاددىي خەلقنىڭ بېشىغا كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ئۇ ساپ دېھقانلار تۇرىدىغان يەر. دېھقان ھەممىنى ئەتىيازدا تېرىيدۇ. تەرگەن تېرىلغۇنىڭ ھەممىسى سۇنىڭ ئاستىدا قالدى. مۇشۇ روزا-رامزان ئايلىرىدا ياردەم قىلايلى دەپ، دوستلۇق ئۆيىدىن 180 توننا، ئۇنىڭ ئىچىدىن جۇمھۇرىيەتلىك مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ شۆبىسى 30 توننا ياردىمىمىزنى ئەۋەتتۇق. پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، مەن ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇرلىرىغا رەھمىتىمنى ئېيتىمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈن كۆڭلىمىز خۇش بولۇۋاتىدۇ.»

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى تەركىبىدىكى يىگىتباشلىرى كېڭىشىنىڭ رەئىسى يارمۇھەممەت كىبىروف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بۈگۈن دولقۇنتاينىڭ چوڭ زاۋۇتىدا ھەر تۈرلۈك نەرسىلەرنى باسقان تۈرلۈك مىللەتلەر نامىدىن 16 ماشىنىنى پاقتارال ناھىيەسىگە ئەۋەتىۋەتتۇق. قازاقىستاندا مۇشۇنداق ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ. ئۇيغۇرلارمۇ ھېچ قاچان كەينىدە قالمىغان.»

يارمۇھەممەت كىبىروف يەنە قازاقىستاننىڭ قىزىلاغاش، چارىن، چاپاي ئوخشاش يېزا-مەھەللىلىرىدە سۇ ئاپىتى يۈز بەرگەندە ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىشىپ، چوڭ ماددىي ياردەم كۆرسەتكەنلىكىنى، بۇنىڭدىن تاشقىرى ئۇيغۇر ۋە باشقىمۇ مىللەتلەر ئارىسىدا ھەر خىل خەيرخاھلىق ئىشلىرىنىڭ توختاتماي يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىگە قاراشلىق چېلەك رايونلۇق ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى نۇرجامال ھاسانوۋانىڭ ئېيتىشىچە، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ئانا تىلىنى، مىللىي مائارىپنى، مەدەنىيەتنى، سەنئەتنى، ئەدەبىياتنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەش بويىچە كۆپلىگەن ساخاۋەتلىك ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرماقتىكەن. ئۇيغۇر ياشلىرى بۇ قېتىمدا تەبىئىي ئاپەت يۈز بەرگەن جايغا ياردەم كۆرسىتىش تەشەببۇسىنى كۆتۈرۈپ، باشقىلارغا ئۈلگە بولغان ئىكەن.

نۇرجامال ھاسانوۋا مۇنداق دېدى: «تىلسىز كەلگەن بۇ ئاپەتتە ئۆي-جايلىرىدىن، مال-دۇنياسىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقان ماقتارال ناھىيەسىدە ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ غەم-قايغۇسىغا ئورتاق بولۇپ، ‹بىز بىرگمىىز› شوئارى ئاستىدا چېلەك تەۋەسى جامائەتچىلىكىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن، ياشلار تەشەببۇسى ئارقىلىق 5 توننا ياردىمىمىزنى كۆرسەتتۇق.»

ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار دۇنياغا كورونا ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشى سەۋەبىدىن ئىككى ئايغا يېقىن ۋاقىت سوزۇلۇپ كېلىۋاتقان پەۋقۇلئاددە ھالەت، كارانتىن تەرتىپى ۋەزىيىتىگە قارىماي، ھال-ئەھۋالى ئېغىر ئائىلىلەرنى، يېتىم-يېسىرلارنى، مەجرۇھ كىشىلەرنى ماددىي جەھەتتىن قوللاش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارماقتىكەن. يېقىندىن بۇيان ئۇلار يەنە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى، يەنى سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشى دەۋرىدە گىتلېر فاشىزمىغا قارشى جەڭلەرگە قاتناشقانلارغا ھەمدە ئارقا سەپتە ئەمگەك قىلغانلارغا ھەر خىل ياردەملەرنى كۆرسەتكەن. مۇنداق ئىشلار جاي-جايلاردىكى ئۇيغۇر بىرلەشمىلىرى، ياشلار، تىجارەتچىلەر تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلۈپ كەلمەكتە.